رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(2)

روزا تۇتۇش دېگەن زادى نېمە؟ روزا تۇتۇشتىن مەقسەت نېمە؟ روزىنىڭ تەسىرى نېمە؟ روزا تۇتۇش دېگەن تاڭ يورۇغاندىن كۈن پاتقىچە يېيىش، ئىچىش ۋە جىنسىي ئىستەكنى توختىش بىلەنلا بولامدۇ؟ ئەگەر روزا تۇتۇش دېگەن شۇنداقلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەپسنى پاكلاش، روھنى يۈكسەلتىش ۋە تەقۋالىق ھاسىل قىلىشتا قانچىلىك رولى بولسۇن؟ مۇنداق شەكىلدە روزا تۇتقان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدىكى« ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، ھەر بىر ياخشى ئەمەلىگە ئون ھەسسىدىن ساۋاب بېرىمەن. پەقەت تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى پەقەت ئۆزەملا بېرىمەن»دېگەن سۆزىگە لاياقەتلىك بولالامدۇ؟ شۇڭا بەزى ئۆلىمالار روزىنىڭ ئەڭ ئاددىي مەنىسى يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىشتۇر، دېگەن ئىكەن. يەنى رامىزان كۈندۈزىدە يېمەك-ئىچمەكنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرك ئېتىش دېگەن روزىنىڭ تەلەبلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاددى تەلەبتۇر. بۇنىلا ئورۇنداش بىلەن روزا تۇتقان قاتارىغا ئۆتكىلى بولمايدۇ، دېگەنلىك. روز تۇتقان ئادەم يۇقىرىقى ئاددى تەلەبلەرنى ئورۇنداپ قويۇش بىلەن روزىنىڭ مېۋىلىرىنى ئالالمايدۇ، روزىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئورۇندىغان بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش، پەزىلەت ۋە تەقۋالىق ھاسىل قىلىش دېگەنلەرنى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ;روزىنىڭ تەلەبلىرىنىڭ بەزىلىرى بولغان تىلنى، كۆزنى ۋە پۈتۈن ئەزالارنى ھارامدىن، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇتۇش، پەس ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ يېقىنلىقىنى ۋە رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت پەزىلەتنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش قاتارلىقلار روزىنىڭ ئالدىنقى تەلەبلىرىدۇر. ;روزا ئادەمنى بېخىللقنىڭ، ئاچكۆزلۈكنىڭ ۋە سەۋرسىزلىكنىڭ ئىللەتلىرىدىن پاكلاپ، سېخىيلىق، قانائەت ۋە سەۋرچانلىق قاتارلىق ئېسىل-پەزىلەتلەگە يۈكسەلتەلمىسە، بۇنداق روزىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقۇچىلارغا ۋەدە قىلغان ساۋابىغا قانداق ئېرىشكىلى بولسۇن؟! نۇرغن ئادەملەر رامىزاندا روزا تۇتۇشنىمۇ مىللىي ئادەتكە ياكى رەسمىيەتكە ئوخشاش كۆرىدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇلار بىر ئاي روزا تۇتۇپمۇ رامىزاننىڭ ئالدىدا قانداق بولسا، كېيىنمۇ شۇنداق بولۇپ ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ، يەنە بۇرۇنقى ئالدامچىلىقىنى، يالغانچىلىقى داۋام قىلدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر ئاي روزا تۇتۇپ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر رامىزانغىچە ھارام يېيىش، ھارام ئىش قىلىشتەك يامان ئەخلاقلاردىن خالاس بولمىسىمۇ كېلىدىغان رامىزان ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا يېتەرلىكتۇر. بۇ گۇمان ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارنى ئالدايدۇ، ئۇلار ئالدانغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ. غەپلەت دېگەن ئەنە سۇنداق يامان نەرسە. شۇڭا مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەتنى بىلىشى لازىم. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەب قىلىدىغانلىقىنىمۇ تولۇق بىلىشى لازىم. مۇسۇلمن ئادەم رامىزان ئېيىنىڭ پەقەت كۈندۈزى يېمەك-ئىچمەكنى ۋە جىنسىي ئالاقىنى تاشلاش ئېيى ئەمەس، بەلكى تەربىيە ئېيى، ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش ۋە يېتىلدۈرۈش ئىيى ئىكەنلىكىنى ئونۇتماسلىقى لازىم. رامىزادا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق ۋە ئالىي پەزىلەتلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. رامىزاندا يېتىلدۈرىدىغان ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىن سەۋرچانلىق بولۇپ، روزا تۇتقان ئادەم ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن رامىزان كۈندۈزلىرىدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقنىڭ دەردىنى چېكىدۇ. بۇ ئىنساننى كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە نەپسنىڭ ئىستەكلىرىنى ئۆز كونترولىدا تۇتۇش لازىملىقىنى ئۆگىتىدىغان دەسلەپكى دەرس. قىسقىسى روزا تۇتقان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشنى، شەھۋىتىنى تىزگىنلەشنى، نەپسنىڭ تەلەبلىرىنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. رامىزان ئېيىدا شۇنداق ئۆزىنى تۇتۇشنى ئۆگەنگەن ئەقىللىق مۇسۇلمان رامىزان تۈگىگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۈرمىدىن قۇتۇلغان جىنەيەتچىدەك ئەمەس، بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمان ۋە ئاخلاق مەدرىسىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئەھلى دەپ سانايدۇ. كېيىنكى ھاياتىنى شۇ ئالغان تەربىيىسى بويىچە ياشارتىدۇ. پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« سىلەر روزا تۇتقاندا يامان ئىش قىلىشتىن، گۇناھ ئىشلەشتىن رىياق تۇرۇڭلار، سىلەرنى بىراۋ تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا، سىلەر«مەن روزىدارمەن»دەڭلار»دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىسنى ھەممە ئادەم ياخشى بىلىپ تۇرۇپ رامىزان ئېيىدا ئۇلارنىڭ سەۋرىسى بەك ئاز قالىدۇ، ھەتتا يۇل يۈرۈشتىمۇ باشقىلار بىلەن يول تالىشىپ ئېغىزىنى بۇزىدۇ، ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلىقنىن دەرسىنى باشقىلاردىن ئالماقچى بولىدۇ. روزا تۇتقان ئادەمگە ياراشمايدىغان پەس قىلىقلارنى ۋە ناچارلىقلارنى قىلىدۇ. خۇددى روزا ئۇلارنى يامان سۆز سۆزلەشكە، ئاددىي بىر سەۋەب بىلەن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرغاندەكلا بۇ يامانلىقلارنى رامىزاندا قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشنى مىللىي ئادەت ياكى رەسمىيەتلەر قاتارىدا كۆرگەنلىكى، رامىزاننىڭ روھى ۋە مەنىسى بىلەن ھېسابلاشماستىن، ئۇنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىنىلا كۆزدە تۇتقانلىقىدىن ئىدى. بۇنداق ئادەملەرنىڭ روزا تۇتمىغانلار بىلەن قانداق پەرقى قانغان بولدى؟ روزا تۇتقان بىلەن تۇتمىغىنىنىڭ ھېچ پەرقى بولمىسا، ئۇلار نېمىسىگە ئىشىنىپ تۇتقان روزىسىنىڭ ساۋابىنى كۈتىدۇ؟ رامىزاندا توزا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەخلاقىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئادەم باشقا قايسى ۋاقىتتا ئۆزگەرتەلىسۇن؟ رامىزاندىنمۇ ياخشى پۇرسەت بارمۇ؟ رامىزان يەنە يامان ئادەتلەرگە كۆنۈپ قالغانلارنىڭ بۇ ئادەتلىرىنى تاشلىشى ۋە ھاياتىغا يېڭىدىن بىر سەپە ئېچىپ، ئۆزىنى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىى ئىسلاھ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتتۇر. بەزى يامان كەيپ ساپا ئىشلارغا كۆنۈپ قالغانلار رامىزاننىڭ يۈزىسىدىن بۇ ئىشلارنى رامىزاندا قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، يامان ئادەتلەردىن بۇ رامىزاننىڭ بەرىكى ۋە شاراپىتى بىلەن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىسا، ئۇلار چوقۇپ غەلىبە قىلالايدۇ. راىزان ئەنە شۇنداق روھىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش كۇرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭگا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەخلاقىنى ياخشىلاش، ئاللاھنى رازى قىلىش نىيىتى بىلەن كىرگەنلەر چوقۇم مەقسىتىگە يېتىدۇ. رامىزاننىڭ مۇندىن باشقا ئەخلاقىي پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، روزىنى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئويغۇن ھالدا، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇتقانلار رامىزاننىڭ بۇ پايدىلىرىدىن ئەلۋەتتە نېسىۋىدار بولىدۇ. جاناب ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رامىزاننىڭ ياخشىلىقلىرىدىن نېسىۋىدار بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();