رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m043.jpg

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىنساننىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ پايدىلىق مەكتىپى ئائىلىسى. ئىنسان ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئائىلىسىدە ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۇن ئائىلە قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىگە ياخشىلىقلارنى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئۆگىتىدىغان ناھايىتى پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق مەكتەپتۇر. ئائىلىنىڭ بۇ ئالىي قىممىتىنىڭ بىلىنىپ قەدىرلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى لازىم.

ئائىلە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بولغاندەك ياشلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ پايدىلىق بىر مەكتەپ. ئائىلە ھەقىقەتلەر ئەمەلىي شەكىلدە ئۆگىتىلىدىغان بىر ھايات مەكتىپى.

ئائىلە ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى بىلىدىغان، ئەقىللىق، دىندار، ياخشى، ئەدەپ ـ ئەخلاق ئىگىسى كىشىلەر بولسا، بۇنداق ئىنسانلار ياشايدىغان ئۆي ئەڭ ئاددىي بولسىمۇ، ياخشىلىق، ھوزۇر ۋە بەخت ـ سائادەت قۇچىدىغان جەننەتتەك قىممەتلىك ماكان بولىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ روھلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھسىز، پاك قەلبىگە ياخشىلىق ئۇرۇقلىرى تىكىلىدىغان جاي، ياشلار ۋە ھەتتا چوڭلار خۇشچىراي بولۇشنى، ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، سەۋرلىك بولۇشنى، كەچۈرۈمچانلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى، نەپسىي خاھىشنى كونترول قىلىشنى، بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى، ئىشلەش ئارقىلىق پايدىلىق بولۇشنى، ھەمكارلىشىشنى، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئەلا بىلىشنى، تۇرمۇشنىڭ روھىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىپ تەتبىق قىلىدىغان ئۇلۇغ مەكتەپتۇر.

بۇنداق بىر ئائىلە، ئەزالىرى ئۈچۈن نېمەت ۋە سائادەت، جەمئىيەت ئۈچۈن ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىكنىڭ مەنبىئىدۇر.

دىنىمىزدا ئائىلىنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك بىر مۇئەسسىسە سانىلىشىنىڭ ۋە ھەر تۈرلۈك زىيانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى مانا مۇشۇدۇر. ماددىي جەھەتتىن بولغاندەك، مەنىۋى جەھەتتىمۇ ئائىلە باشلىقىدىن باشلاپ پۈتۈن ئەزالار بىر ـ بىرىگە بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىشى ۋە بىلگەنلەرنىڭ بىلمىگەنلەرگە ئۈلگۈ بولۇشى دىنىي ۋاجىبتۇر. ئائىلىدە چوڭ دادا بىلەن چوڭ ئانا (بۇۋا بىلەن موما) ئەڭ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر تەربىيىچىلەردۇر.

ئىسلامدا مەسئۇلىيىتىنى بىلىدىغان بىر ئائىلە رەئىسى نېمە دېگەن بەختلىك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن مەسجىدكە بېرىشتا باسقان ھەر بىر قەدىمىگە بېرىلگەن ساۋابنىڭ ئوخشىشى ئائىلىسىگە قايتىشتا باسقان ھەر بىر قەدىمىگىمۇ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆيىگە قايتىش بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خۇشاللىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ ۋە ئۇلارنى بەختلىك بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ھەقىقەتتە ئائىلە كىشىگە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان، ئۇنى ئادا قىلىشقا كۆندۈرىدىغان بىر مەكتەپ. ئىنسان پەقەت يەپ ـ ئىچىش، ئاخىرىدا ئۆلۈپ يوقۇلۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس. ئۇ پىكىر قىلىش ـ ئويلاش، ھاياتنىڭ سىرلىرىنى بىلىش ۋە ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن ئۆزىدىن كۈتۈلگەن ئىشلارنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.

ئىنساننىڭ ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتلىرى بار. ئۇنى بۇ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مۇناسىب يېتىشتۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇلارنى ئۆگۈتىدىغان مۇھىتنىڭ بولۇشى لازىم. بۇ مۇھىت مەسجىد، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىن ئاۋۋال ئائىلىدۇر. مەسجىد، جەمئىيەت ۋە مەكتەپنىڭ قىممىتىمۇ ئائىلىدە ئۆگىتىلىدۇ. ئائىلە بولسا دائىمى بىر تەلىم ـ تەربىيە مۇئەسسىسىدۇر.

شەخسىي ۋە كوللىكتىپ ھايات جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئائىلە بۇ ھاياتنىڭ ئۇلىدۇر. ئۇ ئىنساننىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىلاھىي بىر نېمەتتۇر. ئۆي ۋە ئائىلە ئىگىسى بولغان كىشى ئەۋلادلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ. دىنىي جەھەتتىن ئالغاندا ئەڭ ساغلام ۋە ئەڭ پاك كېلىشىم بولغان نىكاھ بىلەن ئائىلە قۇرۇلىدۇ. كىشى ئائىلە قۇرۇش بىلەن سانسىز خاشىلىقلارغا ئېرىشكەندەك، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلىق بىلەن يېڭىشنى مۇشۇ ئائىلە مەكتىۋىدە ئۆگىنىدۇ. ئەر ـ خوتۇن ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۆز نۇرى قىلىنىشىنىڭ ئىلاھىي ھېكمەتلىرىدىن بىرى مانا مۇشۇدۇر. قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرگە مۇنداق دۇئا قىلىش ئۆگىتىلىدۇ: «ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن» دەيدۇ.»[1]

ئائىلە ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

بۇ كىچىك جەمئىيەتتە ئىنسان ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ ۋە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلىنىدۇ. دائىرە كېڭەيگەنسىرى مەسئۇلىيەتمۇ چوڭىيىدۇ. كىشىنىڭ كىشىلەرگە پايدىلىق بولۇشتىكى تەجرىبىسى كۆپىيىدۇ، كۆز قاراش ۋە پىكىر دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ئۇنىڭ چارە ـ تەدبىر، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرى شۈنچىلىك تەرەققى قىلىدۇكى، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ پايدىلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىش شەرەپىگە ئېرىشىدۇ. ئەسلىدە بۇ قابىلىيەت ۋە ئىستىداتلار ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا مەۋجۇد. ئاللاھ تائالا ئىنساننى بۇ سۈپەتلىرى بىلەن ئالاھىدە قىلدى. ئىنساننى شۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگەن كىچىك مەدرىسە ئائىلە مەكتىۋىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىنىڭ يۇقىرى قىممىتىنى قەدىرلەش، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق مەكتەپ بولۇش خۇسۇسىيىتىنى ساقلاش ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرىدۇر.

ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى ئەۋلادلىق بولۇش ۋە ياخشى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشتۇر. سالىھ ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئاتا ـ ئانىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. چۈنكى بالىلار ئاتا ـ ئانىغا ئاللاھ تائالا بەرگەن ئامانەتتۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇ ئامانەتتىن مەسئۇلدۇر. ئاتا ـ ئانا ئەۋلادلىرىغا شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى ئەدەپ ـ ئەخلاق بىلەن ۋە كېرەكلىك بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرسە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ئەۋلادلىرىنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرمىسە، ياكى ئۇلارنى يامان تەربىيىلىسە، ئۇ چاغدا قاتتىق ئازابقا ھەقلىق بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بالىلىرىنى ئىھمال قىلىش بىلەن ھەم ئۆزلىرىگە، ھەم بالىلىرىغا ۋە جەمئىيىتىگە يامانلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى بۇندا ئاتا ـ ئانىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلمىغان بولۇشىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.»[2]

ئائىلىنىڭ چوڭى بولغان ئاتا ـ ئانا ياخشى بولۇشقا، جانابى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماسلىققا بۇيرۇلغاندۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بالىلارنىڭمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۆگىنىپ ئىجرا قىلىشىنى ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماسلىقىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش يەنە ئاتا ـ ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئاتا ـ ئانا بۇ ئىككى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىمۇ ۋە ئەۋلادلىرىنىمۇ دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەر بىر پادىچىغا قوغداش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان پادىلارنى قوغدىدىمۇ ياكى زايى قىلىۋەتتىمۇ دەپ سورايدۇ. شۇنىڭدەك كىشى ئائىلىسى ھەققىدە ئۇلارنى قوغداپ ـ قوغدىمىغانلىقى توغرىلىق سوراق قىلىنىدۇ.»[3]

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نېمە دېگەن ياخشى! "ئۆزەڭلارغا ۋە بالاڭلارغا ياخشىلىقنى ئۆگىتىڭلار، ئۇلارنى گۈزەل ئەدەپ ـ ئەخلاق بىلەن يېتىشتۈرۈڭلار، كىشى قايسى تەربىيە بىلەن ئۆسۈپ يېتىلسە، ياشلىقى ۋە قېرىلىقى ئەينى ھال ئۈستىگە بولىدۇ، ئەۋلادىغا كىچىكلىكىدە ياخشى ئەدەپ ۋە تەربىيە بەرگەن كىشى، بالىسى چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىدۇ. ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى ناھايىتى ياخشى ئويلىمىغانلار بىر كۈنى چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ."

بالا ھاياتنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۆينىڭ ئۆچمەس گۈلى، ئائىلىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسىدۇر. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بالا جەننەت گۈللىرىدىندۇر» دېگەن.[4]

بالا يوق ئۆيدە بەرەكەت بولمايدۇ دېگەن سۆزلەر كىشىلەرنى ئائىلە قۇرۇشقا تەرغىپ قىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز.

[1] سۈرە فۇرقان: 74- ئايەت.

[2] سۈرە تەھرىم: 6- ئايەت.

[3] جامىئۇسسەغىر شرھى فەيزۇلقەدىر: 1745- ھەدىس.

[4] فەيزۇلقەدىر: 9690- ھەدىس.