رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(1)

ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى پەقەت ئىنسانلارلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن بۇيرىغان بولۇپ، ئىبادەت بىلەن ئەخلاق يېتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن بويىچە، تولۇق ۋە تەلەبكە لايىق ئورۇندىغىنىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتۇر.

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(2)

روزا تۇتۇش دېگەن زادى نېمە؟ روزا تۇتۇشتىن مەقسەت نېمە؟ روزىنىڭ تەسىرى نېمە؟ روزا تۇتۇش دېگەن تاڭ يورۇغاندىن كۈن پاتقىچە يېيىش، ئىچىش ۋە جىنسىي ئىستەكنى توختىش بىلەنلا بولامدۇ؟ ئەگەر روزا تۇتۇش دېگەن شۇنداقلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەپسنى پاكلاش، روھنى يۈكسەلتىش ۋە تەقۋالىق ھاسىل قىلىشتا قانچىلىك رولى بولسۇن؟ مۇنداق شەكىلدە روزا تۇتقان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدىكى« ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، ھەر بىر ياخشى ئەمەلىگە ئون ھەسسىدىن ساۋاب بېرىمەن.

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(3)

روزىنىڭ روزا تۇتقۇچىدا گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىشىدە شەك يوق. بۇنىڭ شەرتى روزىنى بىردىنبىر روھىي تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى دېگەن ئېتىقاد بىلەن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇشتۇر. رامىزان ئېيى باشتىن ئاخىر رەھمەت ئېيىدۇر. رەھىم –شەپقەت قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئاتا قىلىۋاتقان سانسىز رەھىم-شەپقەتلىرنى تونۇش ئېيىدۇر. رامىزان باي- گاداي، رەئىس-پۇقرا ھەممىسى ئاچلىقنىڭ، ئۇسسۇزلىقنىڭ دەردىنى چېكىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋاقىتتا بۇلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىق دەردىنى چېكىشتە باراۋەر بولالمايدۇ. چۈنكى بايلارنىڭ كۈندىلىك يەمەك-ئىچمەكلىر ۋاقتى-سائىتىدە تەييارلانغان بولىدۇ.

unknown.jpg

تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ، كۈن ئولتۇرغىچىلىك يېمەك – ئىچمەكنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرك ئېتىپ ئاندىن خالىغان ئىشلارنى قىلىۋەرسە روزا تۇتقانلىق بولامدۇ؟ئەگەر بۇ روزا ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلارغا ناھايىتى ئاسان روزا بولغان بولاتتى ۋە ئۇلار ئاللاھ تائالا: "ئادەم بالىسىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭ روزىسى مەن ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۆزەم بېرىمەن" دېگەن سۆزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغان بۇ كاتتا ئەجىر - ساۋاپقا سازاۋەر بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە! [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

سەئۇدى ئەرەبىستاندا رامىزان

مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىككى ھەرەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رامىزاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى باشقا ئەللەردە تېپىلمايدىغان خاس روھىي ھاۋاسى بار.سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خەلقلەر رامىزان ئېيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋەرگە تايىنىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى شەرىئەت ئورگانلىرىدىن ۋە ئاينى كۆزىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئاسترونومىيە ھەيئەتلىرىدىن ئېلىپ تارقىتىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەگىشىدۇ.

رامزاننى ساغلام قەلىب بىلەن كۆتۈۋېلىش

ساغلام قەلىب، باشتا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، شەك- شۈبھە ۋە ھەسەد، ئىچى يامانلىق كىبىر، بېخىللىق ۋە دۇنياپەرەسلىك قاتارلىق ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبە ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ياكى يامان كۆرسىتىلگەن خىسلەتلەردىن ساغلام ۋە خالى بولغان قەلىبدۇر.ساغلام قەلىب ئىگىسى پۈتۈن ئىبادەتلىرىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان، ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تۇنۇپ تۇلۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:( ئۇ كۈنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلىب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ) ([1])

روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

رامىزان ئايدا روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكمى بىلەن ھەرقانداق ئاقىل، بالىغ بولغان ۋە روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن پەرىزدر. ئاللاھ تائالا رامىزان ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرىزلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « ئىي مۆمىنلەر!

رامىزاننى قانداق كۈتىۋالىسىز؟

ھاياتلىق سەپىرى ئاللاھقا كېتىپ بارغان بىر ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، ھەر قانداق بىر سەپەر ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىش ۋە سەپەر جەريانىدا يول بويى ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىدىن  قاتناش قوراللىرىمىزغا يېتەرلىك ماي قاچىلاپ مېڭىش زۆرۈر بولغاندەك، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىمۇ رامىزان ئېيىغا ئوخشاش مەخسۇس ئايلاردا ئۆزىمىزنى روھىي ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، تولۇقلاپ تۇرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

رۇزىدار كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار

1- يۇيۇنۇش، رۇزىدار كىشى قانداق ۋاقىتتا يۇيۇنغىسى كەلسە يۇيۇنسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھاۋا قىزىپ كەتكەندە ئۆزنى سەگىتىش مەقسەتتە سۇغا كىرگەن بولسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ.2- ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ چايقاش،  رۇزىدار كىشى ئېغىزىنى مىسۋاك بىلەن ياكى چىش پاستىسى بىلەن چايقىسا بولىدۇ، بىراق سۇنىڭ ۋە چىش پاستىسىنىڭ  تەمى گالدىن ئۈتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش ۋە سۇنى گالنىڭ ئاخىرىغىچە  ئاپارماسلىق لازىم.

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار

1- قەستەن يەپ –ئىچىش ۋە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇنىڭ قايسى بىرىنى قىلىش ئارقىلىق رۇزىسىنى بۇزغان كىشى، شۇ بۇزۇلغان  روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە 60 كۈن ئارقىمۇ- ئارقا روزا تۇتىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا 60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىدۇ.