رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھاجىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بەزى تەۋسىيەلەر

يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش ھازىرقى زامانىمىزدا ئەڭ كۆپ تارقالغان بىر ئاپەت بولۇپ، زەھەرلىنىش ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

 

بىرىنچى، يېمەكلىكلەر ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن، گەرچە پۇراپ قالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر  تىزلا زەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ياز كۈنلىرىدىكى ئىسسىقتا توڭلاتقۇغا سالماستىن، رەستىدە ئۇزۇن ساقلىغان يېمەكلىك بۇزۇلىدۇ. بۇ بۇزۇلۇش زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 

ئىككىنچىسى، يېمەك-ئىچمەكلەر مىكروبلار بىلەن ئارىلىشىپ زىيانلىق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى بولۇپ، بۇ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ قاچىلىغان ۋاقتىدا بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللانمىغانلىقتىن بولىدۇ. شۇڭا قاچىلانغا  تەييار  يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش لازىم.

 

ئۈچىنچىسى، تائامنى مىس قاچىدا ساقلىغاندا تائامنىڭ مىسقا ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 

زەھەرلەنگەن ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ئاساسەن كۆڭۈلنىڭ ئايلىنىشى، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈلۈش قاتارلىقلاردۇر. بۇنداق ھالەتتە تىز قۇتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ دەرھال چارە كۆرمىگەندە ئادەم ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق زەھەرلەنگەن كىشىنى كېچىكتۈرمەستىن ئاشقازىنىنى تازىلاپ يۇيۇش ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ. 

ئاشقازىنى زەھەرلەنگەن ئادەمگە سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش، سىركە، لىمون سۈيى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى بېرىش ياخشى.

 

ئەمما پۇت ۋە قوللارنىڭ يارىلىنىشىنى داۋالاشتا ئەۋۋال قاننى توختىتىشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى قان ئېقىپ كېتىش خەتەرلىك ئىش بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىقتۇر. قانىغان يەرنى قاتتىق تېڭىپ يۆگەش، ئۈستىگە سۇغۇق سۇ ياكى مۇز تۇتۇش قاننى توزتىتىشقا ياردەمچى بولىدۇ. يارىنى تېڭىشتىن بۇرۇن يارىنى ئىسپىرت بىلەن تازىلاپ پاكىزلىگەندىن كېيىن مەخسۇس دورىنى قۇيۇپ ئاندىن تېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. 

 

ھەج كۈنلىرىدە ھاجىلار كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا باراۋەر ئادا قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك قىستىلاڭغۇلار يۈز بېرىدۇ، ئادەملەر بىر-بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇش، يۈرۈش جەريانىدا  نەپەستىن نەپەسكە بەزى مىكروبلار ئۆتىدۇ. خۇسۇسەن ھاۋانىڭ ئىسسق ۋاقىتلىرىدا ئادەملەردىن تەر، تىنىق قاتارلىقلار بىر-بىرىگە يېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كېسەل يوقتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. چۈنكى ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زامانىمىزدا ئومۇملىشىۋاتقان بەزى كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا سالامەتلىكنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى زۆرۈرىدۇر.

 

ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئېغىز بۇرۇننى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەخسۇس قەغەزلەرنى يانچۇقتىن ئايرىماستىن، يۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەندە ئېغىز بۇرۇرننى قەغەز بىلەن يېپىش ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. ئېغىز ياكى بۇرۇنغا قوللانغان قەغەزنى يەرگە ئاتماستىن، ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىش سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق بولغاننىڭ سىرتىدا مەدەنىيلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئەخلاتلىرىنى يەرلەرگە ئاتماستىن مەخسۇس ئەخلەت ساندۇقىغا سالىدىغان بولسا، مۇھىتمۇ بۇلغانمايدۇ، كېسەلمۇ تارقالمايدۇ ۋە پاسكىنىلىقمۇ بولمايدۇ. 

دېمى سىقىلىدىغانلار، قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن شىكايەت قىلىدىغانلار ۋە قەنت كېسىلى بارلار مەخسۇس دورىلىرىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ مېڭىشى لازىم.

 

مۇندىن باشقا يەنە بەزى تەۋسىيەلەر بولۇپ، ياشانغانلار ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. كەبىنى تاۋاپ قىلغاندا، سافا بىلەن مەرۋىنى سەئى قىلغاندا، شەيتانغا تاش ئاتقىلى بارغانلاردا قىستىلاڭغۇدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، ئۆزلىرىنى قاتتىق چارچىتىۋەتمەي ئىبادەت ئەسناسىدا دەم ئېلىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى ھەج ئىبادىتى بەدەننىڭ ھەرىكى ۋە كۈچى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولغانلىقتىن،  بىر كۈنىدە بەدەننى قاتتىق چارچىتىۋېتىپ كېيىنكى كۈندە ھالسىزلىنىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ. ئىبادەتنى نۆۋىتى بويىچە داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاسراش، كۆپ چارچىماسلىق تەلەب قىلىنىدۇ.

 

قاتتىق سېمىزلىكتىن شىكايەت قىلىدىغان ھاجىلار يېمەك-ئىچمەكلىرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ تەن ساقلىقىنى ساقلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىىشى لازىم. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىك بولۇپ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئالمىغاندا ئىش قىيىنلىشىدۇ. قەنت كېسىلى، قان بېسىمى يۇقىرىلىقى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار ئاساسەن سېمىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكلەرى تاللاپ يېيىش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق يېمەسلىك، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش تەلەب قىلىنىدۇ.