رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

رامىزان ئايدا روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكمى بىلەن ھەرقانداق ئاقىل، بالىغ بولغان ۋە روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن پەرىزدر. ئاللاھ تائالا رامىزان ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرىزلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « ئىي مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن)  ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ، ( رامىزان رۇزىسى) پەرىز قىلىندى.»بەقەر سۈرىسى 183 – ئايەت.  ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ( ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلدى، ئاللاھ نىڭ بىرلىك- بارلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىن قەلبدىن گۇۋاھلىق بېرىش، بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشتۇر). ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە رامىزان ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرىزلىكىنى كۆرسەتكەن.روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىروزا تۇتۇش ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە پەرىز قىلغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئەبزەل ئىبادەت بۇلۇپ ئۇ تەقۋالىقنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتۇشنى پەرىز قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا (تەقۋا بۇلىشىڭلار ئۈچۈن) دېگەن بىر جۈملە سۆزنى كەلتۈرگەنلىكى روزا تۇتۇشنىڭ چۇڭ ھىكمىتىنىڭ  تەقۋالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنسان زۇزا تۇتۇش ئارقىلىق تەقۋالىققا ئېرىشەلەيدۇ، تەقۋالىق ئارقىلىق قۇرئان ھىدايىتىگە ۋە جەننەتكە ئېرىشەلەيدۇ، ئاللاھ تائالا تەقۋادار كىشىلەرنىڭ قۇرئان ھىدايىتىگە نېسىپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەقەر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: « بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يىتەكچىدور». ئاللاھ تائالا يەنە تەقۋادارلارنىڭ مۇكاپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ( ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلار ئارىسىدا بولىدۇ» سۈرە زارىيات 15-ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ( كىمكى رامىزان ئېيىدا خالىس ئىمان بىلەن روزا تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلنىدۇ) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: ( مىنىڭ جېنىم ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رۇزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ يېقىمسىز پۇرىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مىسك ئەنبەر پۇرىقىدىنمۇ خۇشپۇراقدۇر). ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دەيدۇ: ( روزا مەن ئۈچۈن، - يەنى يەمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋىتىنى مىنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن تەرك ئەتتى- ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۈزۈم بىرىمەن) . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقۇچىلارغا جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ( جەننەتتە راييان ئىسىملىك بىر ئىشىك بۇلۇپ ئۇنىڭدىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلار كىرىدۇ) بۇخارى رىۋايىتى. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ئايەت- ھەدىسلەر بەك كۆپ بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەممىنى بۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە سۆزلەپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن كېلەر ھەپتە روزا تۇتۇشنىڭ باشقا ئەھكاملىرى بىلەن تۇنۇشقانغا قەدەر سالامەت بولغايسىلەر، ئاللاھ ھەمىمىزنى سالامەت قىلسۇن، ۋە ھاياتىمىزنى ياخشى ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن خەير خوش ئامان بۇلۇڭلار ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();