رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
m006.jpg

ئاللاھتائالا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ ! ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .  

. تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.
. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ .
. دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .
. زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن.

m006.jpg

[ئېيتقىنكى: ئاللا تەرەپكە قېچىڭلار [50] سۈرە زارىيات]  ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللا، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« مېنىڭدىن كېيىن ئىختىلاپ ياكى چوڭ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر سەن تېنىچلىق ئورنىتىشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق قىلغىن»   مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىسلام تاكى قىيامەتكىچىلىك دەۋر سۈرىدىغان بىر دىندۇر. سىلەر قۇرئان نەگە باشلىسا، شۇ يەردە تۇرۇڭلار.

m005.jpg

قىيامەت يېقىنلاشتى [57] سۈرە نەجم][كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر [1]سۈرە ئەنبىيا] [(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى قويۇۋەت، يەپ- ئىچىپ، ئويناپ- كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ [3] سۈرە ھىجر]  ئەبۇ جۇبەيرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن قىيامەت شامىلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئەۋەتىلدىم» [ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ ي

m003.jpg

1.نامازغا تاھارەت ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا

134. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا.كىم تاھارەتسىز ناماز ئوقۇيدىكەن، اللە ئۇنى تاھارەت ئالمىغۇچە قۇبۇل قىلمايدۇ.» ــ ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان

m003.jpg

1.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۇپۇنچە « لا ۋە مۇقەللىبەلقۇلۇبى» يەنى قەلىبلەرنى خالىغانچە چۆرۈپ، يۆتكەپ تۇرغۇچى زات، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى دەپ قەسەم قىلاتتى، (مۇھەممەدنىڭ جېنى قول ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم دەپمۇ قەسەم قىلاتتى). ئەھمەد، بۇخارى، تىرمىزى، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

m001.jpg

ـ ھەدىس، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: "مەن، سىلەرنى توسقان نەرسىدىن ساقلىنىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى كۈچۈڭلار يەتكەن مىقدارى ئەمەلگە كەلتۈرۈڭلار، (مەن گەپ قىلمىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال بەھس، مۇنازىرە، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). چۈنكى، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئۆز پەيغەمبىرىدىن تولا سوئال سوراپ ۋە پەيغەمبەرلىرى كۆرسەتكەن ئىشلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلماي ئىختىلاپ ۋە قارمۇ ـ قارشى سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ھالاكەتكە ئۇچراتتى".

شىرىن بۇلاق

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

شىرىن بۇلاق(Xirin Bulaq)
ئاپتۇرى: سەفۇيۇرراخمان مۇبارەك فورى [ھىندىستان]
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت:ھىجىريە 1400-يىلى
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخنى يېزىش مۇسابىقىسىدە 1-بولغان كىتاپ
[url=http://mercyprophet.org/mul/sites/default/files/Bulak-029.mp3]چۈشۈرۋىلىڭ [/url]
ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنىڭ
دەلىل - ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە پەيغەمبىرىنى ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز
بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار خەۋەر
بېرىلگىنىدەك روياپقا چىققانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
"سىلەرنىڭ بىرىڭلار كارىۋىتى ئۈستىدە ئولتۇرغاندا، مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە:
ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام
تاپقانلىرىمىزن ھارام، دەپ بىلىمىز، دەيدىغانلىقى يەقىندۇر". [تىرمىزى
رىۋايىتى].

سۈننەت مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبى

سۈننەتنىڭ مۆجىزىلىرى سۈننەتنىڭ شەرىئەت بەلگىلەش،
تەربىيە ئۇسۇلى، ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىدىكى گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ھەدىس
تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشى، ھەدىسلەردىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر
قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر
ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىلىرى قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپسىلى
توختىلىمىز.

غۇسلىدىكى مۆجىزە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر!سىلەر مەس بولساڭلار*، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇب بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۇڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار, ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)