رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى (4)

ئوممان پادىشاھىغا يوللىغان مەكتۇب _  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئومماننىڭ پادىشاھى جەيفەر ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدى (جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى) گە مەكتۇب يوللىدى. مەكتۇبنىڭ تېكىستى مۇنداق ئىدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتىن جۇلەندىنىڭ ئىككى ئوغلى جەيفەر ۋە ئەبدىگە: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، مەن سىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار ئامان بولىسىلەر، مەن ھايات ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا، كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن. مۇسۇلمان بولساڭلار، ئۆز مەنسىپىڭلاردا قالىسىلەر، ئەگەر باش تارتساڭلار ھوقۇقىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. يۇرت ماكانىڭلار ئاتلىق قوشۇننىڭ تۇياق ئاستىدا قالىدۇ. مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىم تەۋەيىڭلاردا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، ۋەسسالام.    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇردى. ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەكتۇبنى ئېلىپ ئاخىر ئوممانغا يېتىپ باردىم. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ ئاۋۋال ئەبدى بىلەن كۆرۈشتۈم (ئەبدى جەيفەرگە نىسبەتەن مىجەز-خۇلقى تەمكىن ئادەم ئىدى) ۋە ئۇنىڭغا: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ جەيفەرگە مەخسۇس ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا: «قېرىندىشىم جەيفەر ياشتا ۋە ھوقۇقتا مەندىن چوڭ تۇرىدۇ، شۇڭا مەن سېنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇراي. مەكتۇبىڭنى ئۇ ئۆزى ئوقۇپ كۆرسۇن» دېدى. ئاندىن ئۇ: «سەن نېمىگە دەۋەت قىلىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر، يەككە-يېگانە، شېرىكى يوق دەپ بىلىشكە، ئاللاھتىن باشقا (يالغان) مەئبۇدلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىمەن» دېدىم. ئۇ ماڭا: «ئى ئەمرى، سەن خەلقىڭ ئىچىدە خېلى نوپۇزلۇق ئادەم، ئېيتقىنە، سېنىڭ ئاتاڭ قانداق قىلدى؟ ئۇنى بىز ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلايلى» دېدى. مەن: «ئۇ ئىمان كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتتى. مەن ھازىر ئۇنى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان بولىسكەن دەيمەن. مەنمۇ يېقىنغا قەدەر ئاتامغا ئوخشاش تونۇشتا ئىدىم، يېقىندا ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلىپ مۇسۇلمان بولدۇم» دېدىم. ئەبدى مەندىن: «ئۇنىڭغا سەن قاچاندىن بېرى ئەگەشتىڭ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئۇزاق بولمىدى» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ يەنە مەندىن قەيەردە مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سورىغانىدى، مەن نەجاشىنىڭ ھوزۇرىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ۋە نەجاشىنىڭمۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتسام، ئۇ: «نەجاشىنىڭ خەلقى ئۇنىڭ ھاكىمىيتىنى قانداق قىلدى؟» دېدى. مەن: «ئۇنىڭ خەلقى ئۇنى ئۆز ئورنىدا قالدۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتى» دېسەم، ئۇ: «باش پوپلار ۋە راھىبلارنىڭ ھەممىسى ئەگەشتىمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «ھەئە، ئۇلارمۇ ئەگەشتى» دەپ جاۋاب بېرىۋىدىم، ئەبدى: «ئى ئەمرى، ئوبدان ئويلاپ سۆزلىگىن، ئادەمگە يالغانچىلىقتىن قەبىھ رەسۋاچىلىق يوق» دېدى. مەن: «قەتئى يالغان ئېيتمىدىم، يالغان ئېيتىشنى دىنىمىزدا قەتئى راۋا كۆرمەيمىز» دېدىم. ئاندىن ئۇ: «پادىشاھ ھىرەقلى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقمىغان بولسا كېرەك» دېدى. مەن: «ئەلۋەتتە ئۇققىدۇ» دېدىم. ئۇ: «بۇنى قانداق بىلىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «نەجاشى ئەسلىدە ھىرەقلىگە ئولپان تاپشۇرۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەندىن كېيىن: ‹ئەزبىرائى خۇدا! ئۇ (يەنى ھىرەقلى) مەندىن بىر تىيىن سورىسىمۇ بەرمەيمەن› دەپ قەسەم قىپتۇ. بۇ گەپ ھىرەقلىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ئىكەن، قېرىندىشى نىياق ئۇنىڭغا: ‹نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ساڭا ئەل بولۇپ، ئولپان تاپشۇرۇپ كەلگەن بىر قۇلۇڭ ئەمدىلىكتە بىراقلا ئىتائەتتىن چىقىپ، سېنىڭ دىنىڭنى تاشلاپ يېڭى بىر دىنغا مايىل بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەڭ توغرا بولامدۇ؟› دېگەن ئىكەن، ھىرەقلى: ‹كىشى ئۆزىگە بىر دىننى تاللاپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ كەتسە، مەن توسۇپ نېمە قىلاتتىم. قەسەم قىلىمەنكى، ھوقۇق - مەنسەپنى دېمىسەم، مەنمۇ ئۇنىڭ قىلغىنىنى قىلار ئىدىم› دەپ رەددىيە بەرگەنمىش» دېۋىدىم، ئۇ: «ئى ئەمرى! ئېيتقانلىرىڭ راستمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئەزبىرايى خۇدا، راست بولمايچۇ» دېدىم. ئەبدى: «مۇھەممەد نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ، نېمىلەردىن توسىدۇ، ماڭا ئېيتىپ بەرگىن؟» دېدى. مەن دېدىمكى: «ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشتىن توسىدۇ. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، سىيلە-رەھىمنى ئۇلاشقا بۇيرۇيدۇ. زۇلۇم سېلىش، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، زىنا قىلش، ھاراق ئىچىش، تاش-تىكەن، بۇت-ھەيكەللەرگە ۋە كرېست تىلمۇدلارغا چوقۇنۇشتىن توسىدۇ».ئەبدى بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنىڭ دەۋەت قىلغانلىرى نېمىدېگەن ياخشى، ئەگەر قېرىندىشىم ماقۇل كۆرسە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن بولاتتۇق. لېكىن، ئۇ مۇھەممەدكە تەۋە بولۇپ ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە كۆزى قىيمايدۇ» دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئەگەر قېرىندىشىڭ مۇسۇلمان بولسا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆز مەنسىپىدە قالدۇرىدۇ-دە، ئۇ بايلاردىن زاكات ئېلىپ، كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ھۆكۈم سۈرسە بولۇۋېرىدۇ» دېگەنىدىم، ئۇ: «ئى ئەمرى! بۇ ياخشى قائىدە ئىكەن، سەدىقە-زاكات دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېكىتكەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىسادىي مال- مۈلۈكلەردە بولىدىغان ئۆشرە ۋە زاكات مەجبۇرىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، تۆگە ھەققىدە توختىلىۋىدىم، ئەبدى ئىبنى جۇلەندى: «ئى ئەمرى، يايلاقتا بېقىلىۋاتقان چارۋىلىرىمىزدىنمۇ زاكات ئېلىنامدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «ھەئە، ئەلۋەتتە ئېلىنىدۇ» دېدىم. ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ يۇرت-مەھەللە مەنزىللىرى كەڭ ھەم تارقاق، چارۋىلىرى كۆپ، بۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىقى تەس» دېدى. ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرقانچە كۈن تۇردۇم، ئۇ قېرىندىشى جەيفەرگە مېنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىمنى، ئېيتقان سۆزلىرىمنى يەتكۈزۈپ تۇردى. جەيفەر بىر كۈنى مېنى چاقىرتىپتۇ. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇنىڭ ئادەملىرى مېنى توسىماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ماڭا كىرىشكە ئىجازەت بېرىپ ئىشارەت قىلدى. مەن كىرىپ جەيفەرنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋىدىم، ئۇلار مېنى ئولتۇرغۇزمىدى. ئۇنىڭغا قارىسام، ئۇ: «گېپىڭ بولسا دېگىن» دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان مەكتۇبنى ئۇزىتىۋىدىم، جەيفەر مەكتۇبنامىنى ئېچىپ ئوقۇپ ئاخىرلاشتۇرۇپ قېرىندىشىغا بەردى. ئۇمۇ مەكتۇبنى ئېلىپ ئوقۇدى. ئۇ مەكتۇبتىن خېلىلا تەسىرلەنگەندەك قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى ئەمرى، قۇرەيشلەر قانداق قىلدى؟». مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشتى. يەنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇنىڭ دىنىغا كىردى ۋەياكى قىلىچ بىلەن ئىتائەتكە كەلدى» دېدىم. جەيفەر: «ئۇنىڭ يېنىدا قانداق ئادەملەر بار؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئادەملەر ئىسلامغا مايىل بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئىسلام دىنىنى باشقا دىنلاردىن ئەۋزەل بىلمەكتە. ئاۋام خەلق ھازىر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۆتمۈشىنىڭ ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىقتا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشماقتا، ئەمدى ھازىر مۇشۇ ئەتراپتا سەنلا قېپقالدىڭ. بۈگۈن سەنمۇ مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭغا تابىي بولمىساڭ، ئەتە ئۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى سېنىڭ باغ-ۋاران ۋە ئۆي-ماكانلىرىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سېنى ئۆز مەنسىپىڭدە قالدۇرىدۇ. ئاتلىق قوشۇن دېگەنلەرنى كۆرمەيسەن» دېدىم. ئۇ ماڭا: «بىر كۈنلۈك مۆھلەت بەرگىن، ئەتە ئەتىگەن ئۇچرىشايلى» دېدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن جەيفەرنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدىنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ماڭا: «ئى ئەمرى، مەن ئۇ (جەيفەر) نىڭ ھوقۇقىغا تارتىشىپ قالمىسىلا چوقۇم مۇسۇلمان بولۇشىغا ئىشىنىمەن» دېدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋىدىم، ئۇلار مېنى كىرگۈزمىدى. شۇڭا يەنە قايتىپ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەبدىنىڭ يېنىغا بېرىپ جەيفەر بىلەن ئۇچرىشالمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەبدى مېنى قېرىندىشى جەيفەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن سېنىڭ دەۋەت قىلغان ئىشلىرىڭ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. بىر ئادەمنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆرمەي تۇرۇپ قولۇمدىكى ھوقۇقۇمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەم، سۇنى كۆرمەي كىيىم سالىدىغان قابىلىيەتسىز ئادەم بولۇپ قالغۇدەكمەن. ئۇنىڭ قوشۇنى يېتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ» دېدى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا ئەتە يولغا چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ راستلا قايتماقچى بولغانلىقىمغا جەزم قىلغاندىن كېيىن، قېرىندىشى ئەبدى بىلەن بىردەم ئايرىم پىكىرلىشىپ مۇنداق دېيىشىپتۇ: «بىز مۇھەممەد بىلەن قارشىلىشىپ پايدا تاپالمىغۇدەكمىز، مۇھەممەد مەكتۇب ئەۋەتكەن ئەللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا ئىتائەت بۇيۇنلىرىنى ئېگىپتۇ». شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ ئاكا-ئۇكا ئىككىلىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇتابىئەت قىلدى. مېنىڭ زاكات ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ھەق-تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى شەرىئەت بويىچە ئايرىشىمغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى ۋە قارشىلىق قىلغانلارغا مەن تەرەپتە تۇرۇپ ياردەم قىلدى. قىسسىنىڭ جەريانىدىن قارىغاندا، بۇ مەكتۇبنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ۋاقتى باشقا پادىشاھ ۋە ۋالىيلارغا مەكتۇب ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتىن كۆپ كېيىن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ مەككە ئىشغال قىلىنغاندىن كېىين ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.  شۇنداق، مانا مۇشۇ مەكتۇبلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دەۋەت ساداسىنى شۇ مەزگىلدىكى جاھان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ، بويۇن تولغاپ كاپىر ھالەتتە قالغانلىرىمۇ بولدى. لېكىن، بۇ سادا ئاشۇ كاپىر بەتبەختلەرنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىنى قاپلىدى، ئۇلارغا پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى-شەرىپىنى ۋە دىنىي مەسلەك نىشانىنى ئۇقتۇردى.