رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
Dualar

زىكىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى -  زىكىر ــ لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىر نەرسىنى ئەسكە ئېلىش، ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىسە، شەرىئەت ئىستېمالىدا زىكىر ـ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن»([1]).

زىكىر ـ تىل، دىل، ئىش ـ ھەرىكەت، مۇئامىلات ۋە ئىقتىساد بىلەن ئورۇندىلىدۇ.

Dualar

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»([1]) دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ 99 ئىسىم شەرىپى باردۇر، ئۇلارنى چىن ئېتىقادى بىلەن ئوقۇغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»([2]). ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئوقۇش كاتتا ساۋابلىق ئەمەل بولغىنىدەك، بۇ ئىسىم – سۈپەتلەرنى دۇئالاردا ۋەسىلە قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنىڭ چارىلىرىدىندۇر.

ئىسمۇلئەزەمنىڭ بايانى

Dualar

فاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى - ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن ساڭا مەسجىدتىن چىقىشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟» دەپ قولۇمنى تۇتتى. بىز مەسجىدتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىز ماڭا قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىنى ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟» دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ‹ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين› دۇر، بۇ سۈرە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتتۇر ۋە ماڭا بېرىلگەن قۇرئاندۇر»([1]) دېدى.

Dualar

قارىيلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كىشىلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن يېقىن كىشىلىرى بار، قارىيلار ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئالاھىدە بەندىلىرىدۇر»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلاردىن ياشانغانلارنى، قارىيلارنى ۋە ئادالەتلىك ئىش باشقۇرغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش  ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر»([2]).

m007.jpg

ئىنسان ئۆز غايىسى ۋە نىشانلىرىغا يىتىش ياكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلار بەزىدە ئىنساننى روھى جەھەتتىن مەغلۇب بولۇش ۋە ئۈمىتسىزلىككە ئېلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەسلىم بۇلۇشقا ۋە قىينچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى يوق ئوخشايدۇ، دېگەن چۈشەنجىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان ئەگەر ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىش ياكى ئۈزىنى يتىلدۈرۈشنى ئويلايدىكەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە كىلىشمەسلىكلەر دۈچ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.

m006.jpg
ھۆرمەتلىك
دوستلار ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىش
ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە
غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ تۆۋەندىكى 10 يول
ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

1- ئاچچىقلانماسلىق.

m005.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ»([1]) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «رەھىم - شەپقەت پەقەت بەختسىز ئادەمدىنلا سۇغۇرۇپ ئېلىنىدۇ»([2]) دېگەن. سىز راستىنلا كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە خالايسىز.

ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت ئېتىبارىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:

1. ئاتا - ئانىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش

m004.jpg

4. ئاياللارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك زات ئىدى. ئاياللىرىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، دەردلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايتتى. پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى([1]).

m003.jpg

6. ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە ‹بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ› دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، چىشى بىلەن ئۆتىكىنى چىشلەپ، قولى بىلەن قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى.

m001.jpg

8. ئېزىلگەنلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىش - دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ھەركىمنىڭ قۇدرىتى يېتىشىچە پەرزدۇر. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى يۈرگۈزۈش، پۇل - مال ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەب قىلىش، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بۇ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مۇمكىن.