رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان پىتنىلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز
بېرىدىغان پىتنىلەر ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مەدىنە تاملىرىدىن بىر تامنىڭ ئۈستىگە
چىقىپ، ساھابىلىرىگە: "مەن كۆرگەننى سىلەرمۇ كۆرىۋاتامسىلەر" دېگەندە،
ئۇلار: ياق، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ: "شەكسىزكى مەن، پىتنىلەرنىڭ
ئۆيلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر چۈشكەندەك، چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن"
دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پىتنىلەرنى يامغۇرغا ئوخشىتىش كۆپلۈك
ۋە ئومۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلىكىگە، ئومۇملىقىغا دالالەت
قىلىدۇ. بۇ ساھابىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارغا ئىشارەت بولۇپ،
بۇنىڭدا ئوچۇق مۆجىزە بار" دەيدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پىتنىلەرگە مەدىنىنىڭ خاس قىلىنىشىنىڭ
سەۋەبىنى بايان قىلىپ: "مەدىنىنىڭ بۇنىڭغا خاس قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى،
ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭشېھىدقىلىنىشى مەدىنىدە بولغان بولۇپ،
باشقا بارلىق پىتنىلەر ئۇنىڭ شېھىدقىلىنىشىىدىن توغۇلغانىدى"دەيۇ.
(پەتھۇلبارى)

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش
پىتنىسىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغىنىدەك،
"پىتنە بۇ تەرەپتىن" دەپ شەرققە ئىشارەت قىلىپ، ئىراقتا يۈز بېرىدىغان
پىتنىلەرگىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
"مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولغان پىتنىلەرنىڭ مەنبەسى
شەرق تەرەپتىن باشلانغىنىدەك، بىدئەتلەرمۇ شەرق تەرەپتىن پەيدا بولغان
بولۇپ، بۇ شەيتاننى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشلارنىڭ چۈملىسىدىندۇر". (پەتھۇلبارى)

  
ساھابە كىراملار مۇپتىلا بولغان پىتنىلەرنىڭ ئەۋۋىلى شۇكى، بىر گۇرۇپ
مۇناپىقلار ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىپ، ئۇنى
خەلىپىلىك مەنسىۋىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇ پىتنىنىڭ بەزى
ئالامەتلىرىنى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: "ئى ئوسمان! ئاللاھ تائالا
ساڭا خەلىپىلىكنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇلار سەندىن ئۇنى تارتىۋېلىشقائورۇنغاندا،
ئۇلارغا ھەرگىز ئۆتۈنۈپ بەرمىگىن". (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى).

  
يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇنىڭ شېھىتلىك بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدىغانلىقىنى خەۋەر
قىلغانىدى، بۇ يەردە بولسا ئۇنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن
خەلىپىلىكنى تالىشىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.
بۇ خەۋەرلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، روياپقا چىقىپ،
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن
ئورۇن ئالىدۇ.

  
مۇبارەكفورى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى: "سەن ھەق ئۈستىدە، ئۇلار
باتىل ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار خەلىپىلىكنى سەندىن تالاشقان
تەقدىردە ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمىگىن" دېگەن مەنا بىلەن شەرھلەيدۇ ۋە ھەزرىتى
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىس سەۋەبلىك مۇھاسىرگە ئېلىنغان كۈنى
ئۇلارغا خەلىپىلىكنى ئۆتۈنۈپ بەرمىگەنىدى" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن
كېيىن ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدىغان بۇ پىتنىلەرنىڭ ئالامەتلىرىدىن گويا
كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئىنچىكىلىك بىلەن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ پىتنىلەرنىڭ ئەڭ
چۇڭى ساھابە كىراملار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن جەمەل ۋە سەففېن ئۇرۇشى
بولۇپ، بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئوتتۇز يىل ئۆتكەندىن
كېيىن يۈز بېرىدۇ. ۋاھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "داۋاسى بىر بولغان
ئىككى تائىپە بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمىگىچىلىك قىيامەت قايىم بولمايدۇ"
دېگەنىدى. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ئىككى تائىپىدىن  جەمەل ۋە سەففېن
ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ھەر ئىككىلا تەرەپ
ئىسلامغا چاقىراتتى، لېكىن پايدىسى ئۈممەت ۋە خەلققە ئائىت بولغان
مەنپەئەتلەرگە رىئايە قىلىش ۋە پادىشاھلىق ئىشلىرىدىن ئىبارەت بىرلا نەرسە
ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، ساھابىلەرتەكىتلىگەندەك، بۇ
ئۇرۇشنى تەرك ئېتىش ئەلا ئىدى" دەيدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "داۋاسى بىر بولغان ئىككى تائىپە"
دېگەن سۆزنى "دىنى بىر بولغان ئىككى تائىپە" دەپ شەرھى قىلىدۇ. چۈنكى، ھەر
ئىككى تائىپە ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان تائىپەلەردۇر. ياكى ئۇ
تائىپىلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنى ھەق ئۈستىدە دەپ داۋا قىلىدىغان تائىپىدۇر.

  
ئىككى تائىپىنىڭ داۋاسىنىڭ بىر بۇلىشى ھەقىقەتنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرسىدە
ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىزاھلاپ مۇنداق
دېگەنىدى: "مۇسۇلمانلار پىرقىسىدىن بىر ئاسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنى ئىككى
تائىپىدىن ھەقىقەتكە ئەلا بولغىنى ئۆلتۈرىدۇ". (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى). بۇ
ھەدىس ھەقىقەتنىڭ ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تەرىپىدە ئىكەنلىكىگە
يېتەرلىك شاھىتتۇر. چۈنكى ئۇلار نەھرىۋان ۋەقەسىدە خاۋارىجلاردىن بولغان
ئاسىلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانىدى.

  
ئىمام قۇرتۇبى: "بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن ئۇچۇق بىر
ئالامەت بار. چۈنكى بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىن خەۋەر
بەرگىنىدەك، روياپقا چىققان" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلۋاتقاندا خاۋارىجلاردىن
بىر كىشى بۇ تەقسىماتقا نارازىلىق بىلدۈرگەندە ئۇ خاۋارىجلارنىڭ
سۈپەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەكسىزكى، ئۇنىڭ سەپداشلىرى بار
بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناماز، روزىلىرى ئالدىدا ئۆزۈڭلارنىڭ ناماز، روزىلىرىنى
كەمسىتىسىلەر، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ لېكىن ئوقۇغان قۇرئان ئۇلارنىڭ
كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇلار دىندىن ئوق ئوۋلانغان ھايۋاننى تېشىپ چىقىپ
كەتكەندەك، چىقىپ كېتىدۇ.. ئۇلارنىڭ ئالامتى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى
بىلىكىنىڭ بىرى خوتۇن كىشىنىڭ كۆكسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قارا تەنلىك كىشى
بار، ئۇلار ياخشى كىشىلەرگە قارشى چىقىدۇ".

  
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىسنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغانلىقىمغا، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ بىلەن بىرگە خاۋارىجلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىمغا گۇۋاھلىق
بېرىمەن، ئۇ كۈنى ھېلىقى كىشىنى ئىزدەش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەنىدى، ئۇ
كىشى كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  سۈپەتلىگەن
سۈپەتلەرنى ئۇنىڭدا كۆرگەنىدىم". (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە خەۋەر
بېرىلگەن ئىشلار تاڭ نۇرىغا ئوخشاش ناھايىتى ئۇچۇق يۈز بېرىپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىگە ئايلاندى، بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ كۈچلۈك ھالدا تۇرىدىغانلىقى، لېكىن
بىر تۈركۈم خاۋارىجلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىككى پىرقىگە
بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقى، خاۋارىجلارنىڭ دىندا زۆرۈر بولمىغان ئورۇنلاردا
رادىكاللىق قىلىدىغانلىقى، ناماز، قىرائەتلەردە مۇبالىغە قىلىدىغانلىقى،
لېكىن ئىسلامدا كۆرسىتىلگەن ھەق- ھۇقۇقلارغا رىئايە قىلمايدىغانلىقى بەلكى
ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتچىلەرگە قارشى
ئورۇش قىلىدىغانلىقى لېكىن ھەقىقەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى ئولتۇرىدىغانلىقى،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى بىلىكىنىڭ بىرى خوتۇن كىشىنىڭ كۆكسىگە ئوخشىشىپ
كېتىدىغان قارا تەنلىكبىر كىشىنىڭ بارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. ئاللاھ  تائالاغا ھەمدۇ سانالار بولسۇنكى، بۇلار پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ خەۋەر بەرگىنىدەك روياپقا چىققان مۆجىزىلەردۇر".

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىد سېلىش جەريانىدا ساھابىلارنىڭ بىردىن قىش
كۆتۈرۈۋاتقانلىىنى، ئاممارنىڭ بولسا ئىككىدىن قىش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى
كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىغا قونغان چاڭ - توزانلارنى پۈدىۋەتكەچ:"ئاممارنى
ئىسيانكارلار ئۆلتۈرىۋېتىدۇ ۋاھالەنكى، ئاممار ئۇلارنى جەننەتكە
چاقىرغانىدى، ئۇلار دوزاخقا چاقىرغانىدى" دېگەندە، ئاممار: "ئاللاھقا
سېغىنىپ، پىتنىلەردىن پاناھ تىلەيمەن" دەيدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام
مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ: "بۇ ھەدىستە
ئەممارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدىن چىققان بىر گۇرۇپ ئىسيانكارلار  تەرىپىدىن
ئۆلتۈرۈلىدىغانىقىدىن، ساھابىلارنىڭ ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ بىر - بىرىنى
ئۆلتۈرىشىدىغانىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىش بۇ ھەدىسىتە خەۋەر
بېرىلگەندەك، تاڭ نۇرىغا ئوخشاش روياپقا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئۇچۇق مۆجىزىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. چۈنكى بۇ ھاۋادىن سۆزلىمەيدىغان،
پەقەت ۋەھيى قىلىنغاننى سۆزلەيدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىنئىدى" دەيدۇ.

  
ئىبنى ئابدۇلبىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئاممارنى ئىسيانكارلار
ئۆلتۈرىۋېتىدۇ" دېگەن ھەدىس مۇتىۋاتىر ۋە سەھىھ ھەدىس بولۇپ،
پەيغەمبەرلىكنى دەلىلىغا ئايلانغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئورۇن
ئالدى" دەيدۇ.

  
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدىكى ئەممار رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ ھىجرىيىنىڭ 37 - يىلى ئىسيانكارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەزرىتى
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەيدانىنىڭ توغرۇلىقىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستچىللىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلىگە
ئايلىنىدۇ. بۇ پەقەت سىر ۋە مەخپىيەتلىكنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى
ئارقىلىق بېرىلگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان  غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئاياللىرىدىن بىرسىنىڭ تۈگىگە مېنىپ
چىقىدىغانلىقىدن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ
ئۆلتۈرۈلىدىغانىقىدىن ئالدىن بەرگەن خەۋەرىدۇر.

  
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: " ئەتراپىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار
ئۆلتۈرۈلىدىغان ئۆلۈم گىرۋىكىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، يۈزى تۈكلۈك تۈگىنىڭ
ئىگىسى قايسىڭلار؟". (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا جەمەل ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدىراق
بەسرە شەھىرى تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ، ئۇ بەنى ئامىر سۇلىرىنىڭ يېنىغا
كەلگەندە ئىتلار ھاۋۇشۇشقا باشلايدۇ، ئۇ: بۇ قاسى سۇ؟ دەپ سورايدۇ، بۇ
ھەۋئەبنىڭ سۈيى دەپ جاۋاب بېرىلگەندە ئۇ: ئارقامغا قايتىمەن دەيدۇ، زۇبەير
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بەلكى ئالغا ئىلگىرلىگەيسىز، ئاللاھئۇلارنىڭ
ئوتتۇرىسىنى سىز ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىپ بەرسە ئەجەب ئەمەس، دەيدۇ، ھەزرىتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ماڭا:
"ھەۋئەبنىڭ ئىتلىرى قاۋىغان بىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟" دېگەنىدى،
دەيدۇ. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بۇ ئىش ئۇ ۋاپات
بولۇپ، يىگىرمە بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ
يەنە بىر دەلىلىغا ئايلىنىدۇ.

  
پىتنە بورانلىرى كىشىلەرنى ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقان ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئىبنى
مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىبارەت بۇ ساھابە بۇ پىتنىلەردىن سالامەت
قالغانىدى. ھۆزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خىتاب قىلىپ:
"سىزگە پىتنە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ" دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ھەر
قانداق بىر كىشىنىڭ پىتنىگە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەممۇ لېكىن
مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پىتنىگە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن
ئەنسىرىمەيتتىم". (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

  
بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، پىتنە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن
ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلىچىنى سۇندۇرۇپ
تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغاچ قىلىچنى ئېسىۋېلىپ، بۇ پىتنىلەردىن سالامەت
قالىدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا
قىلىدىغان پىتنىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز
بەرگەن بۇ بۆلگۈنچىلىك پىتنىلىرىنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ
بىلەن ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرىدۇر. ئەبۇ
بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كەلگەن
نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مېنىڭ
بۇ نەۋرەم سەييىدتۇر، ئاللاھ  ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىككى
پىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئىسلاھ قىلىپ بېرىدۇ" دېگەنىدى. (ئىمام بۇخارى
رىۋايىتى).

  
بۇ ۋەقەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىقىدۇ، ھەسەن
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيىنىڭ قىرىقىنچى يىلى خەلىپىلىكنى مۇئاۋىيە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. ئوزۇن ۋاقىت پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ
ياشىغان مۇسۇلمانلار بىر خەلىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكتىن بۇ يىلنى
جامائەت يىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ قىسسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ دالالەت قىلغىنىدەك، ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
پەزىلىتىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاجىزلىقتىن، خارلىقتىن ۋە ياكى
باشقا ئىللەتلەردىن ئەمەس پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتلارغا
قىزىققانلىقتىن مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنىڭ بىھۇدە توكۈلىۋاتقانلىقىنى
كۆرگەنلىكىدىن دىننىڭ ئەمرىگە، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ مەنپەئىتىگە رىئايە
قىلىپ،خەلىپىلىنى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنىدى" دەيدۇ.
(پەتھۇلبارى).

   مانا بۇلار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىل ۋە شاھىتلىرىدۇر.

   

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى