رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

m006.jpg
ھۆرمەتلىك
دوستلار ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىش
ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە
غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ تۆۋەندىكى 10 يول
ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

1- ئاچچىقلانماسلىق.

m005.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ»([1]) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «رەھىم - شەپقەت پەقەت بەختسىز ئادەمدىنلا سۇغۇرۇپ ئېلىنىدۇ»([2]) دېگەن. سىز راستىنلا كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە خالايسىز.

ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت ئېتىبارىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:

1. ئاتا - ئانىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

m004.jpg

4. ئاياللارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك زات ئىدى. ئاياللىرىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، دەردلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايتتى. پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى([1]).

m003.jpg

6. ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە ‹بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ› دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، چىشى بىلەن ئۆتىكىنى چىشلەپ، قولى بىلەن قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى.

m001.jpg

8. ئېزىلگەنلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىش - دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ھەركىمنىڭ قۇدرىتى يېتىشىچە پەرزدۇر. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى يۈرگۈزۈش، پۇل - مال ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەب قىلىش، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بۇ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مۇمكىن.