رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m004.jpg

4. ئاياللارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك زات ئىدى. ئاياللىرىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، دەردلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايتتى. پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئاياللىرىغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىپ: «مۆمىنلەردىن ئىمانى ئەڭ كامىل بولغىنى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىدۇر، سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر»([2]) دەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار سەپەرگە چىققانلىرىدا، ئاياللارنى تۆگىلەر كۆتۈرىدىغان مەپىلەرگە ئولتۇرغۇزۇپ ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ ماڭاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يول بويى تۆگىلەرنى يېتىلەپ ماڭغانلارغا: «بۇ نازۇك شېشىلەرنى سىلىق ئېلىپ مېڭىڭلار»([3]) دەپ تەۋسىيە قىلىپ تۇراتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى نازۇك شېشىلەرگە ئوخشاتقان. ھەقىقەتەن ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى نازۇكلىقتا خۇددى شېشىگە ئوخشايدۇ، ئاياللار ئومۇمەن ھېسسىياتچان بولغانلىقتىن تېز رەنجىپ قالىدۇ ۋە تېز ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارغا ئىنتايىن سىلىق مۇئامىلە قىلىشتىن باشقىسى ئىشقا يارىمايدۇ.

مېھىر - مۇھەببەت ئاياللارنى ئاسراش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدە ۋە ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدە: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلغان.

قىزلارنى ئوغۇللاردىن تۆۋەن كۆرۈش، ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى تەبىئىتىگە ئويغۇن كەلمەيدىغان ئېغىر ئىشلارغا بۇيرۇش،«قىز بالا ئوقۇپ نېمە بولاتتى» دەپ ئۇلارنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىش، ئۆگەي ئانىسىنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلارنى ئېزىش، ھاقارەتلەش، ھەتتا ئۇرۇش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قولاق سالماي، نازۇك كۆڭلىگە ئازار قىلىش قاتارلىق ناچار ئىشلارنى قىلىدىغان ئاتىلار قەلبلىرىدىن رەھىم - شەپقەت سۇغۇرۇپ ئېلىنغان بەختسىز كىشىلەردۇر. مۇنداقلار قانچىلىك تەقۋا سۈرەتلىك مۇسۇلمان بولۇپ كەتسۇن، قانچىلىك چوڭ ئالىم - ئۆلىما ياكى قارى - قۇرئان، ھاجى - ھەرەم بولۇپ كەتسۇن، بەرىبىر كۆڭلىدە رەھىم - شەپقەت بولمىغان ئىكەن، مۇنداقلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن.

قىزلارنىڭ سەبىيلەرچە پاك ھېسسىياتىنى سۇيئىستېمال قىلىپ، ئۇلارغا يالغاندىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغانلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئورنىدا قويسۇن! ئۇلارنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئىپپىتى ۋە نومۇسى قانچىلىك قىممەتلىك بولسا، شۇ قىزلارنىڭمۇ ئىپپەت - نومۇسى شۇنچىلىك قىممەتلىكتۇر. بىراۋنىڭ نومۇسىنى ئاياق ئاستى قىلىش ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن تەڭ.

قىزلارنىڭ ساپلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا ئۆيلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى ھەسرەتتە قويىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باقسۇن، ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ شۇنداق بىر ئۆمۈر ھەسرەت - نادامەت چەكمەسلىكىنى خالىسا، باشقىلارنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىغىمۇ چەكتۈرمىسۇن! «بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم»دەپ بىكار ئېيتىلمىغان. رىئاللىقتىكى تەجرىبىلەرمۇ بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

ساددا قىزلارنى ئالداپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زالىم لوبەنلەرنىڭ ئويۇن - كۈلكىسىنى قىزىتىش ئۈچۈن يېقىلغۇ قىلىپ بېرىۋاتقان ۋىجدانسىز ئىپلاسلار ئاللاھ تائالادىن قورقمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ جىنايەتنىڭ بەدىلىنى ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرى ياكى ئاچا - سىڭىللىرى تۆلەيدىغان بىر كۈننىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلسۇن!

ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتى يوق تۇرۇپ بىر قىزنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاشقا تىرىشماقچى بولغانلار بۇ رەزىل پەيلىدىن يانسۇن! كۆڭلىگە بىرىنىڭ مۇھەببىتى كىرىپ قېلىپ، مۇرادىغا يېتەلمەستىن يۈرىكى يانغانلىقنىڭ قانچىلىك تۈگىمەس ئازاب ئىكەنلىكىنى ئويلىسۇن ۋە ئۆزىنى شۇ قىزنىڭ ئورنىدا قويسۇن. «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىلارغا سال» دېگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «نازۇك شېشىلەر»دەپ سۈپەتلىگەن بۇ شېشىدەك نازۇك يۈرەكلەرنى خىيانەت پىچىقى بىلەن تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈشتىن، شېشىدەك نازۇك كۆڭۈللەرنى بىر ئۆمۈر ھەسرەت - نادامەتكە قويۇشتىن ھەزەر قىلسۇن! بۇ خىيانەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىدىن ياكى كېيىنچە، ئۆز قىزلىرىدىن بىرەرسىگە يېنىپ قېلىشىدىن قورقسۇن!

كۆڭۈلگە تۇتاشقان مۇھەببەت ئوتىنىڭ شېشىدەك نازۇك كۆڭۈللۈك قىزلارنى قانچىلىغان ئازاپ - ئوقۇبەتلەرگە سالىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

يىگىتنىڭ يالغان ۋەدىسىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن نومۇسى دەپسەندە بولغان قىزلار ئۈچۈن يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئاتا - ئانىسىنى نومۇستىن زار - زار يىغلاتقانلارنىڭ جەننەتتەك ئائىلىسىنىڭ دوزاخقا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. قىزلار نومۇسىنى يوقاتمىغان تەقدىردىمۇ، دەسلەپ كۆڭلى باغلانغان ئالدامچىنىڭ ھەسرىتىدە بىر ئۆمۈر ئازابلىنىدىغانلىقى، ھەتتا بەزى قىزلارنىڭ تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاۋۋالقىسىنى خىيالىدىن ساقىت قىلالماي ئازابلىنىدىغانلىقى ئېنىق.

قىزلارغا بۇنچىلىك تۈگىمەس ئازابنى چەكتۈرۈشكە كىمنىڭ ھەققى بار؟ بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار! ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادىلا ئۇنىڭغا جازاسىنى كۆرسىتىپ ئىبرەت قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا نومۇس دۈشمىنى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئازابنى ئۇبدان تېتىتىدۇ.

مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «قىل» ۋە«قىلما» دېگەن ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرسىمۇ، «قۇل ھەققى»نى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرگىنى يوق. ئىنسانلارغا قىلىنغان قانداقلا بىر زۇلۇم، ھەقسىزلىق ۋە يامانلىقنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ھايات مۇساپىسىدىكى تەجرىبىلەر بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.

5. ئائىلىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدىمۇ يېتەرلىك تەۋسىيىلەرنى قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قول ئاستىڭلاردىكىلەر سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارغا ئوخشاشتۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى، نېمە يېسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇنىڭدىن يېگۈزۈڭلار، نېمە كىيسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇ كىيگەنلىرىڭلاردىن كىيگۈزۈڭلار، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار، ئۇلارنى شۇنداق ئىشلارغا بۇيرىغىنىڭلاردا، ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار»([4]).

بۇ نېمىدېگەن ئېسىل تەۋسىيە! قايسى دىن ۋە قايسى قانۇندا بۇنداق باراۋەرلىكنى تاپالايسىز؟ قانداق باي ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئۆزى كىيگەن ئالىي توننى ياكى قىممەتلىك كاستۇم - بۇرۇلكىلارنى كىيگۈزىدۇ؟ قايسى باي ئۆزىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ؟

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىدۇ ــ كىيگۈزىدۇ ۋە يېگۈزىدۇ!

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ھاياتى ۋە ساھابىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى بۇنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ بارلىق ساھابىلەر ۋە ئىسلامنىڭ كېيىنكى ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆي خىزمەتچىلىرىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى دەپ تونۇيتتى ۋە ئۇلارغا ئۆز بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسى قارا تەنلىك زەيد ئىبنى ھارىسەنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سانىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىسمىنى «زەيد ئىبنى مۇھەممەد»دەپ ئاتىغانلىقى ۋە زەيدنىڭ مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا تونۇلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلاردا كىيىم - كېچەكتە، يېمەك - ئىچمەكتە خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ قىلچە پەرقى يوق ئىدى. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەر مۇسۇلمانلارنىڭ قايسىسى خوجايىن ۋە قايسىسى خىزمەتكار ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. قوشنا دۆلەتلەردىن مەدىنىگە كەلگەن ئەلچىلەر كىمنىڭ خەلىپە ئىكەنلىكىنى قاراش بىلەن پەرق ئېتەلمەيتتى. چۈنكى مۇسۇلمانلار باشلىق - پۇقرا، ئۆلىما - ئاۋام، باي - كەمبەغەل، خوجايىن - خىزمەتچى ھەممىسى ئوخشاش ھۆرمەت ۋە بىرخىل قىياپەتتە ئىدى.

شوپۇرلىرىنى ئىشىك ئالدىدا كۈتكۈزۈپ ئاچ قويۇپ، ئۆزى زىياپەتلەردىن قانغىچە ھۇزۇر ئالىدىغان بايلار بىلەن ئۆي خىزمەتچىلىرىنى ئىت - مۈشۇكنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغان ئاياللارنى ھەقىقىي مەنىدە مۇسۇلمان دېيىشكە بولامدۇ؟ ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى دېگىلى بولامدۇ؟!

تەييارلىغان: زەيتۇنە ئابدۇلئەھەد

([1]) مەككە ئازات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ ئاتلىنىپ، مەككە يېقىنىدىكى «ھۇدەيبىيە» دېگەن جايغا كەلگەندە، مەككىلىك كۇپپارلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە مەككىگە كىرىسىگە يول قويمىغان. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىلىكلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بۇ يىل مەدىنىگە قايتىپ، كېلەر يىلى ئۆمرىگە كېلىش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئون يىللىق ئۇرۇس توختىتىش.... قاتارلىقلار ئىشلاردا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ئۆمرە قىلماستىن مەدىنىگە قايتىشى كېرەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى مەككىدە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى شۇ يەردە بۇغۇزلاشقا بۇيرىغاندا، مۇسۇلمانلار مەككىگە كىرەلمىگەنلىكلىرىگە ھەسرەتلىنىپ، ماللىرىنى بۇغۇزلاش ئەمرىنى دەرھال ئورۇندىماستىن تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمنىڭ يەنىغا كىرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىپ، پىكرىنى سورىغاندا، ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچىكىمگە گەپ قىلماي ئاۋۋال ئۆزى قۇربانلىق مېلىنى بۇغۇزلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى بۇغۇزلاشقا كىرىشىدۇ، بۇنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى بۇغۇزلاپ چىقىدۇ.

([2]) ئىبنى ماجە ۋە دارىمى رىۋايىتى.

([3]) بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمدەد رىۋايىتى.

([4]) ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.