رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

8/102 - ئەبۇئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە بەقەرەنى باشلىدى. مەن 100 ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇ قىلامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملاشتۇرۇپ ئوقىۋەردى. مەن سۈرە بەقەرەنىڭ ھەممىسىنى بىر رەكئەتتىلا ئوقۇيدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ سۈرە بەقەرە تۈگىگەندە رۇكۇ قىلماستىن، سۈرە نىسانى باشلىدى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرە ئال ئىمراننى باشلىدى. ئۇ ئايەتلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇدى.

9/103 - ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا شۇنداق ئۇزۇن تۈردىكى ھەتتا مەن يامان ئىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭدىن: سەن نېمىنى نىيەت قىلىپ قالدىڭ، دەپ سورالغاندا. ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە قويۇپ، ئۆزەم ئولتۇرۇۋېلىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم، دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

10/104- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىيتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ: ئۇنىڭ ئەھلى، مېلى ۋە ئەمەلى ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى قېلىپ ئىككىسى قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمەلى قېلىپ قالىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

11/105 - ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت سىلەرگە ئۆزەڭلەرنىڭ ئايىغىنىڭ بوغقۇچىدىنمۇ يېقىنراقتۇر. ھەمدە دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر». [بۇخارىدىن]

12/106 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېقىرلاردىن بولغان خىزمەتچىسى؛ رەبىئە ئىبنى كەئب ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت سۈيىنى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بېرەتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن بىرەر تىلىكىڭ بولسا، سورىغىن» دېدى. مەن: مەن سەندىن جەننەتتىمۇ ساڭا ھەمراھ بولۇشنى سورايمەن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «باشقا تىلىكىڭ يوقمۇ؟» دېدى. مەن پەقەت مۇشۇلا تىلىكىم بار، دېدىم.

13/107 - ئەبۇئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سەجدىنى كۆپ قىلىشقا ئۆزەڭنى ئادەتلەندۈرگىن. شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن ئاللاھ غا قىلغان ھەر بىر سەجدەڭنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ مەرتىۋەڭنى بىر دەرىجەڭنى كۆتۈرىدۇ، ۋە سەندىن بىر خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ». [مۇسلىمدىن]

14/108- ئەبۇسەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر». [تىرمىزىدىن]

15/109- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، تاغام ئەنەس ئىبنى نەزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتنىشالمىدى. ئۇ: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! مەن سەن مۇشرىكلار بىلەن قالغان تۇنجى ئۇرۇشقا قاتنىشالمىدىم. ئەگەر ئاللاھ مېنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسا، مىنىڭ قانداق قىلىشىمنى ئاللاھ كۆرسىتىپ قويىدۇ، دېدى.

16/110- ئىبنى ئەمر ئەنسارى بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق. بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر ئۇنى رىياخور دېيىشتى. يەنە بىر كىشى كېلىپ، بىر سا نەرسە سەدىقە قىلدى. كىشلەر: اللھ ئۇنىڭ بىر سا نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر، دېيىشتى. شۇ ۋاقىتتا، ((مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى تاقىتىنىڭ يېتىشچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقىدىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ. ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ(([1]) دېگەن ئايەت نازىل بولدى.

17/111- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ھەدىس قۇددىسىدا «اللھ مۇنداق دېگەن، دېدى: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن). ( ئى مۆمىنلەر سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بۇلىدىكەن اللھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اللھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ). ( ئى ئىنسانلار!

2/603 ـ ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، قانداق بىر بەندە كەچۈرۈمچان بولىدىكەن، اللھ ئۇنىڭ ئىززىتىنى زىيادە قىلىدۇ. بىركىشى اللھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسىلا، اللھ ئەززەۋەجەل ئۇنىڭ ئىززىتىنى يەنىمۇ كۆتىرىدۇ». [مۇسلىمدىن]


3/604 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى، دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]