رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m039.jpg

ۋەھىينىڭ لوغەت مەنىسى: ئىشارەت قىلىش، يېزىش، ئەلچىلىك يەتكۈزۈش، ئىلھام قىلىش، مەخپىي گەپ قىلىش ۋە باشقىلارغا تاشلاپ بەرگەن سۆز دېگەن مەنىلەردىن ئىبارەت. ۋەھىينىڭ لوغەتتىكى ئەسلى مەنىسى:« مەخپىي گەپ قىلىش»« مەخپىي بىلدۈرۈش» دېگەنلىكتۇر.

ئەرەبچەسۆزدە:« وحى إليه » دەيدۇ بۇ (پالان كىشى يەنە بىرىسىگە باشقىلارغا بىلدۈرمەي گەپ قىلدى. كىشىگە بىلدۈرمەي ئىشارەت قىلدى)دېگەنلىكتر

ۋەھىينىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى: ۋەھىي ئاللاتائالانىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە دىنىي ئىلىم-مەرىپەتلەدىن بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىنى دىلىغا تاشلاپ بەرگەن ياكى جىبرىئىل ئارقىلىق مەخپىي ئۆگەتكەنلىكىدىن ئىبارەت.

[ئاللاھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىق لاسۆز قىلغان. ئاللا ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [51] سۈرەشۇرا]

                                     ۋەھىينىڭ ھەدىسلەردىكى بايانى

[ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى [1]، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)گمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى [2]. (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ[3]. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ [4]. ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى [5]. ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى [6ـ7]. ئاندىن ئۇ ئاستا ـئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى [8]. ئۇ(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى [9] ﷲ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى[10] سۈرە نەجم]

ئەبۇ قاتەدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۈشەنبە كۈنىنىڭ روزىسىدىن سۇرالغاندا،« مەن شۇ كۈنى تۇغۇلغان، ماڭا دۈشەنبە كۈنى ۋەھىي نازىل قىلىندى، دېدى» [مۇسلىم ]

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي دەسلىۋىدە راست چۈشلەردىن باشلانغان، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىمام ئەھمەد، ئابدۇللا ئىبنى ئەمىرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! ۋەھىي نازىل بولغانلىقىنى ھېس قىلامسەن؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« جىرىڭشىغان قاتتىق ئاۋازنى ئاڭلايمەن، شۇ چاغدا شۈك تۇرىمەن، ھەرقېتىم ماڭا ۋەھىي قىلىنغاندا، جېنىم چىقىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالىمەن»دەپ جاۋاپ بەردى»

ئىمام مالىك، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھارس ئىبنى ھىشام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:« ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! ۋەھىي ساڭا قانداق كېلىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاپ بەردى:« ۋەھىي ماڭا بەزى چاغلاردا قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق كېلىدۇ. ئۇ ماڭا قاتتىق تۇيۇلىدۇ، ماڭا ۋەھىي نازىل بولۇشتىن توختىغان ھامان مەن ئۇنى ئېسىمدە تۇتىۋالىمەن. بەزى چاغلاردا جىبرىئىل ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ ماڭا سۆزلەيدۇ، مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىمدە تۇتىۋالىمەن»ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دېدى: مەن قاتتىق سوغۇق كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇم، ۋەھىي توختىغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پىشانىسىدىن تەر چىقىۋاتاتتى » [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋەمۇسلىممۇ رىۋايەت قىلغان]

ئۇبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي چۈشكەندە :«ۋەھىينىڭ تەسىرىدىن قاتتىق قىينىلاتتى، رەڭگى ئۆزگىرىپ، ئاق يۈزلىرى قارىداپ كېتەتتى»  [مۇسلىم ۋە ئەھمەد سەھىھ]

ئۇبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولغاندابېشىنى پەس قىلىپ تۇراتتى. ساھابىلىرىمۇ (ھۆرمەت يۈزىسىدىن) بېشىنى پەس قىلىپ تۇراتتى. رەسۇلۇللادىن ۋەھىي كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن بېشىنى كۆتۈرەتتى»  [مۇسلىم ۋە ئەھمەت سەھىھ]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداقدەيدۇ: ئاللا مۇنداق دېگەن:« سەن قۇرئان ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقاندا ئەگىشىپ ئوقۇش ئۈچۈن تىللىرىڭنى مىدىرلاتمىغىن» ئىلگىرى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قۇرئان ئايەتلىرىنى ئېلىپ چۈشكەندە، رەسۇلۇللا تىلىنى مىدىرلاتقانلىقى ئۈچۈن كالپۈكلىرى بەك قاتتىق تىتىرەپ كېتەتتى، ھەتتا بۇنى كىشىلەرمۇ بىلەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللا:« قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى، سەن ئۇنى ئەگىشىپ ئوقۇش ئۈچۈن تىللىرىڭنى مىدىرلاتمىغىن، ئۇنى يىغىپ توپلاپ بېرىش ھەم ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر»دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى. ئاللا مۇنداق دەيدۇ:« بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز، ئۇنى قەلبىڭگە توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇپ بېرىشتۇر» ئايەت:« بىز ئۇنى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا ھەم نازىل قىلىۋاتقاندا سەن جىم تۇرۇپ ئاڭلىغىن» ئايەت:« ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئولىيىتىمىزدۇر» مەن ئۇنى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشەندۇرىمەن، دېدى. كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قايتا كەلگەن چاغدا رەسۇلۇللا جىم تۇرۇپ ئاڭلىدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللا ئاللارۇخسەت قىلغان ئۇسۇل بويىچە ئوقۇدى» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ:« مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ۋەھىينى يازاتتىم. ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشكەندە، قاتتىق قىينىلىپ كەتكەنلىكىدىن چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلەتتى. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن،قىينچىلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىنىمدە قوينىڭ تارغاق سۆڭىكىدىن بىر پارچە ئېلىۋالاتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نازىل بولغان ئايەتنى ئوقۇپ بېرەتتى، مەن يازاتتىم. مەن ۋەھىينى يېزىپ بولماي تۇرۇپ، قۇرئاننىڭ ئېغىرلىقىدىن پۇتۇم سۇنۇپ كەتكىدەك ئاغرىپ كېتەتتى. قۇرئان شۇ دەرىجىدە ئېغىر ئىدىكى، ھەر قېتىمدا:« پۇتۇم كاردىن چىقتى، ئەمدى ماڭالمايدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. مەن ئايەتلەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ئوقۇ!» دەيتتى. مەن ئوقۇپ بېرەتتىم، ئەگەر يېزىلماي قالغان يەر بولسا، تۈزىتىپ يازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇيتتى»[ئەلئۋسەت]

ئىمام ئەھمەد، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغاندا ئۇ ئۇلاق ئۈستىدە بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۇلىقى بوينىنى سىلكىپ كېتەتتى »

ئىمام بۇخارى، سەھل ئىبنى سەئىد سائىدىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: (مەن مەرۋان ئىبنى ھەكەمنى مەسچىتتەكۆردۈم): مەن (ئۇنىڭ قېشىغا) بېرىپ ئولتۇردۇم، ئاندىن مەرۋان ئىبنى ھەكەم بىزگەمۇنداق دەپ سۆزلەپ بەردى: زەيد ئىبنى سامىت:« مۆمىنلەردىن جىھادقا چىقمىغانلارئاللا يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ» دېگەن ئايەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېزىشىم ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالانىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن جىھاد قىلىشقا قادىر بولالىسام ئەلۋەتتە جىھاد قىلاتتىم، دېدى (ئۇ ئەما ئىدى) ئاندىن ئاللاتائالا پەيغەمبىرىگە ۋەھىي قىلىش ئۈچۈن پەرشتە چۈشۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇتىسى مېنىڭ يۇتامنىڭ ئۈستىدە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇتىسى مېنىڭ يۇتامنى سۈندۇرۇۋېتىدىغاندەك دەرىجىدە ئېغىرلاشتى، تاكى پەرشتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىينى يەتكۈزۈپ بولۇپ قايتىپ كەتكىچە شۇنداق بولدى. ئاللاتائالاشۇ چاغدا :« ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا)» دېگەن ئايەتنى چۈشۈرىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇللا ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق سۆزنى يادلىۋېلىش مەقسىتىدە يېزىۋالاتتىم.قۇەيش مېنى توسۇپ: سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىسىنى يازامسەن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىر ئىنسان، شۇڭا ئۇمۇ باشقىلاردەك ئاچچىغى كەلگەندىمۇ سۆزلەپ سالىدۇ، خوشى تۇتقاندىمۇ سۆزلەپ قويىدۇ- دېدى. شۇنىڭ بىلەن،يېزىشتىن توختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى بايان قىلسام، ئۇ ئۆزىنىڭ بارمىقى بىلەن ئاغزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: يازغىن! جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاتائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭدىن پەقەت ھەق (سۆز) چىقىدۇ- دېدى» [ئەبۇداۋۇد]

     
                                    ۋەھىي داۋاسى قىلغۇچىلار توغرسىدا

[ئاللاغا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن، ياكى ئاللا نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاپ نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ [93] سۈرە ئەنئام]

ئەبۇ زەمىيلدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى:مەن كەبىدە ئىبنى ئابباسنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيدە كېلىپ تاۋاپ قىلدى. ئىبنى ئابباسنىڭ قېشىغا بىر كىشى كېلىپ: ئى ئىبنى ئابباس! مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيدە كېچە، ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن، دېدى. ئىبنى ئابباس: مۇختار راست ئېيتىپتۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن چۆچۈپ كېتىپ؛ ئىبنى ئابباسمۇ مۇختار راست ئېيتىپتۇ، دەمدۇ؟! دېدىم. ئىبنى ئابباس:ۋەھىي ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى: ئاللانىڭ ۋەھىيسى بولۇپ، ئۇ مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىيدۇر. يەنە بىرى: شەيتاننىڭ ۋەھىيسى بولۇپ، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىغا قىلغان ۋەسۋەسىدۇر، دەپ تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:[شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ [121] سۈرە ئەنئام]

ئەبۇ ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا:مۇختا ئۆزىگە ۋەھىي كەلگىنىنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ،- دېگەنىدىم. ئۇ: توغرا ئېيتىپتۇ،چۈنكى شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا ۋەھىي قىلىدۇ،- دېدى» [ئەلئەۋسەت]

بۇرۇنقى زامانلاردا ۋەھىينىڭ نېمەئىكەنلىكىنى بىلىش چۈشىنىشكە  زېھنى ئاجىزكەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ، بۇ كۈندە سىملىق ۋە سىمسىز تېلېفۇن، تېلېگىرامما، رادىئو،تېلىۋىزورلارنى كۆزى بىلەن كۆرگەن تۇرۇپ، يەنە ۋەھىينى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمىدى،دەيدىغان باھانىسى قالمىدى.

مەنبە:merifet.com

پايدىلانغانكىتاب:قۇرئان كەرىم، تەپسىر ئىبنى كەسىر،بۇخارى، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، جەمئولفەۋائد، مىشكات