رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m009.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
بىزنىڭ ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر غەلبىگە ئېرىشىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن بىر ئىش دەپ گۇمان قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەپلەرگە سەل قاراپ، بىز مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايمىز دېگەن ئاڭ بىلەن خورلۇققا كۆنۈپ كەتكەن.
غەلىبە دېمەك، كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىققا قاراپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى دېمەكتۇر. كامالەت بىر ئاللاھغىلا خاستۇر. ئەگەر، بىراۋنىڭ دۇنيادىكى غايەمگە يىتىپ بولدۇم دېگەنلىكىنى ئاڭلىساڭ، بىلگىنكى ئۇ، ئادەم چۈشكۈنلىشىشكە قەدەم باسقان بولىدۇ. ئىنساننىڭ غەلىبە يولىغا قاراپ سەئيى قىلىشى پۈتۈن ئىنسانلاردىن تەلەپ قىلىنغان بولۇپ ئاللاھ ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى زايە قىلمايدۇ.

بەدىئۇززامان ئەلھەمزانى مۇنداق دەيدۇ: مەندىن تەلەپ قىلىنغىنى پەقەتلام سەئيى قىلىش
غەلبىگە ئېرىشىش ئەمەس. بۇ، ۋەسىيەتلەر ھايات بوستانلىرىدىن غەلبىنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈشنى ئىرادە قىلغانلار ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتقا ئېرىشىشنى ئىرادە قىلغانلار ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە نىجاتقا ئېرىشەلمىگەن، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولغان كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا غەلىبە قىلغىنىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.

1- ۋەسىيەت، ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش! چۈنكى تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى زادە راھىلە ۋە ياخشى ۋەسىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، اﷲ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ]. [1]
2- قەلبىڭنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولغان سۆيگۈ بىلەن تولدۇرغىن، ئاتا-ئاناڭ ۋە ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۆر. چۈنكى سۆيگۈ ياشلىقىنى يېڭىلايدۇ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، قەلىبكە خاتىرجەملىك ۋە ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆچمەنلىك ۋە بىزارلىق بولسا بەخىتسىزلىك ۋە جاپا مۇشەققەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئائىلەڭدىكىلەرگە يېتەرلىك مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا سەل قارىما. چۈنكى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت جاراھەتلەرنى بېسىپ قەلىپكە مېھرى مۇھەببەت ۋە ئۈلپەت بېغىشلايدۇ.
3- ئۆز مەنپەئىتىڭدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىل. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: [ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ.] [2]
بەخىتلىك كىشىلەر ياخشىلىقنى باشقىلارغا تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. شەقىيلەر ياخشىلىقنى ئۈز نەپسى ئۈچۈنلا ئىھتىكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبى غەزەپ ۋە نەپرەتكە تولغان بولىدۇ. قەلبىڭنى مۇھەببەت، شەپقەت ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن تولدۇرغىن. چۈنكى شەقىيلەرنىڭ قەلبى ئۆچمەنلىك ئاداۋەت ۋە نەپرەت بىلەن تۇشقان بولىدۇ.
4- ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ياش تۆكمە. چۈنكى ئۆتكەن تەلەيگە ياش تۈكىدىغانلارغا دۇنيامۇ كۈلۈپ باقمايدۇ. باشقىلار مۇشەققەت چەكسە خۇشال بولىدىغانلارغا كۈنلەرمۇ رەھىم قىلمايدۇ. سېغىلىپ بولغان سۈتكە يىغلىما، بەلكى ئۇ سۈتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەت. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەگەر ساڭا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، دېمىگىن، ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، دېگىن . ئەگەر، كاشكى دېگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ. دېگەن سۆزىنى ئونۇتما.

5- ئۈمىدۋار بول. چۈنكى ئۈمىدۋار كىشىلەر كېچىسى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ بىشارەت ۋە ياخشىلىق ھېس قىلسا، ئۈمىدسىز كىشىلەر يۇلتۇزغا قارىغانسېرى زۇلمەت ۋە قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە ھېس قىلمايدۇ.
ئۈمىدۋار بول. چۈنكى ئۈمىتۋارلار باشقىلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئېرىشىدۇ. ئۈمىتسىزلەردىن باشقىلارمۇ نەپرەتلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ھىلمىي مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈمىدۋار كىشىلەرگە تەئەججۇپلىنەتتى، چۈنكى ئۈمىدۋارلىق ئاللاھ تالاغا قارىتا ياخشى گۇمان قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈمىدسىزلىك بولسا ئاللاھغا قارىتا يامان گۇماندا بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. جۈملىدىن مۆمىنلەر ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھغا قارىتا ياخشى گۇمان قىلىشقا بۇيرۇلغان.
6- ناھايىتى ئىنساپلىق بولۇش. چۈنكى زۇلۇم ئىنساننىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. بىز دائىم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ ھېسابىغا خاتالىق ئىشلەيمىز، كۆزىمىزنى داۋاملىق ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا مەركەزلەشتۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇنتۇيمىز. كەمچىلىكسىز، ئەيىب نۇقسانسىز بولىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئەمما ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بولسا، بىز ئىنسانمىز. ئىنسان بولغاندىكىن خالىشىمىز دېگەندەك سۆزلەر بىلەن يۆگەشكە تىرىشىمىز.
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن: سىنىڭ ئۆز قېرىندىشىڭدىكى ياخشىلىقلارنى يۇشۇرۇپ، كەمچىلىك ياكى خاتالىقلىرىنى زىكرى قىلىشىڭ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ، دەيدۇ. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھمۇ، مەخلۇققا ئىنساپ قىلمىغان كىشى، خالىققىمۇ ئىنساپ قىلمايدۇ، دېگەن.
7- ئەگەر ئىنسانلار ساڭا تاش كېسەكلەرنى ئاتسا، سەن ئۇ تاش كېسەكلەرنى يېغىپ ئۆينى يېڭىلاشقا ئىشلەتكىن. ئەگەر ساڭا ئىنسانلار گۈل چېچەكلەر سوغا قىلسا، سەن ئۇنى، ساڭا ئىلىم ئۆگەتكەن ۋە تاغ - باغرىلىرىدا كۈرەش قىلغان ۋاقىتلىرىڭدا سېنىڭ قۇلۇڭنى تۇتۇپ يول كۆرسەتكەنلەرگە تارقاتقىن.
8- ئاۋۋال ئاللاھ تالاغا ئاندىن كىيىن ئۈزەڭگە ئىشەنچ قىل. ئۆز ئەيىپلىرىنىڭنى بىل. شۇنىڭغا چىن ئىشەنكى: سەن ئەيىپلىرىڭىدىن قانچىلىك خالى بولساڭ، مۇراد مەقسەتلىرىڭگە شۇ قەدەر يېقىن بولغان بولىسەن. ئۆز خاتالىقىڭنى ئۇنۇتما، قېرىنداشلىرىڭ ۋە دوسلىرىڭنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇنۇت. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز كەمچىلىكىنى تونىغان ۋە ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشقان ئىنسان ئەڭ بەخىتلىك ئىنساندۇر.

9- ئەگەر سەن بىر ئىشتا غەلىبە قىلساڭ تەمەننا ۋە مەغرۇرنىڭ قەلبىڭگە كىرىشىگە يول قويما.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:ئاللاھ ماڭا: بىرسى - بىرسىگە چوڭچىلىق قىلمايدىغان، بىرسى- بىرسىگە زۇلۇم قىلمايدىغان ھالەتتە كەمتەر بولۇڭلار دەپ ۋەھيى قىلدى. (مۇسلىم رىۋايىتى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئۆزەڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئۇبدان بىلىدۇ. (سۈرە نەجم 32 ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئەگەر يېقىلىپ چۈشسەڭ، باشقىلار ماڭا كاتاك كولىدى دېگەن ۋەھىمە بولماستىن، بەلكى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇپ يولۇڭغا داۋام قىلىشقا ۋە ئىككىنچى قېتىم يېقىلىپ چۈشمەي مېڭىش ئۈچۈن كۆزۈڭنى ۋە ئەقلىڭنى ئېچىشقا تىرىشقىن.

ئابدۇلئەھەت ئۇجات تەرجىمسى.
[1] [1] سۈرە تالاق1-2 ئايەت.
[2] [2] سۈرە تالاق1-2 ئايەت.