رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەل بولۇپ كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى (1)

تارىخچىلار يېزىپ قالدۇرغان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ قېتىم سانى 70 تىن ئاشىدۇ. بىزگە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بىز بۇ يەردە پەقەت تارىخى ئەھمىيىتى زور ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. كۆپ قىسىم قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى گەرچە مەككە پەتھىسىدىن كېيىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم قەبىلە خەلقلىرىنىڭ ئەلچىلىرى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى كەلگەن. 1. ئابدۇلقەيس ئەلچىلىرى — بۇ قەبىلىنىڭ ئەلچىلىرى ئىككى قېتىم كەلگەن. بىرىنچى قېتىم ھىجرىيىنىڭ 5- يىلى ياكى ئۇنىڭ سەل ئالدىدىراق كەلگەن. ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق: ئابدۇلقەيس قەبىلىسىدىن مۇنقىز ئىبنى ھەببان ئىسىملىك بىر كىشى مەدىنىگە تىجارەت بىلەن كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن كېيىنمۇ كېلىپ تۇردى ۋە ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا مۇشەررەپ بولدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ قەۋمىگە يازغان خېتىنى ئېلىپ بارغانىدى، ئۇلار مۇسۇلمان بولدى ۋە ھارام ئايلارنىڭ بىرىدە 13 ياكى 14 كىشىلىك ئەلچى تەشكىللەپ مەدىنىگە ئەۋەتتى. بۇ قېتىم ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىمان - ئىسلام ۋە يېمەك - ئىچمەك توغرىسىدا سوئال سورىدى. ئۇلارنىڭ باشلىقى ئەشەج ئەسرى دېگەن كىشى ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەندە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياقتۇرىدىغان ئىككى خىسلەت بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىك» دېگەنىدى. بۇ قەبىلىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن ۋاقتى كېيىنكى ئەلچىلەر يىلى (يەنى ھىجرىيىنىڭ 10-يىلى) غا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭ سانى 40 ئادەم ئىدى. ئەلچىلەر ئىچىدە جارۇد ئىبنى ئەلائۇلئەبدى دېگەن بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ ئەسلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ بۇ قېتىم ئىمان ئېيتىپ، ناھايىتى ئىخلاسمەن ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى. 2. دەۋس ئەلچىلىرى — بۇ قەبىلىنىڭ رەسمىي ئەل بولۇپ ئەلچى ئەۋەتكەن ۋاقتى ھىجرىيىنىڭ 7- يىلى يىل بېشى، يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەيبەردىكى ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. كىتابىمىزنىڭ بېشىدا بىز شۇ قەبىلىدىن تۇفەيل ئىبنى ئەمرى ئەددەۋسى دېگەن بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككىدىكى چېغىدىلا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى مەككىدە ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خەلقىنى ئىزچىل ئىسلامغا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار تۇفەيلنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشمىغان، شۇنىڭ بىلەن تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ دەۋس خەلقىگە دۇئا قىلىشنى ئۆتۈنگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! دەۋس خەلقىگە ھىدايەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغان. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەۋس خەلقى تولۇق مۇسۇلمان بولغان. تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز خەلقىدىن 70 ياكى 80 ئۆيلۈك ئادەمنى باشلاپ ھىجرىيىنىڭ 7- يىلى باھاردا مەدىنىگە ئەلچى بولۇپ كەلدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەيبەر غازىتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىن خەيبەرگە بېرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشتى. 3. فەرۋە ئىبنى ئەمرى ئەلجۇزامى ئەلچىلىرى — فەرۋە دېگەن بۇ كىشى شامنىڭ مەئان دېگەن يېرىدىن بولۇپ، رىم قوشۇنى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئەرەب قوماندان ئىدى. قوشۇمچە رىم ئىشغالىيىتىدىكى ئەرەب زېمىنىغا قورچاق باش مەئمۇر ئىدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ (ھىجرىيىنىڭ 8- يىلىدىكى) مۇئتە ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرى ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ مەدىنىگە يولغا سالدى. ئۇ ئەلچىلەردىن بىر دانە ئاق قېچىرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئالايىتەن سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. رىم دائىرىلىرى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ھەپسىگە ئالدى. ئاندىن ئۇنى پەلەستىنگە يالاپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭغا بۇ يولدىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ خىزمەت كۆرسىتىش ياكى ئۆلۈمنى تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. بۇ چاغدا ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆلۈمنى تاللىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى ئەپرا دەرياسى بويىغا ئەپچىقىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن پەسكە چۈشۈرۈپ قىلىچ بىلەن بېشىنى ئالدى. 4. سەدائ ئەلچىلىرى — بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ھىجرىيىنىڭ 8- يىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئىررانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا مەدىنىدە پەيدا بولدى. ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئىررانىدىن قايتىش ئالدىدا مۇسۇلمانلاردىن 400 كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللەپ يەمەن تەۋەلىكىگە تېگىش قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سەدائ دېگەن جايمۇ بار ئىدى. قوشۇن ئاتلىنىپ شۇ تەرەپتىكى بىر قانالنىڭ بېشىغا كېلىپ چۈشۈپ، ئۇ يەرگە بازا تەسىس قىلىپ تۇرغاندا، شۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى زەياد ئىبى ھارىس سەدائى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كىچىلەپ يول يۈرۈپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېىشىغا كەلدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «مەن ساڭا ئۆز خەلقىمگە ۋاكالىتەن ئەلچى بولۇپ كەلدىم. قوشۇننى قايتۇرۇپ كەلسەڭ، مەن خەلقىمگە ۋاكالىتەن ساڭا ئەل بولۇشقا كېپىل بولسام» دەپ ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننى شۇ يەردىنلا قايتىشقا بۇيرۇق قىلىپ ئادەم ئەۋەتتى. زەياد ئىبنى ھارىس سەدائىمۇ قايتىپ خەلقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەل بولۇشقا ھەيدىدى. نەتىجىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئىررانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، شۇ قەبىلىدىن 15 ئادەم تەشكىللىنىپ كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت بېرىشتى. ئاندىن قايتىپ ھەممىسى ئۆز خەلقلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلار تېز كۆپىيىپ، كېيىنكى يىلدىكى ھەججەتۇلۋىدادا ئۇلاردىن 100 ھاجى مەككىگە كېلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا قاتناشتى. 5. كەئەب ئىبنى زۇھەير ئىبنى ئەبى سەلمانىڭ ئەل بولۇپ كېلىشى — كەئەب ئىبنى زۇھەير ئەدىب ۋە شائىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەرەب شائىرلىرى ئىچىدە ئەڭ شۆھرەت قازانغان يىتۈك شائىر ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەجۋىي قىلىدىغان شېئىر-قۇشاقلارن كۆپ توقۇغان. ھىجرىيىنىڭ 8- يىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تائىف غازىتىدىن قايتقاندا، كەئەبنىڭ قېرىندىشى بۇجەير ئىبنى زۇھەير ئۇنىڭغا خەت يېزىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ قېتىم مەككىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ۋە ھەجۋىي شېئىر توقۇپ ئەلنى قايمۇقتۇرغان بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، بىر قىسىم قۇرەيش شائىرلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ خېتىدە، «ئەگەر توغرا تاپساڭ دەرھال كېلىپ رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)دىن ئەپۇ سورىغىن. ئۇ گۇناھىنى تونۇغان ئادەمنى ئەيىبكە بۇيرىمايدۇ. ناۋادا بۇنداق قىلمىساڭ جېنىڭنى جايلىغىن، ئەھۋال خەتەرلىك» دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قېرىنداش ئارىسىدا خېلى كۆپ قېتىم خەت-پەت ئالماشتۇرۇشلار بولغان. كەئەبكە نىسبەتەن كەڭ جاھان بارغانچە تار تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇ قانداقتۇر بىر قارا كۆلەڭگە ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىش كويىدا بولۇۋاتقاندەك ۋەھىمىگە پاتتى. شۇنىڭ بىلەن كەئەب بىر كۈنى خۇپىيانە ھالدا مەدىنىگە كەلدى ۋە جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنى بىللە ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن جۇھەينىلىك ھېلىقى كىشى كەئەبكە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرسىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرغانچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! كەئەب ئىبنى زۇھەير تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولۇپ سەندىن ئامانلىق تىلەپ كەلگەنىكەن، ئەگەر مەن ئۇنى باشلاپ كەلسەم ئۇنى كەچۈرەرسەنمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئەبنى تۇنۇمايتتى. شۇڭا ئۇ: «ھەئە، ئەلۋەتتە» دەپ جاۋاب بەردى. كەئەب: «كەئەب ئىبنى زۇھەير دېگەن مەن بولىمەن، مېنى ئەپۇ قىلسىلا» دېگەنىدى، ئەنسارلاردىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىشقا رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «تۇرۇپ تۇرغىن، ئۇ ئۆتمىشىگە پۇشايمان قىلىپ كەپتۇ» دېدى. كەئەب مۇسۇلمان بولدى. مۇسۇلمان بولغاندىمۇ ناھايىتى تەقۋادار ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ كەتتى.