رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رۇزىدار كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار

1- يۇيۇنۇش، رۇزىدار كىشى قانداق ۋاقىتتا يۇيۇنغىسى كەلسە يۇيۇنسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھاۋا قىزىپ كەتكەندە ئۆزنى سەگىتىش مەقسەتتە سۇغا كىرگەن بولسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ.2- ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ چايقاش،  رۇزىدار كىشى ئېغىزىنى مىسۋاك بىلەن ياكى چىش پاستىسى بىلەن چايقىسا بولىدۇ، بىراق سۇنىڭ ۋە چىش پاستىسىنىڭ  تەمى گالدىن ئۈتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش ۋە سۇنى گالنىڭ ئاخىرىغىچە  ئاپارماسلىق لازىم.3- تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىش، رازىدار كىشى كۆپچىللىككە تاماق ئەتكەندە تاماقنىڭ تۇزىنى مۆلچەرلىيەلمىسە، گالدىن ئۆتكۈزۈپ سالماسلىق شەرتى بىلەن تېتىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما تەمى گالدىن ئۆتۈپ كەتسە بۇزۇلىدۇ.4- ئەتىر ئىشلىتىش، رۇزىدار كىشى خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىسا ۋە ياكى ئۆزىگە ئەتىر ئىشلەتسە روزا بۇزۇلمايدۇ.5- ئۆزىنىڭ تۈكۈرۈكىنى يۈتۈش. رۇزىدار كىشى تۈكۈرۈكىنى يۈتسە روزا بۇزۇلمايدۇ.6- كۆزىگە سۈرمە تارتىش، رۇزىدا كىشى كۆزىگە سۈرمە تارتسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما بۇرنىغا ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ،7- ئاغرىق پەسەيتكۈچ ئۇكۇللارنى سالدۇرۇش، رۇزىدار كىشى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ ئاغرىق پەسەيتىش ئوكۇللىرىنى سالدۇرسا، شۇنىڭدەك مۇسكۇلغا ئۇرۇلىدىغان ئۇكۇللار بىلەن داۋالانسا روزا بۇزۇلمايدۇ، بىراق بۇنى ئىمكان قەدەر ئىفتاردىن كىيىن سالدۇرۇش ئەبزەل، ئەمما ئاسما ئۇكۇل ۋە ئۇزۇقلۇق ئۇكۇللىرى روزىنى بۇزىدۇ.8- ئايالىنى سۆيۈپ قۇيۇش، رۇزىدار كىشى ئايالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سۆيۈپ قويسا روزا بۇزۇلمايدۇ، بىراق ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن يىراق تۇرغىنى ياخشى._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();