رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m52

ئاللاھ تائالانىڭ دەۋەتچىلەرنى دىننى يەتكۈزۈشكە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەردىن ساقلانغانلىقىدۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مېكىر، سۈيقەست ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. مائىدە سۈرىسى 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى پەيغەمبەر! سەن ئەلچىلىكىمنى يەتكۈزگىن، مەن سېنى ساقلايمەن، ساڭا ياردەم بېرىمەن، دۇشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن سېنى غالىپ قىلىمەن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن، ھېچكىم ساڭا زىيانكەشلىق قىلالمايدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ دېگەن ئايەت كەرىم نازىل بولغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوغدۇلاتتى، بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئۇ ھوجرىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ: ئى خالايىق! ئاللاھ مېنى ساقلايدىغان بولدى، سىلەر تارقىلىپ كېتىڭلار دېگەنىدى. [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى].

ئىمام ماۋەردى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نۇرغۇن دۈشمەنلىرىنىڭ ئارىسىدا ئون ئۇچ يىل سالامەت ساقلىدى، يەنە سالامەت ھالدا ھىجرەت قىلغىلى نېسىپ قىلدى، ھىجرەتتىن كېيىن يەنە كېچە-كۈندۈز ئۇنى ئۇچۇقتۇرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولغان رەقىبلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىدى.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ساقلىغانلىقىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

بىر كۈنى قۇرەيشلەر كەبىنىڭ يېنىدىكى ھىجر دېگەن جايغا يىغىلىپ: ئەگەر مۇھەممەدنى كۆرسەك ھەممىمىز بىردەك ئېتىلىپ بېرىپ ئۆلتۈرەيلى، دەپ لات، ئۇززا، مانات قاتارلىق بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەمياد قىلىشىدۇ.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا يىغلىغان ھالدا كېرىپ: قۇرەيشلەر سىزنى كۆرگەن ھامان بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قىزىم! سۇ ئېلىپ كېلىڭ، دەيدۇ-دە، دەرھال تاھارەت ئېلىپ، ھەرەم مەسجىدىگە كىرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ: ھەئە، ئاشۇ شۇ، دېيىشىدۇ لېكىن ھەممىسى يەرگە قاراپ ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر ئوچۇم تۇپىنى ئېلىپ ئۇلارغا چاچىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاچقان تۇپا يەتكەن كىشىلەردىن بىرسىمۇ قالماي بەدرى كۈنى كاپىر ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئاللاھۇ ئەكبەر، قولىدا ھېچ نەرسە بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەمياد قىلىشقان مۇتەكەببۇر قۇرەيشلەردىن ھېچكىم قەسەملىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇپا چېچىپ، ئۇلارغا دۇئېل ئېلان قىلدى. نېمە ئۈچۈن دۇئېل ئېلان قىلالمىسۇن؟ چۈنكى ئاللاھ تائالا: ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ دېگەن ئىدى.

بۇ ئۇممەتنىڭ پىرئەۋنى ئەبۇ جەھل بىر كۈنى مەككىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ، مۇشرىكلەرگە: مۇھەممەد سىلەر بار يەردىمۇ يۈزىنى تۇپىغا بۇلاپ ئولتۇرامدۇ؟ دەيدۇ. (يەنى سەجدە قىلىپ، ناماز ئوقۇيامدۇ، دېمەكچى). ئۇلار: ھەئە، دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن: لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ يەنە شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرىدىغان بولسام گەردىنىگە دەسسەيمەن، دەيدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇۋاتقاندا يېنىغا كېلىپ، بېشىغا دەسسەشكە تەمشىلىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت ئىككى قولى بىلەن بىر نەرسىدىن مۇداپەلىنىۋاتقان قىياپەتتە ئارقىسىغا چېكىنىدۇ. ئۇنىڭغا: نېمە بولدى، دېيىلگەندە، ئۇ: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوتتىن بولغان بىر خەندەك پەيدا بولدى ۋە ناھايىتى قورقۇنچلۇق قاناتلارنى كۆردۈم، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئۇ يېنىمغا كەلگەن بولسا پەرىشتىلەر ئۇنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى دېگەنىدى. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

مانا بۇ ئىسلام دۈشمىنى ئەبۇ جەھل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىۋاتقان پەرىشتىلەرنىڭ قاناتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاللاھنىڭ خاس قوشۇنى، ياردىمى بىلەن پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلغان لېكىن ئۇنىڭ چوڭچىلىقى، ئابرۇيپەرەسلىكى، باشلىقپەرەسلىكى ئۇنى ھەققە بويسۇنۇشتىن توسۇپ قويغان. ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەنئام سۈرىسى 33- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

پەرىشتىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەبۇ جەھىلنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىنىدەك، ئۇھۇد كۈنى ساھابىلەر مەغلۇپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىن تارقىلىپ كېتىپ، مۇشرىكلەر ئۇنى قورشىۋالغاندا، ئۇنى مۇشرىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئاسماندىن نۇرغۇن پەرىشتىلەر چۈشكەنىدى. سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆڭ ۋە سول تەرىپىدە ئاق كېيىم كىيگەن ئىككى كىشىنى كۆرگەنىدىم، ئىلگىرىمۇ ۋە كېيىنمۇ ئۇلارنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇ جىبرىئىل ۋە مىكائىل ئەلەيھىسسالاملارنى دېمەكچى. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغان پەرىشتىلەرنى چۇشۇرۇش بىلەن ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشلىرىنىڭ بەدرى كۈنىگە خاس ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇشرىكلەر داۋاملىق ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىش، ھىيلە-مېكىر ئىشلىتىشكە ئورۇناتتى. جۈملىدىن ئاللاھ تائالانىڭ: {ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال- مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ}. دېگەن سۆزى نازىل بولغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى. ئەبۇ بەكرى: يا رەسۇلۇللاھ! ئۇ تىلى يامان بىر ئايال، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئەزىيەت قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ ھەرگىز مېنى كۆرەلمەيدۇ دەيدۇ. ئۇممۇ جەمىل كېلىپ، ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: دوستۇڭ مېنى ھەجۋە قىلدى، دەيدۇ. ئەبۇ بەكرى: ياق، ئۇ شىر ئوقۇمايدۇ، دېگەندە، ئۇ ئايال: مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشىنىمەن، دەيدۇ ۋە قايتىپ كېتىدۇ. ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ، ئۇ سىزنى كۆرمىدىغۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر پەرىشتە قانىتى بىلەن مېنى توسۇپ تۇردى، دەيدۇ. [ئىمام ئەبۇ يەئلا رىۋايىتى].

شۇنىڭدەك، قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئولتۇرۈشكە ئورۇنغان لېكىن ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىسشنى ئىرادە قىلغان ۋاقتتىمۇ ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىكىنى مارىلاپ ياتقان لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەچەتلىۋەتكەنلىكتىن ئۇ ئىشىكتىن چىققاندا ئۇلار ئۇنى كۆرەلمىگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مېكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مېكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. ئەنفال سۈرىسى 30- ئايەت.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مېكىرلىرىنى بەربات قىلىپ، پەيغەمبىرىنى ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام مەككىدىن ۋاپادار ساھابىسى ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن يۇشۇرۇن چىقىپ، ئۇلارنى ئىزدەۋاتقان مۇشرىكلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يۇشۇرۇنۇش ئۈچۈن غارغا مۇكۇنگەن، مۇشرىكلەر ئۇلارنى ئىزدەپ غارنىڭ ئېغىزىغىچە يىتىپ كەلگەن. بۇ ۋاقتتا ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمدى تۇگەشتۇق دەپ ئويلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى قەدىمىنىڭ ئاستىغا قارايدىغان بولسا بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ دېگەندە، پەرۋەردىگارىنىڭ دۈشمەنلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە چىن ئىشەنگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئەبۇ بەكرى! ئاللاھ ئۈچىنچىسى بولغان ئىككى كىشىگە گومانىڭ نېمە؟ دەيدۇ. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبىرى بىلەن بىللە ئىدى، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى ۋە ئۇنى ھىمايە قىلاتتى. ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن ) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمرا ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. تەۋبە سۈرىسى 40- ئايەت.

ئاللاھنىڭ رەھمەت-ئىنايىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن مانا مۇشۇنداق قۇتۇلۇپ، مەدىنە-مۇنەۋۋەر تەرىپىگە قايتا يۈزلىنىدۇ.

ئەمما قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش پەيلىدىن يانمايدۇ ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھىبىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەرەب قەبىلىلىرىگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىدۇ لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھىبى ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ئىچىدە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇدەيد دېگەن جايغا كەلگەندە سۇراقە ئىبنى مالىك ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز تۈزلەڭ، قاتتىق بىر زېمىندا كېتىۋاتقاندا سۇراقە ئىبنى مالىك ئارقىمىزدىن يىتىپ كەلگەن بولۇپ، مەن: يا رەسۇلۇللاھ، ئارقىمىزدىن بىرسى كېلىۋاتىدۇ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: غەم قىلمىغىن، ئاللاھ بىز بىلەن بىللىدۇر دېدى ۋە دۇئا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى قورسىقىغىچە پېتىپ قالدى.

ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سۇراقە ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ۋەھالەنكى ئۇ ھېچ بىر تەرەپكە قارىمايتتى، ئەبۇ بەكرى بولسا ئەتراپقا كۆپ قارايتتى، بۇ ئارىدا ئېتىمنىڭ ئىككى پۇتى زېمىنغا تىزىغىچىلىك پېتىپ قالدى، مەن دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتنى قۇپۇرۇشقا تىرىشتىم لېكىن ئات پۇتىنى زادىلا چىقىرالمىدى.. كېيىن ئات ئورنىدىن تۇرغان ۋاقتىدا ئاتنىڭ پۈتى پېتىپ قالغان ئورۇندىن ئاسمانغا تۈتۈنگە ئوخشاپ كېتىدىغان قۇيۇن كۆتۈرۈلدى.

سۇراقە ئىبنى مالىك: مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ماڭا بەد دۇئا قىلغىنىڭلارنى بىلىمەن، مەن ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، ئارقاڭلاردىن قوغلاپ كەلگەنلەرنى ئارقىسىغا قايتۇرۇشقا مەن كېپىللىك قىلىمەن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇراقە نىجاتلىققا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەنلەرگە: بۇ تەرەپكە بارمىساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن بېرىپ كەلدىم، دەپ ئۇلارنى ئارقىسىغا قايتۇرۋېتىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كۈننىڭ ئەۋۋىلىدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىنكار قىلغان سۇراقە ئىبنى مالىك كۈننىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەرگە خىزمەت قىلغان، دەيدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].

مەككە مۇشرىكلىرى بەدرى ئۇرۇشىدىن مەغلۇپ بولغان ھالدا قايتقاندىن كېيىن ئۆمەير ئىبنى ۋەھب ھىجرىنىڭ ئىچىدە مەيۈسلەنگەن ھالدا ئولتۇرغان سەفۋان ئىبنى ئۇمەييىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، سەفۋان: بەدرىدە ئادەملىرىمىز ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۇرمۇشىمىزدا ياخشىلىق قالمىدى، دەيدۇ.

ئۆمەير: توغرا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلاردىن كېيىن ھايات ياشىغىنىمىزدا ھېچقانداق ياخشىلىق يوق، ئەگەر ئادا قىلالمىغان قەرزىمنى ۋە بالىلىرىمنى دېمىسەم مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىۋېتەتتىم. ئۇنىڭ يېنىدا ئېسىر ئېلىنغان ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىشىمگە چوڭ بىر پۇرسەت بار ئىدى، دەيدۇ.

ئۆمەيرنىڭ بۇ جۈرئەت ۋە پىلانىدىن خۇرسەن بولغان سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئۇنى پىلانىنى تىزراق ئىجرا قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ: قەرزىڭنى مەن تۈلىۋىتىمەن، ئائىلەڭنىڭ پۈتۈن خىراجىتىنى مەن بېرىمەن، بۇ ھەقتە سەن خاتىرجەم بولغىن، دەيدۇ.

بۇ كىلىشىملەردىن كېيىن سەفۋان ئۇنى ياخشى جابدۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن زەھەردە سۇغۇرۇلغان مەخسۇس قىلىچ سوقتۇرۇپ مەدىنىگە يولغا سالىدۇ. ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا سەفۋانغا: خەۋىرىمنى بىر قانچە كۈن يۇشۇرۇپ تۇرغىن، دەيدۇ.

ئۆمەير مەدىنىگە كېلىپ، مەسجىد ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئېتىدىن چۈشۈپ، ئۇنى باغلاپ قويۇپ، قىلىچىنى ئېلىپ، رەسۇلۇللاھ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، بىر تۈركۈم ئەنسارلار بىلەن ئۇنى نېرىدىن كۈزۈتۈپ تۇرغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ: يا رەسۇلۇللاھ، ئۇ ئىشەنچسىز ئادەمدۇر، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام: ئۇنى يېنىمغا كىرگۈزۋەتكىن دەيدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىقىپ، ساھابىلارنى پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى ئۆمەيردىن مۇداپىئە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۆمەير بىلەن ئۆمەر بىرگە كىرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۆمەير قىلىچىنى بىرگە ئېلىپ كىرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: سەن نېرى تۇرغىن دەيدۇ.

ئۆمەير يېقىنلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئى ئۆمەير، مەدىنىگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ دەيدۇ. ئۆمەير: سىلەر تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئەسىرنىڭ ئىشى ئۈچۈن كەلدىم، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام: بوينۇڭدىكى قىلىچچۇ؟ دەيدۇ. ئۆمەير: ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىغان بۇ قىلىچلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، مەن ئاتتىن چۈشكەندە ئۇنى بوينۇمدىن ئېلىۋېتىشنى ئونتۇم قاپتىمەن، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەير، ماڭا راستىڭنى ئېيت، مەدىنىگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ دەيدۇ.

ئۆمەير: پەقەت ئەسىرنىڭ ئىشى ئۈچۈنلا كەلدىم، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ھىجرىنىڭ ئىچىدە سەفۋان بىلەن نېمىلەر ھەققىدە كېلىشىم تۈزدۈڭ دېگەن سۆزىدىن چۇچۇپ كەتكەن ئۆمەير: مەن ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم تۈزمىدىم، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن مېنى ئۆلتۈرۈشنى ئۈستۈڭگە ئالدىڭ، سەفۋان قەرىزلىرىنىڭنى تۆلەپ قۇيۇشنى ۋە ئائىلەڭنىڭ خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى دېگەندە، ئۆمەير: ئاللاھدىن باش ئىلاھ يوق، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ، گۇۋاھلىق بېرىمەن. يا رەسۇلۇللاھ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە ساڭا نازىل بولغان ۋەھيىگە ئىنكار قىلغانىدۇق، سەفۋان بىلەن بۇ گەپلەرنى دېيىشكەن ۋاقتىمىزدا ھىجرىنىڭ ئىچىدە ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوقىدى، ئاللاھ بۇنى ساڭا خەۋەر قىلىپ قويۇپتۇ، بۇ ئارقىلىق مېنى ئىسلامغا نائىل قىلغان ئاللاھقا چەڭسىز ھەمدۇ ئېيتىمەن، دەيدۇ.

ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن مۇسۇلمانلار خۇرسەن بولىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: قېرىندىشىڭلارغا قۇرئاننى ئۈگۈتۇپ قويۇڭلار دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۆمەير: يا رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئىزنى بەرگىن، مەن قۇرەيشلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاي، ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلسا ئەچەب ئەمەس، دەيدۇ. ئاندىن ئۆمەير قۇرەيشلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ ۋە بۇ يولدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولىدۇ.

ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئۆمەير ۋە سەفۋانلارنىڭ ھىيلە-مېكىرلىرىىن مانا مۇشۇنداق قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۆمەير بۇ كاتتا مۆجىزە ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، ئۇنى ھىمايە قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن باشقا يول تاپالمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرگە بارغاندا خەيبەرلىك بىر يەھۇدى ئايال بىر قوينى پۇشۇرۇپ، زەھەرلەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوينىڭ بىر پاچىقىنى ئېلىپ يېيىشكە باشلايدۇ، ساھابىلەرمۇ گۆشقا تۇتۇش قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قولۇڭلارنى يىغىڭلار. چۈنكى بۇ گۆش ماڭا زەھەرلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇ ئايالنى چاقىرتىپ كېلىپ: بۇ گۆشقا زەھەر سالدىڭىزمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ ئايال: سىزگە كىم خەۋەر قىلدى؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قولۇمدىكى بۇ پاچاق خەۋەر قىلدى دېگەندە، ئۇ ئايال: ھەئە، زەھەر سالدىم، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئۇ ئايال: ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولسا بۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز زىيان قىلمايدۇ، ئەگەر پەيغەمبەر بولمىغان بولسا ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلىمىز، دېگەنىدىم، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا جازا بەرمەستىن ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە نەجد تەرىپىگە غازاتقا چىققانىدىم، بىز قايتىشىمىزدا بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئورمانلىققا چۈشكەنىدۇق، ھەر كىشى ئۆزى خالىغان دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ئارام ئېلىشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىر دەرەخنىڭ ئاستىدىن ئورۇن تۇتۇپ، قىلىچىنى دەرەخنىڭ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئارام ئېلىشقا باشلىدى، بىز سەپەردە چارچىغانلىقىمىز ئۈچۈن يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمىز، بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چاقىردى، بىز يۈگۈرۈشۈپ كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالامنىڭ يېنىدا بىر ئەرابىي ئولتۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ: مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئۇ قىلىچىمنى ئېلىپ قىنىدىن چىقىرىپ: سېنى مەندىن كىم قوغدىيالايدۇ؟، دېدى. مەن: ئاللاھ، دەپ جاۋاپ بەردىم، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جازالىماستىن قويۇپ بەردى.

ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: ئۇ ئەرابىي يالىڭاچلانغان قىلىچنى كۆتۈرگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كېلىپ: سېنى مەندىن كىم قوغدىيالايدۇ؟، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال قىلىچنى قولىغا ئېلىپ: ئەمدى سېنى مەندىن كىم قوغدىيالايدۇ؟ دەيدۇ. ئەرابىي: ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن، دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسىز؟ دېگەندە، ئۇ ئەرابىي: ياق، لېكىن مەن سىزگە ۋەدە بېرىمەنكى، ھەرگىز سىزگە قارشى ئۇرۇش قىلمايمەن ۋە سىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلار بىلەنمۇ بىرگە بولمايمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇ قەۋمىنىڭ يېنىغا بېرىپ: مەن سېلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ قېشىدىن كەلدىم، دەيدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ ھەدىستە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ تۈرلۈك دەلىللىرى بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىى بىلەن سۇباتلىق بولغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەرابىينىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ھېمايە قىلغانلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەرىشتىلەر بىلەن كۆچلەندۈرگەنلىكىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھېلىقى مۇشرىكنىڭ مەيدىسىگە ئۇرغان سەۋەبتىن ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بۇ ئەرابىينى كەچۈرۈم قىلىشى پەقەت ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك ئەخلاقىدىن بولغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە كىممۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئورۇنغان رەقىبىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلالىسۇن؟! بۇ ئەرابىي قەۋمنىڭ يېنىغا كەلگەندە: مەن سېلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ قېشىدىن كەلدىم، دەپ ھەقىقەتەن راست ئېيتقان! ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقۇتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. زۇمەر سۈرىسى 36- ئايەت.

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5087.html