رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m019.jpg

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى نەپسىي ئارزۇلىرىغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالىي ۋە ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلاردا ئۈممەتلىرىدىن سادىر بولىدىغان ناچار ئەخلاق ۋە ئادەتلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار يامان ئۆرنەك بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بىكار بولغان بۇلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جاكارلايدۇ. سۈرە ئەنبىيادا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر بۆلۈكىنى ساناپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشىۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالس ئىبادەت قىلاتتى»([1] ) دېدى.

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى تەسۋىرلەپ: «ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە تاپشۇرىمىز. ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن»([2] ) دەيدۇ.

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەردىن قەتئىي جىنايەت سادىر بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ)»([3] ).

مەنبە: ئەفىف ئابدۇلپەتتاھنىڭ ئىسلام دىننىڭ روھى ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.

[1] سۈرە ئەنبىيا 73-ئايەت.

[2] سۈرە ئەنئام 89 ۋە 90- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3] سۈرە ئالى ئىمران 161- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.