رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

دۇرۇد ــ پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىنى ئۈستۈن، دەرىجىسىنى يۇقىرى ۋە نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇيدۇ:  «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا  بىر قېتىم دۇرۇد ئېيتقان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئون ھەسسە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قەبرەمنى بايرام مەيدانىغا ئايلاندۇرىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇد ئېيتىڭلار، سىلەر قانداقلا جايدا بولماڭلار، ئېيتقان دۇرۇدلىرىڭلار ماڭا يېتىدۇ»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدە كېزىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ماڭا ئۈممىتىمنىڭ دۇرۇد ۋە سالاملىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ»([4]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن تىلغا ئېلىنغان چاغدا ماڭا دۇرۇد ئېيتمىغان ئادەم بېخىل ئادەمدۇر»([5]).

ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇد قايسى؟

ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەشىر ئىبنى سەئدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھ تائالا بىزنى سىزگە دۇرۇد ئېيتىشقا بۇيرىدى، بىز سىزگە قانداق دۇرۇد ئېيتساق ئەۋزەل بولىدۇ؟›  دەپ سورىۋىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن، بىزگە تەلىم بېرىپ، ‹سىلەر: نى ئوقۇڭلار› دېدى».

([1])      ئەھزاب سۈرىسى 56 – ئايەت.

([2])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

([4])      ھاكىم ۋە نەسائى رىۋايىتى.

([5])      تىرمىزى رىۋايىتى.