رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

كۈندە بىر ھەدىس (2)

1.ئىخلاس ،ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن سۆز-ھەركەتلەرنى ھەممىسىدە نىيەتنىڭ پاك بولۇشى توغرىسىدا-----ئالاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:< ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھ قىلا خالىس قىلغان،ھەق دىنغا ئىتقاد قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى.نامازن ئادا قىلىشقا ،زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلدى،ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت ،ئىخلاس،ناماز،زاكاتلار ) توغرا دىندۇر ..سۈرە بەييىنە 5-ئايەت
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يىتىپ بارمايدۇ ، ئاللاھقا يىتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر> سۈرە ھەج 37-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئېيتقىنكى ،دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يۇشۇرۇڭلار،مەيلى ئاشكارىلاڭلار،ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ>. سۈرە ئال ئىمران 29-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى


1- مۆمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ ،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:<< بارلىق ئەمەللەر ھەقىقەتەن نىيەتكە باغلىقتۇر،شۇنداقلار ھەر قانداق كىشى ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ،كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا ،ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ ،كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ياكى بىرەر خۇتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا ،ئۇنىڭ ھىجرىتى نىيەت قىلغان نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ>>  بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

2-ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئىدۇق ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى : كېسەل سەۋەبىدىن شەك-شۈبھىسىزكى مەدىنىدە قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار،ئۇلار سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار،ھەر قانداق جىلغىلارنى كىسىپ ئۆتسەڭلار ،سىلە بىلەن بىللە بولغاندەك ھېسابلىنىدۇ .يەنە بىر رىۋايەتتە : ئۇلار ئەجىردە سىلەر بىلەن شىرىك دىگەن مەنىدە .  مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

3-ئەبۇ ھۈرەيرە ئابدۇراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:شۈبھىسىزك ئاللاھ تائالاھ سىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈڭلارغا ئەمەس،بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ >> مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

4- ئەبۇ مۇسا ئەشئەري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:ئۆز پالۋانلىقىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ياكى گوروھۋازلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى رىيا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدىغانلار بار ،بۇلارنىڭ قايسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ دەپ سورالغاندا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :كىمكى ئاللاھنىڭ تەۋھىد كەلىمىسنىڭ ئۈستۈنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىكەن ئەنە شۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ >> دېدى .  بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ....

5- ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر بىرىگە قېلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ>> دېدى ، مەن ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئۆلتۈرگىچىغۇ شۇنداق ئۆلگۈچى نىمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ ؟ دېدىم ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : چۈنكى ئۆلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمرايىنى ئۆلتۈرۈشكە قىزىققان ئىدى >> دېدى .    بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان

6-ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس قۇددۇستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: << ھەقىقەتەن ئاللاھ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى يازدى.ئاندىن ئۇنى مۇنداق بايان قىلدى : كىمكى بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى قىلمىسا ،ئاللاھ ئۇنىڭغا كامىل بىر ياخشىلىقنى قىلغاننىڭ ساۋابىنى يازىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلسا ،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئوندىن تاتىپ 700 ھەسسىگىچە ياخشىلىقنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ .ئەگەر بىر يامانلىقنى نىيەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كامىل بىر ياخشىلىقنى يازىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلسا بىر يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يازىدۇ>> دېگەن.  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت  قىلغان  ...