رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن! ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىغا دائىر قىسسەلەر «قۇرئان كەرىم» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ گاھلىرىدا تەپسىلى، گاھلىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما «قۇرئان كەرىم» دىن باشقا  ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەر خىل مەنپەئەتلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا بۇرمىلىنىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىنى ساغلام شەكىلدە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەنبە يالغۇز «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. مۇسۇلان يازغۇچىلار باشقا ساماۋى كىتابلاردا بايان قىلىنغان قىسسە ياكى رىۋايەتلەرگە «قۇرئان كەرىم» نىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىش ياكى كەلمەسلىككە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەمما، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىغا دائىر ئەھلى كىتاب ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بەزى ساغلام بولمىغان قىسسە ۋە رىۋايەتلەر رابغۇزىنىڭ «قىسەسۇل ئەنبىيا» سىدىن كېيىن، سابىت داموللاھاجىم «شېرىن كالام» تېمىسى ئاستىدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئىشەنچىلىك قىسسىلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا يېزىپ چىقىپ، خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. -80يىللارغا كەلگەندە مۇھەممەد خۇزەيىرنىڭ ئىسلام ئالىمىدە كۈچلۈك نوپۇز ياراتقان ئەسىرى «پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىندى. ئەمما، مىللىتىمىزنىڭ سانىغا كۆرە تولىمۇ چەكلىك، يەنە كېلىپ پەقەت بىرلا قېتىم نەشىر قىلىنغان بۇ كىتابنى يۈرىكىدىن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، كۆپىنچىسى ئىماملارنىڭ سۇپىلىرىدا تاشلاندۇق قەغەزلەرگە ئايلىنىپ تۈگىگەن بولدى. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ!

Attachmentرازمېرى
ug_muhammad_alayhissalamning_terjimehali.pdf3 MB