رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ھەج مەۋسۇمى دۇئا ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا  يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلىرىنى سوراش پەيتىدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ جايلار ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينايدۇ. ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى خالىغان دۇئالارنى قىلسا ۋە خالىغان تىلەكلىرىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىسە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئۆتكەن دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ھەج مەۋسىمىدىمۇ قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان دۇئالار ھەج ۋە ئۆمرە جەريانىدا قىلىنىدىغان مەخسۇس دۇئالارنىڭ بىر قىسمىدۇر. ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغاندا ئوقۇلىدىغان تەلبىيەلَبَّيْكَ اَللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لاَشَرِيْكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إنَّ الْحَمْدَ وَالنِّعْمَةَ لَكَ وَالْمُلْكَ، لاَ شَرِيْكَ لَكَ.تەرجىمىسى: «مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ! مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر»([1]).مەككە ۋە مەسجىدى ھەرەمنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلاَمُ وَمِنْكَ السَّلاَمُ فَحَيِّنَا رَبَّنَا بِالسَّلاَمِ، اللَّهُمَّ زِدْ هَذَا الْبَيْتَ تَشْرِيفًا وَتَعْظِيمًا وَتَكْرِيَما وَمَهَابَةً وَزِدْ مَنْ حَجَّهُ أَوِ اعْتَمَرَهُ تَكْرِيمًا وَتَشْرِيفًا وَتَعْظِيمًا وَبِرًّا.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق – ئامانلىق زادى سەندىن. ئى پۈرۋەردىگارىمىز! بىزنى تىنچلىق ئىچىدە ياشاتقىن. ئى ئاللاھ! بۇ ئۇلۇغ ھەرەمنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىك، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيبەتلىك قىلغىن، بۇ جايدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ شەرىپىنى، ھۆرمىتىنى، ياخشىلىقىنى ۋە ساۋابلىرىنى زىيادە قىلغىن»([2]).كەبىنى تاۋاب قىلىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئارَبِّ قَنِّعْنِي بِمَا رَزَقْتَنِي وَبَارِكْ لِي فِيْهِ وَاخْلُفْ عَلَيَّ كُلَّ غَائِبَةٍ لِي بِخَيْرٍ.تەرجىمسى: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا بەرگەن رىزقىڭ ئۈچۈن ماڭا قانائەت بەرگىن، رىزقىمدا ماڭا بەرىكەت بەرگىن، قولۇمدىن كېتىپ، قايتا ئېرىشىشىم مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ۋە نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ماڭا ياخشىلىق بىلەن تولدۇرۇپ بەرگىن»([3]).رۇكنى يەمانى بىلەن ھەجەرۇلئەسۋەد ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان دۇئارَبَّنَآ آتِنَا فِي ٱلدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي ٱلآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ.تەرجىمسى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتنا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([4]).سافا ـ مەرۋىدە توختىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سافا تېغىغا كەلگىنىدە، ئاللاھ تائالانىڭ: إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِن شَعَآئِرِ اللّهِ يەنى «سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدۇر» دېگەن ئايىتىنى ئۇقۇغان ۋە «ئاللاھ باشلىغان تەرەپتىن باشلايمەن» دەپ سافا تېغىغا ئۆرلىگەن، ئاندىن قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتقان، ئاندىن مۇنۇ دۇئانى ئۇقۇغان ئىدى: لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ. لَهُ الْمُلْكَ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. لاَ إِلهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ. أَنْجَزَ وَعْدَهُ. وَنَصَرَ عَبْدَهُ. وَهَزَمَ الأَحْزَابَ وَحْدَهُ يەنى «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر،  پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)گ مەدەت بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى.» بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇغان ۋە مەرۋىدىمۇ سافادا ئوقۇغانلىرىنى ئوقۇغان ئىدى»([5]).ئەرەفاتتا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ.تەرجىمسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر»([6]).2. اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ كَالَّذِى نَقُولُ وَخَيْرًا مِمَّا نَقُولُ، اللَّهُمَّ لَكَ صَلاَتِى وَنُسُكِى وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِى وَإِلَيْكَ مَآبِى وَلَكَ رَبِّ تُرَاثِى، اللَّهُمَّ إِنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ وَوَسْوَسَةِ الصَّدْرِ وَشَتَاتِ الأَمْرِ اللَّهُمَّ إِنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا تَجِىءُ بِهِ الرِّيحُ. تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئېيتقىنىمىز ۋە ئېيتقىنىمىزدىنمۇ ياخشىراق ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ! مېنىڭ نامىزىم، ئىبادەتلىرىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم سېنىڭ ئۈچۈندۇر. قايتىشىم سېنىڭ تەرىپىڭگىدۇر، بالا – چاقىلىرىم ساڭا ئامانەتتۇر. ئى ئاللاھ!ساڭا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ۋە ئىشلىرىمنىڭ چېچىلىپ كېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ شامال ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»([7]).شەيتانغا تاش ئېتىشتا ئوقۇلىدىغان تەكبىر«ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە تاش ئاتقاندا اَللهُ اَكْبَرُ دەپ تەكبىر ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەيتانغا تاش ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندا، ھەر بىر تاش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ توختىماستىن قايتىدۇ»([8]).مال بوغۇزلىغاندا ئېيتىلىدىغان تەكبىربِسْمِِ اللهِ واللهُ أَكْبَرُ.تەرجىمسى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر»([9]).قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى دۇئالارنىلا قىلىش شەرتمۇ؟دۇئا قىلغاندا، قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغان ئەڭ ئىشەنچلىك) ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى قىلىش ئەڭ توغرا ۋە ئەۋزەلدۇر. لېكىن بۇ دېگەنلىك، قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئويغۇن كېلىدىغان، قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكىسىگە خىلاپ كەلمەيدىغان دۇئالارنى قىلىش دۇرۇس ئەمەس دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى ساھابىلار، تابىئىينلار، ئۆلىمالار ۋە باشقىمۇ ياخشى كىشىلەر قىلغان دۇئالارنى قىلىش، شۇنداقلا كىشى ئۆزىنىڭ خالىغان دۇئالارنى قىلىشى ئەلۋەتتە دۇرۇستۇر. رافىئە ئىبنى رافىئ ئەل زۇرەقىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ– ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتقان كىشىگە قۇلاق سالىدۇ دېگىنىدە، ئارقىدا تۇرغانلاردىن بىرى رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ، حَمْدًا كَثِيرًا طَيِّبًا مُبَارَكًا فِيهِ – ئى پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىسىغا قاراپ: ‹سۆزلىگەن كىم؟› دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم: ‹سۆزلىگەن مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كۆردۈمكى، بۇ سۆزنى ئوتتۇز نەچچە پەرىشتە بىرى بىرىدىن ئاۋۋال يېزىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتىدۇ› دېدى»([10]).ئابدۇلاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىراۋ دۇئا قىلىپ يَا رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَمَا يَنْبَغِى لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَلِعَظِيمِ سُلْطَانِكَ – ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ئۇلۇغ زاتىڭغا ۋە كاتتا پادىشاھلىقىڭغا لايىق كېلىدىغان ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، دېۋىدى، بۇنى قانداق يېزىش ئىككى پەرىشتىگە قىيىن كەلدى ۋە ئاسمانغا ئۆرلەپ: »ئى پەرۋەردىگارىمىز! پالانى بەندەڭ بىر سۆزنى ئېيتتى بىز ئۇنى قانداق يېزىشنى بىلەلمەي قالدۇق« دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان تۇرۇپ، پەرىشتىلەردىن ‹بەندەم نېمە دېدى؟ دەپ سورىدى›، پەرىشتىلەر: يَا رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَمَا يَنْبَغِى لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَلِعَظِيمِ سُلْطَانِكَ دېدى، دەپ جاۋاب بېرىشتى، بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دېدىكى: ‹بەندەمنىڭ دېگىنى بويىچە خاتىرىلەپ قويۇڭلار، ئۇ ماڭا ئۇچراشقان چاغدا، ئۇنىڭغا بۇ سۆزىنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇبدان بېرىمەن›دېدى»([11]).بەزى ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىدىن: «نامازدا نېمە دەپ دۇئا قىلىسەن؟« دەپ سورىۋىدى، ئۇ: نامازنىڭ ئاخىرىدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرىمەن ۋە اللَّهُمَّ إِنِّى أَسْأَلُكَ الْجَنَّةَ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ النَّارِ - ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن جەننەتنى سورايمەن، ساڭا سېغىنىپ دۇزاختىن پاناھ تىلەيمەن دەپ دۇئا قىلىمەن، بىراق مەن سىزنىڭكىدەك ياكى مۇئازنىڭكىدەك ئېسىل دۇئالارنى بىلمەيمەن، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان دۇئالارنى قىلىمىز› دېدى»([12]). ئىمام سەنئانىي مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستە كىشى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى دۇئالار بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالار بولسۇن، خالىغان دۇئالارنى قىلسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل باردۇر». --------------------------------------------------------------------------------([1])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([2])      بەيھەقى رىۋايىتى.([3])      ئىبنى خوزەيمە رىۋايىتى.([4])      بەقەرە سۈرىسى 201 ـ ئايەت.([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6])      تىرمىزى رىۋايىتى.([7])      بەيھەقىي رىۋايىتى.([8])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. ([9])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([10])    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([11])    ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([12])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.