رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m034.jpg

زامان تەرەققىي قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خۇسۇسەن بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە باشقا پەنلەردە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولىشى نەتىجىسىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ھەم بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيا خەلقىنى، خۇسۇسەن غەربتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئوغىسى قايناشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار دۇنيادا كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا باشلىغان قانداقلا بىر دىن ۋە قانداقلا بىر پەلسەپىگە جېنى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدىغان تەلۋىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇنى دىنىي تەئەسسۇبلۇقتىنلا قىلمايدۇ، بەلكى كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق، مەنمەنچىلىك ۋە دۈشمەنلىك قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىدۇ.

ھەر زامان ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولغىنىدەك، پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ دۈشمەنلىرى بولغان ۋە بولۇپ كەلمەكتە. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتتىن خەۋەر بېرىپ:« ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق» دېگەن. (فۇرقان سۈرىسى31-ئايەت.)

مەلۇمكى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى يېڭى بىر دۈشمەنلىك ئەمەس. بەلكى قەدىمىي دۈشمەنلىكتۇر. يەھۇدىيلا بىلەن خرىستىئانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچلىكىمۇ تارىخىي ۋە مەڭگۈلۈك ئۆچلۈك بولۇپ، بۇ ئۆچلۈك خۇددى ئىبلىسنىڭ تەۋەلىرى بولغان شەيتانلارنىڭ ئادەم بالىلىرىغا بولغان ئۆچلىكىگە ئوخشاش تاقىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغا ئۆچلۈكتۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزمىگىچە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆز ۋاقتىدا مۇنداق يەتكۈزگەن:« سەن يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.»(بەقەرە سۈرىسى119-ئايەت.)

تارىختىن بىرى يەھۇدىي ۋە خرىستىئان رادىكاللىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، قۇرئان كەرىمگە ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىگە قارشى چاپلىمىغان تۆھمەتلىرى، ئېيتمىغان يالغانلىرى ۋە قىلمىغان ھاقارەتلىرى قالمىدى. ئۇلارنىڭ يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدە، مۇئەللىملىرى مەكتەبلەردە ھەمىشە ئىسلام دىنىنى ئاساسسىز قارىلاپ كەلدى، ھەر پۇرسەتتە ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار ئىسلام تارىخى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە يالغان بىلەن تۆھمەتتىنلا ئىبارەت بولغان خىيالىي قىسسىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشتىنمۇ زېرىكمىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىيىتىدە ئىسلام ھەققىدە سەلبىي سۈرەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشتا قىسمەن غەلىبە قىلغان بولدى.
ئىسلام دۈشمەنلىكلىرى بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلمىدى.

بەلكى 8 قېتىملىق سەلىب ئۇرۇشلىرىنى قوزغاش ئارقىلىق شەرق ئىسلام ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قىلدى، بىگۇناھ جانلارنى نابۇت قىلدى، مەسجىد ۋە مەدرەسەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارغا ئۇچراتتى. غەربلىك رادىكاللار بۇ جىنايەتلەرنى ئۆزلىكىدىن ۋە ھېچبىر سەۋەبسىز قىلدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچمىدى، ئۇلارنىڭ دىنىنى سۆكمىدى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ھېچ ۋاقىت قارىلىمىدى. ھەتتا مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن ياكى كېرەكلىك ماددىلىرىدىن بولۇپ، بۇ پەيغەمبەرلەرنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ كەلدى. مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، خرىستىئانلارغا ۋە باشقا دىندىكىلەرگە ھەقىقەتەن كەڭ قورساقلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلدى، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ باقمىدى. بۇنىڭغا تارىخ ۋە ھازىرقى رىئاللىق گۇۋاھ بولماقتا.

ئۇنداقتا ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ دەردى نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بۇنچىلىۇك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى خۇددى بىز باشتا ئېيتقاندەك، ئىسلامنىڭ نۇپۇزىدىن ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى دىن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال شەخسلەر ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان سۆزى ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە بۇ قۇرئاننى ئاللاھتىن تاپشۇرۇپ ئالغان پەيغەمبەرنىڭ راستىنلا تەۋرات ۋە ئىنجىللاردا خەۋىرى بېرىلگەن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان ۋە بۇ تەسىرنى كىشىلەرنىڭ زېھنىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى بورمىلاپ سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.

ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال شەخسلەر ئىسلام دىنىنى تىنچلىقنى خالىمايدىغان، ئۇرۇشقاق، باشقا مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، باشقىلارغا يول قويمايدىغان رادىكال دىن قىلىپ كۆرسىتىش يولىدا ئۇزۇن يىلدىن بىرى تىرىشىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ رەزىل غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللانغان:

1. قۇرئان كەرىمنى غەربلىك ۋە ئامېرىكىلىق شەرقشۇناسلارنىڭ، ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى مەۋقەدىكىلەرنىڭ تەۋىللىرى بويىچە تەپسىر قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى، ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىنى پۈچەكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش.

80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆز خاھىشلىرى ۋە رەزىل غەرەزلىرى بويىچە تەۋىل قىلىپ تارقىتىش دولقۇنى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، بۇ ماۋزۇدا نۇرغۇنلىغان يالغان-ياۋۇداق ھېكايىلەر نەشر قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتىكى دولقۇندا غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىيلار، مۇتەپەككۇرلار ئىسلامغا قارشى يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن.

2. ئەنگىلىيەدىكى ھىندىستانلىق سالمان رۇشدىغا ئوخشىغان بەزى رادىكال يازغۇچىلار ئىسلام ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىدىغان رۇمان ۋە قىسسىلەرنى يېزىپ چىقىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ كاللىسىغا ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك مەۋقەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. 80-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا سالمان رۇشدىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى توغرۇلۇق يازغان«شەيتان ئالامەتلىرى»ناملىق رۇمانى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزىبىنى ئۆرلەتكەندەك، مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرنىمۇ غەزەبلەندۈرگەن ئىدى. چۈنكى مۇنداق يالغان قىسسىلەرنى تىزىپ رۇمان قىلىپ چىقىش ئارقىلىق دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشنى ھېچقانداق قانۇن، ھېچقانداق پەلسەپە ۋە ھېچقانداق دىن قوبۇل قىلالمايتتى. پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپمۇ بۇ چوڭ جىنايەتنى ئاقلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى پىكىر ئەركىنلىكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك چەك-چېگرىسى ئىچىدە بولىشى لازىم. ئەمما باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەش پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەتتۇر.

3. دانىيەدىكى خرىستىئان رادىكال كۈچلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزىپ تارقىتىشقا جۈرئەت قىلىشى 21-ئەسىردىكى ئىسلامغا تۆھمەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىش جىنايىتىنىڭ يېڭى بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

دانىيەنىڭ «جىيلاندز پوستىن»گېزىتى 2005-يىلى 30 – سىنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نۇمۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ، ئۇنى 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىدە سىزىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالدىدا كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئۆتگۈزگەنىدى. مەزكۇر 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىنىڭ بىرىدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بېشىغا ئورالغان بومبىغا ئوخشىتىلغان سەللە كىگەن ھالدا تەسۋىرلىگەن. رەسىمنىڭ لىسانى ھالى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گوياكى بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ياكى تېرورىستقا ئوخشىتىلغان. ئىسلام ئەللىرى، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى گېزىت تەھرىراتىنىڭ بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتىگە قارشى قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە بۇ جىنايەتكە نازارىلىق بىلدۈرۈپ دانىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتى «پىكىر ئەركىنلىكى»نى باھانە قىلىپ دەسلەپتە بۇ مۇراجىئەتكە ئىنكاس قايتۇرمىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دانىيە بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزۈش ئۈچۈن دانىيە پايتەختى كۇبىنھاگىندىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ھۇجەيلاننى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى.

4. 2012-يىلىغا كەلگەندە، ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى دۈشمەنلىك يەنە بىر دەرىجە تەرەققىي قىلىپ، فىلىم ئىشلەشكە قەدەر يېتىپ بارغان. 2012-يىلى سىنتەبىرنىڭ 13- كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەسلى مىسىرلىق رادىكال خرىستىئان نىكولا باسىلى ئامېرىكىدىكى رادىكال يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاپ بېرىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە قەتئىي ياراشمايدىغان شەكىلدە بىر فىلىم ئىشلەپ چىقارغان. فىلىمنىڭ نامىنى« مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھسىزلىقى»دەپ ئاتىغان. فىلىم ئەسلىدە ئىككى يېرىم سائەتلىك بولۇپ، ئېنتېرنېت تورىدا ئاران 13 مىنۇتىنىلا ئېلان قىلالىغان. فىلىمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ئۇستازى ۋە ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ئوبرازى ئادەتتىكى ئىنساندىنمۇ تۆۋەن قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەخلاقلىق بىر ئادەمنىڭ شەنىگە ھەرگىزمۇ مۇناسىپ كەلمەيدىغان رەزىل تۆھمەتلەرنى چاپلىغان.

فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن دۆلەت مەسئۇللىرى، مۇتەپەككۇرلار، دىن ئادەملىرى، سىياسىيلار بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ھەتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنداق فىلىمنى ئىشلەشنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ رەزىل ۋە كەچۈرۈلمەس بىر قاباھەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشى ھەر قايسى دىن ئىگىلىرىنىمۇ قاتتىق نارازى قىلغان. ھەتتا كالىفورنىيىدىكى قىبتىلار چىركاۋىنىڭ راھىبىمۇ بۇ فىلىمنى ئەيىبلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن»بىز بۇ فىلىمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ تەلىماتى بىزگە باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشنى پەرز قىلغان».

مۇسۇلمان ئەللىرىدە بولسا، ھەر يەردە ئامېرىكىغا قارشى نامايىشلار يۈز بەردى. نامايىش جەريانىدا مۇسۇلمانلاردىن بىر قانچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھەتتا مۇسۇلمان ئەمەسلەردىنمۇ بەزى كىشىلەر بۇ جىنايەتنىڭ قۇربانى بولدى. مەسىلەن: لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئەلچىخانا بىلەن پارلاش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بولدى.

نېمە ئۈچۈن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازى بىلەن ئوينىشىدۇ؟

چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بىر شەخسنىڭ ئوبرازى بىلەن ئوينىشىش ۋە ئۇنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشكە ۋە ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئازابلاشقا يېتەرلىكتۇر. شۇڭا ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى بولغان رادىكال خرىستىئانلار بىلەن رادىكال يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشنىڭ قانچىلىك چوڭ قاباھەت ۋە ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ھېسابقا قوشماستىن، پەقەت ئىسلام دىنىنى تېررورلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تىنچلىقنى خالىمايدىغان دىن دەيدىغان تۆھمەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈنلا بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە تىل تەككۈزۈشكە ئۇرۇنغان.

توغرا، رادىكال يەھۇدىيلار بىلەن رادىكال خرىستىئانلارنىڭ يەتمەكچى بولغان رەزىل مەقسىتى ئىسلام دىنىنى خەلقى ئالەمگە تېررورىست دىنى دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىشتۇر. شۇڭا ئۇلار بۇ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كېچە-كۈندۈز تۇرماستىن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ رەزىل فىلىمنى ئىشلەپ چىقىشقا يېقىندىن ياردەمچى بولغان ستىفىن كلېين فىلىم ئىشلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىبىنى ئۆرلەتكەن ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولغان نامايىشلارنى كۆرگىنىدىن كېيىن، مۇنداق دېگەن: « بۇ فىلىم ئارقىلىق بىز مەقسەت قىلغان ئادەملەرگە ئېرىشتۇق. چۈنكى مەن ئىسلامغا قارشى بىرەر سۆز قىلسام ھامان ئۇلار نامايىش قىلىدۇ ۋە قان تۆكىدۇ»دېگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، بىز ئىسلام دىنىنىڭ تېررورىستلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەمگە ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىسلامغا ياكى ئىسلام پەيغەمبىرىگە ھاقارەت قىلساق، ھامان مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق جاۋابىنى ئالىمىز. ئۇلار نامايىش قىلىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلۈش دېگەنلەر بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئىدى، دېمەكچى. ستىفىن كلېين بۇ سۆزىدە، جىم تۇرغان ۋە ھېچكىمگە قارشى ئۇرۇش ئاچمىغان، تىنچىلقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ئىش كۆرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ھېسسىياتىنى زىدىلەيدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن قوزغىتىپ، مەيدانغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن خەلقى ئالەمگە «قارىمامسىلەر، ئىسلام دىنى راستىنلا تېررورلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىش قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنى قورشىۋالدى ئەمەسمۇ؟ » دېگەننى ئوتتۇرىغا قويماقچى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ خۇددى جىم تۇرغان بىر تىنچلىقپەرۋەر ئادەمنى ئۇنىڭ غۇرۇرىغا نەق تېگىدىغان ھاقارەتلەر بىلەن ئورنىدىن قوزغىتىپ، ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئاندىن باشقىلارغا قاراڭلار، كۆردۈڭلارمۇ؟ پالانى ئۇرۇشقاق ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دېگەن تۆھمەتنى ئۇنىڭغا چاپلاش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر قىلىۋاتقان بىرىنىن مەنتىقىسىدۇر. بۇنداق ۋەزىيەتتە كىم جىم تۇرىدۇ؟ بۇ رەزىل پىلاننى ئورۇنلاشتۇرغان رادىكال خرىستىئاننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى ھاقارەتلەنسە ياكى ئۇنىڭغا يالغانلار ۋە تۆھمەتلەر ئارتىلسا، جىم تۇرامدۇ؟
بۇ رەزىل فىلىمنى ئىشلىگەن نىكولا باسىلى ئەسلى مىسىرلىق قىبتىلاردىن بولۇپ، ئىسلامغا ۋە ئەرەبلەرگە بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان سەلبىي شەخس. ئۇ ئامېرىكىدىكى قىبتىلارنى ھەمىشە مىسىر دۆلىتىگە قارشى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق مەسىلە تۇغدۇرۇپ كېلىۋاتقان رەزىل مەخلۇق. ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەملەشكەن ئامېرىكىلىق ستىفىن كلېين ئامېرىكىنىڭ ۋىتنام ئۇرۇشىغا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن ئىسلامغا قارشى جامائەت رايى توپلاش ئىشلىرى بىلەن يۈرگەن. يېقىندا ئىراقنىڭ فەللۇجە شەھىرىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئوغلى مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەنلىكى ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ مىسىرلىق قىبتىنىڭ بۇ جىنايىتىگە ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇمكى، ئىسلام دىنى باشقا بىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك يەنە بىرىنى جازالاشنى راۋا كۆرمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى« بىراۋ بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ»دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئامېرىكىدىكى بىر ئەقىلسىز دۈشمەننىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلەپ ئىشلىگەن رەزىل فىلىمى سەۋەبلىك پۈتۈن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دەپ ئويلىمايمىز، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيمىز. لىبىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا باش كونسۇلى كرىستوفر ستىيفىنسنىڭ ناھەق ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە بۇ بەختسىز ئۈلۈم ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىئاراملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئۈلۈمگە ھەقلىق بولغان بىرى بولسا، بۇ رەزىل فىلىمنى ئىشلىگەن ۋە ئۇنىغا يردەملەشكەنلەردۇر. ئەمما بېنغازىدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ بۇ فىلىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ناھەق ئۆلۈمدۇر. نېمە ئۈچۈن بىز بۇگۇناھ ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىمىز؟ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مەقسىتىمۇ بىزنى شۇنداق پېلىشتۇرۇپ خەلقى ئالەمگە ئۇرۇشقاق، تېررورچى قىلىپ كۆسىتىش ئەمەسمۇ؟
ئۇنداقتا بىز بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن ئەخلاقسىزلارغا قانداق رەددىيە بېرىمىز؟

تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىمىز لازىم:

1. بىز مۇسۇلمانلار دىنىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ باشقا دىندىكىلەر بىلەن ئۆزئارا يول قويۇشۇپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىمىزنى، بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھۋەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش ۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي نەمۇنىلارنى تەقدىم قىلىشىمىز، كىشىلەرگە سۆزىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىمىز لازىم. قىسقىسى، مۇسۇلمانلىققا لايىق ياشىشىمىز لازىم.

2. ئامېرىكا ۋەغەرب دۇنياسىدىكى ئىنسانلارغا ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئىسلامىي ئەخلاقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قوللىنىشىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ زاپاس پۇل-مېلىنى، تەبىئىي بايلىقلاردىن كېلىدىغان ئىقتىسادنى قوللىنىپ ئىنگىلىز ۋە ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىنىڭ تىلىدا ئىسلامنى تونۇشتۇرغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چۈشەندۈرگەن تۈرلۈك كىتاب، ژۇرناللارنى نەشر قىلىش، فىلىملەرنى ئىشلەش ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىشىمىز لازىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىنى ئۆزىمىز ئىشلەپ تارقىتىشىمىز لازىم.

3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ماقامىغا تىل تەككۈزگەن بۇنداق ئەخلاقسىز فىلىمنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلار ئۈستىدىن قانۇنلۇق ھالدا ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ جازا قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ جازالاش.

چۈنكى فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكى بىر جىنايەت. جىنايەت بولۇپمۇ دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەيدىغان بىر چوڭ جىنايەت. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى يوللۇق ھالدا جازالاش ئۈچۈن ھېسسىياتقا ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشەك توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: غەرب دۆلەتلىرىدە «كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش جىنايەتتۇر» دەيدىغان قانۇن بار. بىز شۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز لازىم.

4. بۇنداق ئەخلاقسىز فىلىمنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان شىركەت ۋە مۇئەسسەسەلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كىرىشتىن چەكلەش، كىرگەن تەقدىردىمۇ شەخسلەر ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىپ ئالماسلىقى لازىم.

5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەت قىلغانلارغا قانۇنلۇق ۋە يوللۇق قاتتىق رەددىيەلەرنى بېرىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇداپىئە قىلىشىمىز لازىم. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇداپىئە قىلىش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى جان تىكىپ قوغداش ھەرە بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي بۇرچىدۇر.

6. دۇنيادا ھەر قانداق بىر ھەقىقەتنىڭ چوقۇم دۈشمەنلىرى بولغىنىدەك، پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ دۈشمەنلىرى بولغان، بولىۋاتىدۇ ۋە مۇندىن كېيىنمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنى قۇرئان كەرىم خەۋەر بېرىۋاتىدۇ: « ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق.»

ھەقىەت دۈشمەنلىرىنىڭ ھەقىقەتنى قارىلاپ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشى سەۋەبلىك بۇ ھەقىقەت باتىلغا ئايلىنىپ قالمىغاندەك، بۇ ئەخلاقسىز كاپىرلارنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆككەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەنى تۆۋەنلەپ قالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ تونۇلىدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا قىزىقىدىغان بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئەخلاقسىز كاپىرلارنىڭ قىلىمىشى سەۋەبلىك ئىسلامغا ياكى مۇسۇلمانلارغا قىلچە زىيان بولمايدۇ.

مۇھەممەد يۈسۈپ