رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m001.jpg

8. ئېزىلگەنلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىش - دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ھەركىمنىڭ قۇدرىتى يېتىشىچە پەرزدۇر. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى يۈرگۈزۈش، پۇل - مال ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەب قىلىش، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بۇ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مۇمكىن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر بىر - بىرىنى سۆيۈش، بىر - بىرىگە رەھىم - شەپقەت قىلىش ۋە بىر - بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشتا، قايسىبىر ئورگىنى ئاغرىسا، پۈتۈن ئورگانلار ئىسمىداش ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئورتاق بولىدىغان بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ»([1]).

كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى يۆگەشنىڭ زۆرۈرلۈكى

گۇناھكارلارنى ئىنسانلار ئالدىدا رەسۋا قىلماسلىق، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگەش گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئاچىدىغانلار، گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىنسانلار ئارىسىغا يايىدىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ۋە ئازابىغا لايىق بولغۇچى ئەخلاقسىز مەخلۇقلاردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ»([2]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانداقلا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»([3]) دېگەن.

ئەمما كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ۋە ئەيىبلىرىنى يۆگەش ئىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن گۇناھلار دائىرىسىدىلا بولىدۇ. ئەمما گۇناھكارنىڭ گۇناھىنى يۆگىدىم دەپ، جىنايەتكارلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشقا، ناھەقچىلىككە جىم تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئوغرىنىڭ ئوغرىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەن ئىشچىنىڭ ياكى كادىرنىڭ كەمچىلىكىنى يوشۇرۇش، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرىشىگە يول قويۇش قاتارلىق ئىشلار قىلمىشتا ئۇلارغا شېرىك بولغانلىق سانىلىدۇ.

9. ئادەم ئۆز - ئۆزىگە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

ئادەم باشقىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك ۋە كۆيۈمچان بولۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالسا بولامدۇ؟ ئادەم ئۆزىگە قانداق رەھىم - شەپقەت قىلىدۇ؟

ئادەم ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، زىنا قىلماسلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ يۈز - ئابرويىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىق بولغان گۇناھ - مەسىيەتلەردىن قول ئۈزۈش بىلەن ئۆزىگە رەھىم - شەپقەت قىلغان بولىدۇ.

10. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى كاپىر بولسۇن، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش ھەرگىز قىيىن ئىش ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئاسان. ئىنسانلار قايسى دىنغا، قايسى ئىرققا، قايسى رەڭگە ۋە قايسى دۆلەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا ناھايىتى يۇمشاقلىق بىلەن ئادالەتلىك ھالدا مۇئامىلە قىلىش، ھەركىمگە تەبەسسۇم بىلەن قەلبىنى ئېچىش، پېقىرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، مەيلى ماددىي جەھەتتىن، مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن كۈچىنىڭ يەتكىنىچە ياردەم قولىنى سۇنۇش، يېتىملارنى سۆيۈش، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرىۋېتىش، تونىمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن رەھىم - شەپقەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

لەززەتلىك تائاملار بىلەن غىزالىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزنىڭ بىرەرسىدە، قوشنىلىرىڭىزدىن بەزى بىچارىلەرنىڭ يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، يوقلۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارغا بىرەر قاچا تاماق بەرگىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

ئاتىسى يوق، ئائىلىسى كەمبەغەل بىر يېتىم بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىرىپ، بىر قۇر كىيىم كىيگۈزۈپ قويغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

ئانىسى يوق، دادىسى سىرتتا ئىشلەپ ئۆيىنىڭ كەملىرىنى تولۇقلاش يولىدا يۈرگەنلىكتىن، ھالىغا يېتەلمىگەن، بىراۋ بىلەن بىر سائەت مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشقا زار - زار بولىۋاتقان، كۆڭلى دەردلىك بىرەر يېتىم بالىنى ئۆيىڭىزگە چاقىرىپ، باش - كۆزىنى سۈرتۈپ، ئىسسىق بىر قاچا تاماق يېگۈزۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بەش مىنۇت مۇڭداشقىنىڭىزنى، دەرتلىرىگە قولاق سالغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

بىرەر قېتىم بولسىمۇ، كوچىدا ياكى يولدا بىر ناتونۇش ئادەم بىرەر تاغار يۈكنى ئۈستىگە ئېلىپ قويۇشىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ياردەم سورىغاندا، ئىشىم ئالدىراش دېمەستىن دەرھال يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئاران - ئاران مېڭىپ كېتىۋاتقان بىر ناتونۇشنى ماشىنىڭىزغا ياكى ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرغۇزۇپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

ماشىنىسى بۇزۇلۇپ يولدا قالغان بىرى ئۈچۈن ئالدىراش ئىشىڭىز بولسىمۇ توختاپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

گېزىت - ژۇرناللاردا ياكى تېلېۋىزوردا ياكى ئېنتېرنېت تورلىرىدا، جىددىي ماددىي ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلار توغرۇلۇق بېرىلگەن ئېلانلارنى كۆرگىنىڭىزدە، بىرەر قېتىم شۇلارغا ئاز بولسىمۇ ياردەم پۇلى ئەۋەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

ئەگەر يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابى «ھەئە» بولسا، سىز رەھىم - شەپقەتلىك ئادەمسىز، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىزنى قورشايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر جاۋابىڭىز «ياق» بولسا، سىز تاش يۈرەك ئادەمسىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنسىز، كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىشكە زور ئېھتىياجلىق ئىكەنسىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە باشقىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: «كىم بىرەر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرەر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، كىم بىرەر يوقسۇلغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يۆگىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيبلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ، بەندە بۇرادىرىنىڭ ياردىمىدە بولغان مۇددەتچە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»([4]).

خۇلاسە كالام، رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش قىيىن ئەمەس، مۈشكىلە ۋاقىتنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدە ياكى قول ئىلكىدە بولمىغانلىقىدا ياكى رەھىم - شەپقەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكتە ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق مۈشكىلە قەلبلەردىن رەھىم - شەپقەتنىڭ سۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىدە، يۈرەكلەرنىڭ تاشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدا!

ئاللاھ تائالانىڭ قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىدىغان ئىبرەتلىك ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغاندا ياكى يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، كىيگىلى يوق بىچارىلەرنى كۆرگەندە يۈرىكى ئېزىلمەيدىغان ئادەمدىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ.

مۇنداقلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھىم - شەپقەتنى تارتىۋالغان تۇرسا، مەن ئەمدى نېمە قىلالايمەن»([5]) دېگەن سۆزى يېتەرلىك.

كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش جەريانىدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۈرىدىكى «ئەررەھمانىر رەھىم» (يەنى ناھايىتى مېھرىبان ۋە تولىمۇ شەپقەتلىك) دېگەن سۈپىتىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كۈندە، 33 قېتىم تەكرارلاپ تۇرۇپمۇ يۈرىكى يۇمشىمىغان مۇسۇلماننى نېمە دېگىلى بولسۇن؟!

ئىلىم - پەننى ئىشلىتىشتە رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

ھۆرمەتلىك كىتابخان، ئىلىم - پەن ئۈچۈنمۇ رەھىم - شەپقەت كېتەمدۇ؟ دەپ ھەيران قالغانلىقىڭىز ئېنىق. ئەمما رەھىم - شەپقەتنى چىقىش يولى قىلمىغان ئىلىم - پەننىڭ بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە، ماڭا قوشۇلىسىز.

ھازىرقى دۇنيانىڭ ھالىغا قارايدىغان بولساق، كۈندىن - كۈنگە ئىلىم - پەن ئىلگىرلىگەنسېرى رەھىم - شەپقەت ئازىيىۋاتماقتا. ئىلىم - پەن ئېلىپ كەلگەن ئاتوم بومبىلىرى ۋە راكىتالار بىلەن مىليونلىغان ئىنسان ئۆلمەكتە.

نېمە ئۈچۈن ئىلىم - پەننىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن رەھىم - شەپقەت ئازلاپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

چۈنكى رەھىم - شەپقەت بىلەن ئەخلاقلانمىغان ھەر قانداق ئىلىم - پەن بالايىئاپەت ۋە كىرىزىستۇر! شۇڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئىلىم ھەققىدىكى پۈتۈن بايانلىرىدا رەھىم - شەپقەتنىمۇ بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن رەھىم - شەپقەت يانداشتۇرۇرپ كەلتۈرۈلمىگەن ئىلىم ھەققىدىكى باياندىن بىرنىمۇ تاپالمايسىز.

«ئۇلار ‹پەرۋەردىگارىمز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ› دەيدۇ»([6]).

«ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ رەھمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى ئۇچراتتى»([7]) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.([8])

تەييارلىغان: زەيتۇنە ئابدۇلئەھەد

([1]) بۇخارى رىۋايىتى.

([2]) نۇر سۈرىسى 19-ئايەت.

([3]) ئىمام مۇسلىم رىۋاسيىتى.

([4]) تىرمىزى رىۋايىتى.

([5]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([6]) غافىر سۈرىسى7-ئايەت.

([7]) كەھف سۈرىسى65-ئايەت.

[8])) بۇ ماۋزۇنى يېزىشتا مىسىرلىق مەشھۇر ئىسلام دەۋەتچىسى ۋە تونۇلغان ناتىق ئەمر خالىدنىڭ«مۆمىننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسەرىدىن قىسقارتىپ پايدىلىنىلدى.