رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەرلىكىگە دەلىللەر

m021.jpg

قۇرئان ئىنسانلارنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىڭلاركى، «اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز» ( [1]).

m019.jpg

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى نەپسىي ئارزۇلىرىغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالىي ۋە ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇلاردا ئۈممەتلىرىدىن سادىر بولىدىغان ناچار ئەخلاق ۋە ئادەتلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار يامان ئۆرنەك بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بىكار بولغان بۇلاتتى. شۇڭا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جاكارلايدۇ.

m016.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە قايتا ئىسپاتلىنىشغا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىمىز يوق. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى قۇرئان – ھەدىس ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي پاكىت، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە مۆجىزىلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقتىن بىز ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە تۇلۇق قانائەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان.

m004.jpg

جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. شەكسىزكى مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدە مۆجىزىنىڭ تەجەللى قىلغانلىقىنى كۆرگەن دەقىقىلەردۇر. ھەقىقەتەن بىز ئىلمىي كەشپىيات دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.

m033.jpg

مۇناپىقلار ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى
ئەھمەد رامزان ھىجازى
كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا بۆلىمى
نىپاق ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن خەۋەرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ۋە راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىللىرى ۋە شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ غەيبىي مۆجىزىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۈننەت مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبى

سۈننەتنىڭ مۆجىزىلىرى سۈننەتنىڭ شەرىئەت بەلگىلەش،
تەربىيە ئۇسۇلى، ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىدىكى گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ھەدىس
تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشى، ھەدىسلەردىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر
قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر
ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىلىرى قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپسىلى
توختىلىمىز.

ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنىڭ جەريانى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئەزىيەت ۋە تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر
ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ مۆجىزە بولغان ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسىنى
ئاتا قىلدى. بۇ مۆجىزە پەقەت ئۇنى قوللاش، ئۇلۇغلاش ۋە شەرەپلەندۈرۈش ئۈچۈن
بېرىلگەنىدى.

تائاملارنىڭ كۆپىيىش مۆجىزىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائام ۋە سۇ قىس بىر دەۋردە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ سەپەر ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تائام ۋە سۇ قىس بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا تائام ۋە سۇلارنى كۆپەيتىپ بېرىش مۇجىزىسى ئاتا قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ بەرىكەتلىك مۆجىزە ئارقىلىق بۇ قاقاس رايوندىكى تائام ۋە سۇ قىس بولۇش قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىش مۆجىزىسى
ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىش مۆجىزىسى ئاللاھ
تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان كاتتا مۆجىزىلىرىنىڭ
بىرى بولۇپ، بۇ مۆجىزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىنە مۆنەۋۋىرىگە ھىجرەت
قىلىشتىن بەش يىل بۇرۇن مەككە كاپىرلىرى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرلىكنىڭ راستلىقىنى
ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا يۈز گەن.مەككە
كاپىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ
بىزگە ئاينى ئىككىگە يېرىپ كۆرسەتكىن، ئەگەر شۇنداق قىلالىساڭ بىز چوقۇم سېنىڭ راست
پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلىمىز، دېگەن، ۋاھالەنكى بۇ ئاي تولغان كېچە
ئىدى
خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىق مۆجىزىسى

سىز تارىختا جانسىز نەرسىلەرنىڭ يىغلىغانلىقىنى
ئاڭلىغانمىدىڭى؟
چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ
پەيغەمبەرلىرىنڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇلارغا ئاجايىپ پارلاق مۆجىزىلەرنى
ئاتا قىلغان. خورما شېخىنىڭ يىغلىغانلىق مۆجىزىسى بولسا، ئاللاھ تائالا
پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان پارلاق مۆجىزىلەرنىڭ
بىرىدۇر.