رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

4/306 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشناڭلارغا قوينىڭ پاچىغىچىلىك نەرسىنى سۇنۇش بىلەن بولسىمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىنى كىچىك سانىماڭلار«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

5/307 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ ئارتىۋېلىشىنى چەكلىمىسۇن« ئاندىن ئەبۇھۇرەيرە يەنە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنىڭ بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگىنىڭلارنى كۆرىۋاتىمەنغۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممىڭلارغا يۈكلەيمەن (بۇ ئامانەتنى ئاراڭلارغا تاشلايمەن). [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

6/308 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى ئاللاھ غا ۋە قيامەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن ۋە كىمكى ئاللاھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن ۋە كىمكى ئاللاھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

7/309- ئەبۇشۇرەيھىل ئەل خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە قوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن ۋە كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. [مۇسلىمدىن]

8/310- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى قوشنام بار. ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا ھەدىيە قىلىمەن؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇ ئىككىسىدىن ئىشىكى سىزگە يېقىنراقىغا« دېدى. [بۇخارىدىن]

9/311- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ھەمراھلارنىڭ ياخشىسى ھەمراھلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر ۋە ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ياخشىسى قوشنىلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر«. [تىرمىزىدىن]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر) . (سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن ) . ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدا) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن) . ( كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ). (ئۆزەڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر). (مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر).

2/96 - ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن». [بۇخارىدىن]

3/97 - ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى نېمەت بار، كۆپ كىشىلەر ئۇ ئىككى نېمەتتىن زىيان تارتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىت». [بۇخارىدىن]

4/98 - ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى نامازدا تۇراتتى، ھەتتاكى پۇتلىرى قاپىرىپ كېتەتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەن تۇرسا- دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەنمۇ شۈكۈر ئېيتقۇچى بەندىلەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرمەمدىم؟» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

6/100- ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ياخشىدۇر. ئاللاھ ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا كۈچلۈك مۆمىننى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ياخشىلىق باردۇر. سەن ئۆزەڭگە پايدىلىق نەرسىلەرگە قىزىققىن. ئاللاھ دىن ياردەم تىلىگىن، ئەمەلدە سۇسلۇق قىلمىغىن. ئەگەر ساڭا بىرەر كېلىشمەسلىك يېتىپ قالسا، ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، دېمىگىن، ئاللاھ پۈتىۋەتكەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ خالىغىننى قىلىدۇ، دېگىن (ئاللاھ ساڭا پۈتكەننى تەن ئالغىن، ئاندىن ئاللاھ غا بولغان تولۇق ئىشەنچىڭ بىلەن ئاللاھ غا تەۋەككۈل قىلغىن).