رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك دەرت _ ئەلەملەرگە ۋە كېسەللىكلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمگىمۇ سەۋەب بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. سېھىر شۇنداق بىر يامان ئىشكى، سېھىر قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە سېھىرگە ياردەم قىلىش ئەڭ ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. سېھىرگەرلەر ۋە سېھىر ئۆگەتكۈچىلەر شەكسىز كاپىرلاردۇر. پۈتۈن تەپسىرشۇناس ئالىملار قۇرئان كەرىمدىكى «سۇلايمان كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى»([1]) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە، سېھىر قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئۆگەتگۈچىلەرنىڭ چوقۇم كاپىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.سېىر توغرۇلۇق بۇ ماۋزۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، سېھىر قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى سېھىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۈچۈن چارە قىلىشتىن ئىبارەت.1 _ سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:(1) ھەر خىل ئاپەتلەر، ئاغرىق _ سىلاق ۋە خېيىمخەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى، خۇسۇسەن، فاتىھە سۈرىسىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر، ھاللار ۋە جايلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان دۇئالارنى، كۆزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى كۆپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش([2]).(2) شەرىئەت تەكلىبلىرىنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ۋە گۇناھ، ھارام ئىشلاردىن يېراق بولۇش.(3) قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش. 2 _ سېھىرگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى  تۆۋەندىكىچە:(1) سېھىر قىلىنغان ئورۇن بىلىنسە، ئۇنى شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدىغان يوللار ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاش. بۇ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىدۇر([3]).(2) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇ دىن «كافىرىين»غىچە) نى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ بىمارغا سۈفلەپ يۈرۈش([4]). (3) بىمارنىڭ ئاغرىغان يېرىگە قولنى قويۇپ تۇرۇپ، مۇنۇ دۇئالارنى ئوقۇش:1. اَللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ إِذْهِبْ الْبَاسَ اِشْفِهِ وَأَنْتَ الشَّافِي لَا شِفَاءَ إِلَّا شِفَاؤُكَ شِفَاءً لَا يُغَادِرُ سَقَماً. [ئۈچ قېتىم].تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! دەرتكە داۋا، رەنجىمىزگە شىپالىق بەرگىن، ھەقىقەتەن سەن ھەرقانداق ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچىسەن. سېنىڭدىن بۆلەك شىپالىق بەرگۈچى يوق، سېنىڭ شىپايىڭ بىلەن كېسەللىك قالمايدۇ»([5]). 2. أُعُِوْذُ بِكَلِمَاتِ اللهِ التَّامَّةِ، مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وهَامَّةٍ، ومِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ. [ئۈچ قېتىم].تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاندىن، خەتەرلىك مەخلۇقلاردىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن»([6]). 3. أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ. [ئۈچ قېتىم].تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن»([7]).4. اَسْأَلُ اللهَ الْعَظِيْمَ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ أَنْ يَشْفِيْكَ. [7قېتىم ئوقۇلىدۇ]. تەرجىمىسى: «بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق سورايمەن»([8]).5. بِسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ مِنْ كُلِّ دَاءٍ يُؤْذِيكَ مِن كُلِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ وَسَمٍّ، وَاللَّهُ يَشْفِيْكَ. [ئۈچ قېتىم].تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سىزنى ئازاپلىۋاتقان ھەرقانداق ئاغرىق، ھەر قانداق ھەسەد، ھەر قانداق يامان كۆز ۋە ھەر قانداق زەھەرلىنىشتىن شىپالىق تېپىشىڭىز ئۈچۈن ئوقۇيمەن. ئاللاھ چوقۇم شىپالىق بەرگۈسى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئوقۇدۇم»([9]). --------------------------------------------------------------------------------([1])      بەقەرە سۈرىسى 102 ـ ئايەت.([2])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىبنى قەييىم جەۋزى «زاد المعاد» ناملىق ئەسىرىنىڭ 4 ـ جىلد، 126 ـ بېتىدە بايان قىلغان.([3])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.([4])      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى  ئىمام بۇخارى  رىۋايەت قىلغان.([5])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([6])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([8])      تىرمىزى رىۋايىتى.([9])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.