رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

1. اَلتَّحِيّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ والطيِّباتُ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَاالنَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبرَكَاتُهُ، اَلسَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِيْنَ أَشْهَدُ أنْ لاَ إلٰهَ إلاَّ اللهُ وأشهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.


تەرجىمىسى: «ئىبادەتلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئامانلىق، دۇرۇدلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر‍‍‍. ئامانلىق بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن»([1]).

2. اَللَّهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آلِ إبْرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەن»([2]).

3. اَللَّهُمَّ بَارِكَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آل إبْراَهِيْمَ إنَّكَ َحَمِيدٌ مجَيِْدٌ.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەن»([3]).

4. رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي اْلآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ.

تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز‍‍‍، بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ۋە بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([4]).

 

تەشەھھۇدتىن كېيىن ۋە سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئالار

 

1. اَللَّهُمَّ إنّي أعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِِتْنَةِ الْمَسِيْحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَفِتْنَةِ الْمَمَاتِ، اَللَّهُمَّ إنّي أعُوذُ بِكَ مِنَ الْمأْثَمِِ وَالْمَغْرَمِ.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ قەبرى ئازابىدىن پاناھ تىلەيمە، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ھايات ۋە ماماتنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ گۇناھقا چۆمۈشتىن ۋە قەرزدارلىقتىن پاناھ تىلەيمە»([5]).

2. اَللَّهُمَّ إنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كَثِيْراً وَلاَ يَغْفِرُ الذُُّنُوبَ إلاَّ أنْتَ فَاغْفِرْ لِي مِنْ عِنْدِكَ مَغْفِرَةً إنَّكَ أنْتَ الْغَفُوْرُ الرَّحِيْمُ.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى سەندىن ئۆزگە مەغپىرەت قىلغۇچى يوق، مېنى ئۆز پەزلى ـ كەرەمىڭ بىلەن مەغپىرەت قىلغىن. سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە تولىمۇ شەپقەتلىك ئىگەمسەن»([6]).

3. اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي مَاقدَّمْتُ وَمَاأخَّرْتُ، وَمَاأسْرَرْتُ وَمَا أعْلَنْتُ، وَماَ اَسْرَفْتُ وَماَ اَنْتَ اَعْلَمُ بِهِ مِنِِّي اَنْتَ الْمُقدِّمُ وَأنْتَ الْمُؤَخِّرُ، لاَإلَهَ إلاَّ أنْتَ.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۆتكەن ۋە كېيىنكى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق گۇناھلىرىمنى، ھەددىمدىن ئاشقانلىرىمنى ۋە مەن بىلمەيدىغان خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن ئەزەلدىن بار بولغان ۋە مەڭگۈگە قالىدىغان زاتسەن، سېنىڭدىن ئۆزگە مەبۇد بەرھەق يوقتۇر»([7]).

 

نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار

 

1. اَسْتَغفِرُاللهَ اَسْتَغفِرُاللهَ اَسْتَغفِرُاللهَ، اَللَّهُمَّ اَنْتَ السَّلاَمُ، وَ مِنْكَ السَّلاَمُ، تَباَرَكْتَ ياَذاَ الْجَلاَلِ وَاْلإِكْراَمِ.

تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق زادى سېنىڭدىن. ئى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزلى ـ كەرەم ئىگىسى ئاللاھ سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن»([8]).

2. لاَإلَهَ إلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. َاَللَّهُمَّ لاَمَانِعَ لِمَا أعْطَيْتَ، وَلاَمُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَيَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ.

تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغاننى توسىۋالغۇچى يوق ۋە سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ»([9]).

3. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ، لاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللهِ، لاَ نَعْبُدُ إِلاَّ إِيَّاهُ، لَهُ الْمَنُّ، وَلَهُ النِّعْمَةُ، وَلَهُ الفَضْلُ وَالثَّنَاءُ الْحَسَنُ، لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ مُخْلِصِيْنَ لَهُ الدِّينَ، وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ.

تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ نېمەت ۋە پەزلى ـ كەرەم ئىگىسىدۇر، ئۇ شۈكۈرگە ۋە ئەڭ ئېسىل ھەمدۇ سانالارغا لايىقتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئىبادەتنى ئاللاھقا خاس قىلىپ ، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلىمىز»([10]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە، «بۇنى ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇغان كىشىنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھى بولسىمۇ ھەممىسى مەغفىرەت قىلىنىدۇ»([11]) دەپ كۆرسەتكەن.

4. سُبْحَانَ اللهِ ، اَلْحَمْدُ لِلّهِ ، اَللّهُ أَكْبَرُ.

ئوقۇلىشى: «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» (ھەربىرى33 قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ).

تەرجىمىسى: «ئاللاھ پاكتۇر، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر»([12]).

5. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيم.ِ قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ. اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ. (ئۈچ قېتىم).

تەرجىمىسى: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ‹ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ›»([13]).

6. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ . مِن شَرِّ مَا خَلَقَ . وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ. وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ. (ئۈچ قېتىم).

تەرجىمىسى: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ‹مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېگىن»([14]).

7. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ. مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِالنَّاسِ. مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ. (ئۈچ قېتىم).

تەرجىمىسى: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ‹ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىن»([15]).

8. اللهُ لاَ إِلَـهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيْطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَآءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيْمُ.

تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (دۇنيادىكى)، كەينىدىكى (ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىغا) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈرشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مەلۇماتى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىبىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر»([16]).

9. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، يُحْيِ وَيُمِيْتُ بِيَدِهِ الْخَيْرُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. (10 قېتىم ئوقۇلىدۇ).

تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»([17]). (بامدات ۋە شام نامازلىرىدىن كېيىن 10 قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ).

10. اللّهُمَّ إنّي أَسْأَلُكَ عِلْماً نافِعاً، وَرِزْقاً طَيِّباً، وَعَمَلاً مُتَقَبَّلاً.

تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، ھالال رىزىق ۋە دەرگاھىڭدا قوبۇل بولىدىغان ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىشىڭنى تىلەيمەن»([18]). (بامدات نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ).

([1]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([3]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([4]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([5]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([6]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([7]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([8]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([9]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([10]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([11]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([12]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([13]) ئىخلاس سۈرىسى.

([14]) ئەلەق سۈرىسى.

([15]) ناس سۈرىسى.

([16]) بەقەرە سۈرىسى 255 ـ ئايەت.

([17]) تىرمىزى رىۋايىتى.

([18]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.