رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

6- ئەبۇ سەئىد ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:مۇسۇلمانلرغا ئېغىرچىلىق ،كېسەل ، غەم-قايغۇ ،ئەزىيەت ياكى ھەسرەت ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەت يىتىپلا قالسا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆچۈرىدۇ .    بۇخاري ۋە مۇسلىم  

7- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ، ئۇ كىشىنى كېلىشمەسلىككە مۇپتىللا قىلىدۇ .   بۇخاري

8- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:سىلەردىن بېرىڭلار ئۆزىگە يەتكەن يامانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئۈمۈد قىلمىسۇن ، ئەگەر شۇنداق قىلىشتىن باشقا چارە بولمىسا ، ئۇ ئادەم : ئى ئاللاھ ! ئەگەر ھايات ياخشى بولسا ،مېنى ھايات قالدۇرغىن ، ئەگەر ماڭا ئۆلۈم ياخشى بولسا مېنى ۋاپات تاپقۇزغىن ،دېسۇن ! .  بۇخاري ۋە مۇسلىم  

10- ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: مەندىن كېيىن شەخسىيەتچىلىك ۋە سىلە يامان كۆرىدىغان بىر مۇنچە ئىشلار مەيدانغا كىلىدۇ دېدى ، بىز : ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ! ئۇ چاغدا بىزنى نىمىگە بۇيرۇيلا ؟! دېدۇق ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سىلەر ئۈستىڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار ،سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار . -دېدى . بۇخاري ۋە مۇسلىم  .

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ، بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار .  سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار،ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار .   سۈرە ھۇد 3-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار ،ئۈمىدكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ .. سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى ...

2-ئەغەر ئىبنى يەسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : ھەي خالايىقلار ! ئاللاغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ،ھەقىقەتەن مەن كۈندا يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن .   مۇسلىم

3-ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:شەك-شۈبھىسىزكى ،كۈن غەرىپتىن چىققۇچە ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىغا تەۋبە قىلۋېلىشى ئۈچۈن كىچىدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ .    مۇسلىم

4-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:كىمكى كۈن غەرىپتىن چىقىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ ...      مۇسلىم

5- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا ئاللاھ ئۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ .     تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

6- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا ئىككى ئادەمگە قاراپ كۈلىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بېرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆلگۈچى جەننەتكە كىرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا قاتىلغا تەۋبە ئاتا قىلىدۇ ، ئاندىن ئۇ مۇسۇلمان بولىدۇ،ئاندىن شەھىد قىلىندۇ ،ئۇمۇ جەننەتكە كىرىدۇ !      بۇخاري ۋە مۇسلىم