رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m010.jpg
m008.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:

10- ۋەسىيەت: دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، قارا نىيەتلىك قىلما. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرەر مۇسىبەت يىتىپ قالسا، دۇئا ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ئىشتىراك قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. (سۈرە شۇرا 43- ئايەت. )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. تىرمىزى رىۋايىتى.
11- قانائەتچان بولۇڭ ھۇرۇن بولماڭ، ئەزىز بولۇڭ مەغرۇر بولماڭ، كەمتەر بولۇڭ خار بولماڭ. كەمتەرلىك ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى كۈتۈرۈپ جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ماقاملىرىغا قەدەر يەتكۈزىدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)
12- ياخشى كىشىلەرنى دوست تۇت، ۋە ئۇلاردىن ئايرىلما. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ دىيانىتى ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ دىيانىتىگە قارىتا بولىدۇ، شۇڭا سىلەر دوست بولماقچى بولغان ئادەمگە قاراپ دوستلىشىڭلار. (ئەبۇد داۋۇت ۋە تىرمىزى رىۋايىتى)
دوستۇڭنىڭ چوڭ كىچىك خاتالىقرىغا كايىما، كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەت. چۈنكى كامالەت بىر ئالاھغىلا خاستۇر. دوستۇڭنىڭ ئاللاھغا بولغان ئىخلاسى ۋە توغرا يوللىرىنى كۆزەت ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلما. ئەگەر سەن ئۇنى يوقىتىپ قويساڭ ھاياتنىڭ غەم قايغۇلىرىدا ھەمدەم بولىدىغان ۋە سېنى ياخشىلىققا باشلايدىغان كىشىدىن مەھرۇم قالىسەن. ئابدۇللاھ ئىبنى جەئپەر مۇنداق دەيدۇ: بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىڭدا سىنى بېزەيدىغان، يۇق ۋاقىتلىرىڭدا سېنى ھىمايە قىلىدىغان، ئىھتىياجىڭ چۈشۈپ قالسا ساڭا ياردەم بېرىدىغان، سەندىن بىرەر كەمچىلىكنى كۆرۈپ قالسا يۆگەيدىغان، سەندىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ساناپ سېنى ئىسلاھ قىلىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇت.

13- باشقىلار بىلەن جىدەللەشمە، چۈنكى جەڭگە جېدەل دوستلۇق ئاغامچىلىرىنى ئۈزۈپ، دوستلار ئوتتۇرىسىدا خىيالى توسمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. قەلبىڭنى ياكى كۆكسىڭنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بۇ يىل تېخىمۇ كەڭرەك قىل. چۈنكى بەختلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلى كۆكسى تار بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەردائىم باشقىلارنى كەچۈرىدۇ ۋە كەمچىلىكلىرىگە سەۋر قىلىدۇ. باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمە، ياخشى مۇئامىلىدە بول.
14- سىنىڭ ھەققىڭدە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى كەچۈرۈم قىل. ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىل. چۈنكى كەچۈرۈم قىلىش ياكى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، باشقىلارنى ساڭا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۆچمەنلىك داغلىرىنى قەلبىڭدىن ۋە خاتىرەڭدىن يۇيۇپ چىقىرىۋەت،
15- ئەتىراپىڭدىكىلەرگە قەلبىڭ، ئەقلىڭ، مېلىڭ ۋە ۋاقتىڭنى ئاجراتقىن، داۋاملىق ئۇلارغا ھېساب بېرىش پاتۇرالىرىنى تەقدىم قىلمىغىن. ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم بەرسەڭ، باشقىلارنىڭ ساڭا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلما. قىلغان ئەمەللىرىڭ ۋە ئىشلىرىڭ خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسۇن. ئەگەر سەن بىرىگە گۈزەل بىر ھەدىيە بەرسەڭ ئۇنى زىكرى قىلىشتىن ئاگاھ بول. ئەگەر ساڭا بىرى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتما. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار.) بەقەرە سۈرىسى 264 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

16- ھايات باسقۇچلىرىدا دۈچ كەلگەن ھەربىر مەغلۇبىيەتنى كېلەچەكتە غەلىبە قىلىش ۋە ياردەمگە ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ بىرى دەپ قارا. دانالاردىن بىرى غەلىبە شوتىنىڭ بالداقلرىغا ئوخشاش بولۇپ قولۇڭنى يانچۇققا سېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.
17- ھەركۈنى ئاددى بولسىمۇ يېمەككە ئېرىشكىنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا شۈكرى قىل. ئالى قىممەتلىك يېمەك ئىچمەكلەرگە ئىرىشەلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن كۈن ياكى زامانغا لەنەت ئوقۇما. قانائەتچان بول. باشقىلارغا بىرىلگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشتىن ساقلاڭ. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە نېمەت ئاتا قىلىدۇ. سەن ئۇ نېمەتلەرنىڭ زاۋال بولۇشىنى ئۈمىت قىلما. بەلكى ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن تىلىگىن.
18- ھەر كۈنى ئاللاھنىڭ ئەپوسى ۋە خاتىرجەملىكنى تىلەشنى ئۇنۇتما. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەم بولۇشنى تىلەڭلار، ھېچبىر كىشىگە ئاللاھغا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن خاتىرجەملىكتىن باشقا نەرسە بېرىلمىدى، دېگەن.
19- ئاللاھدىن پايدىلىق ئىلىم، كەڭ رىزىق تەلەپ قىلغىن. چۈنكى ئىلىم بىر بايلىق بولۇپ ئۇنى ئوغۇر ئالالمايدۇ. جاھىلنىڭ قولىدىكى مىڭ دىنار بىر ئۇچ تۇپا بىلەن باراۋەر بولىشى، ئالىمنىڭ قولىدىكى بىر ئۇچ تۇپا مىڭ دىنارغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئېلىي ئىبنى تالىب يېنىدىكى كىشىلەردىن بىرىگە مۇنداق دېگەن: ئىلىم مالدىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ. ئەمما مالنى سەن قوغدايسەن. ئىلىم ھاكىمدۇر، ئەمما مال بولسا مەھكۇمدۇر. مال سەدىقە ئارقىلىق ئازايسا، ئىلىم سەدىقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپىيىپ گۈللىنىدۇ. ئىلىم مەغرۇرلۇقنى يىقىتىپ تاشلايدۇ. مەغرۇرلۇق خۇددى باناننىڭ شۆپتىكىگە ئوخشاش بولۇپ كىشىنى تېيىلدۇرۇپ يىقىتىدۇ. سەن غەلىبە ئارغامچىسىنى چىڭ تۇت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھدىن ئىلىم ۋە خاتىرجەملىك تىلەڭلار. مەنپەئەت قىلمايدىغان ئېلىمدىن پاناھ تىلەڭلار.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ سىنىڭ نامىڭ بىلەن مەنپەئەت قىلمايدىغان ئېلىمدىن، ئىتائەت قىلمايدىغان قەلب، تويمايدىغان نەپس، ئىجابەت قىلمايدىغان دۇئادىن پاناھ تىلەيمەن. دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئاللاھ ھەممىمىزگە مەغپىرەت ئاتا قىلسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت ئاتا قىلسۇن، كەڭ ۋە پاك رىزىق مەنپئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن. داۋامى بار.
ئابدۇلئەھەت ئۇجات تەرجىمىسى.