رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى

m018.jpg

.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ياشلارغا نەسىھەت ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بۈگۈن تەكەببۇرلۇقنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز تەكەببۇرلۇق - ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پسىخىكى كېسەللىك

m030.jpg

ھۆرمەتلىك دوستلار ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ تۆۋەندىكى 10 يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

1- ئاچچىقلانماسلىق.

m009.jpg

بارچە
مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋىشچىسى ۋە ئىگىسى بولغان جانابى
ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنىڭغا كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە
مەدھىيە ئوقۇيمەن ۋە ئۇنى چىن قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن. ئىنسانىيەتنى
جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئالەملەرگە
رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتىمۇ ھەممەد
ئەلەيھىسسالامغ دۇرۇد-دۇئالىرىمى يوللايمەن.

m008.jpg

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە فىقھى ساھەسىدە چاقنىغان تۆت يۇلتۇز- ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە تۇغۇلغان، ئەڭ دەسلەپتە ۋاپات بولغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە شەنى تۆۋەن ، ئورنى ئاجىز ئادەم ئەمەس؛ ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ئۇتۇق قازانغان شەخس؛ ئۇ ئىلىم-مەرىپەتكە تولغان، دۇنيا ھاياتىدا ئۇتۇق قازانغان، تەپەككۇر، پىكىردا چوڭقۇرلىغان شەخس. ئۇ بۈيۈك ئىماملار ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ئەخلاق ساھىبى.

m007.jpg

ھەنىيفە گەپلىرىنى تۈگىتىپ، شۇنداق دەيدۇ،- قىياس بىلەن سېنىڭ بوۋاڭنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمەن! مۇھەممەد ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەبۇ ھەنىيفىنى قۇچاقلاپ،مەڭزىگە سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ئىكراملارنى قىلىدۇ. ئەبۇ ھەنيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن بولغان زەيد ئىبنى ئەلىدىن تەلىم ئالغان، ئۇ مۇھەممەد باقىرنىڭ ئىنىسى، ئىلىمدا توشقان، مۇپەسسەل ئۇستاز. ئۇ كۇفەدە شېھىد قىلىنغان، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بەنى ئۇمەييەلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭغا قىرىق مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بەيئەت قىلغان. ئۇ فىقھى ، ئەقىدە، قىرائەت ۋە ھەدىس ساھەسىدە ئەبۇ ھەنىيفىگە ئۇستاز بولغان.

m006.jpg

ئاللاھتائالا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ ! ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .  

. تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.
. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ .
. دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .
. زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن.