رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m50

ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئىسلامنىڭ تۈپ ئاساسى، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكى بولۇپ، ئۇ تائەت-ئىبادەتلەنىڭ ئەڭ ئۇلىغىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. بۇ ئىككى ئىشتا شەك قىلمىغان ھالدا ئاللاھقا ئۇچراشقان ھەر قانداق كىشى چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە دوزاخ ئوتىدىن ئەمىن بولۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر بىشارەتتىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ھەر قانداق كىشىنى ئاللاھ تائالا دوزاخقا ھارام قىلىدۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن كىشى ئىسلامنىڭ ئىشىكلىرىدىن چوڭ بىر ئىشىكنى ئاچقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىسلامنىڭ بىرىنچى روكنىنىڭ بىر قسمىدۇر.

مۇسۇلمان كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋاقتىدا شەكسىزكى، ئىلىم، دەلىل-پاكىتقا ئاساسلانغان تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن ئىمان كەلتۈرىدۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ھالى: {بىز ھەقىقەتەن ئاتا-بوۋىلىرىمىنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك-شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز} دېگەن كىشىلەرنىڭ ھالىغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ.

ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى ئاتا-بوۋىلىرىنى ئەقىللىرى ئازغان جايدا ئولتورۇش بىلەن قانائەتلەنگەن، ھەقىقەتنى ئاڭلاشتىن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشقان، ھەقىقەت ۋە ئۇنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشتىن ئەقىللىرىنى توسۇپ قالغان قاتمال كىشىلەر بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ بۇ قاتماللىقىنى قاتتىق ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى ناھايىتى يامان سانىغان.

قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئەقىللىرىنى ئىشقا سېلىشقا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:

{ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ دېگىن}. يونۇس سۈرىسى 16- ئايەت.

قۇرئان كەرىم بىزنى بىر قانچە ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دەلىل-پاكىتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزىشىمىزگە چاقىرىدۇ:

{ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار. ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر}. سەبە سۈرىسى 46- ئايەت.

بىز تۆۋەندە مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملەش، تەقلىتچىلىقتىن دەلىل-پاكىتلەرگ چىقىرىش ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىد بولىدىغان دەلىللەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز، بۇ ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۇ زاتنىڭ ھاياتى ۋە دەۋىتىدىكى ئۇلۇغلۇق تەرەپلىرىنى تونۇشتىن غاپىل بولغان بارلىق ئىنسانلارغا دەۋەتتۇر. بۇ، ئۇلارنىڭ سۈيۈملۈك پەيغەمبەرنى تۇنىشى، ئۇنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن رەھمەت پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئوچۇق دەۋەتتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىد بولىدىغان پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئالتە قىسىمغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر يېرىپ، ئۇنىڭ ھاياتىدا ياكى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىققان غەيبىي ئىشلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن، يېڭى ئىلمىي تەجرىبىلەر ئۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىلمىي مۆجىزىلەرمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئىككىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئاينىڭ يېرىلغانلىقى، سىلاپ قويىشى بىلەن كېسەللەرنىڭ شىپا تاپقانلىقى، دۇئاسى بىلەن تائاملارنىڭ كۆپەيگەنلىكى قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ھېسسىي مۆجىزىلەردۇر.

ئۈچىنچى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تۈرلۈك سۈيىقەستلەردىن ساقلاپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغانلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشىغان مەنىۋىي دەلىللەردۇر. بۇ خىل دەلىللەر ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۇنىڭ دەۋىتىنى، دىنىنى قوللىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھقا يالغاننى توقىغان يالغانچىلارنى ئاللاھ تائالا ھەرگىز قوللىمايدۇ.

تۆتىنچى: پەيغەمبەرلىك دەللىلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان ۋە مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئان كەرىمدۇر. بۇ مۇقەددەس كىتاپ تۈرلۈك مۆجزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك دەلىل ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەر بىر پەيغەمبەرگە ئىنسانىيەت ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگۈدەك مۆجىزىلەر بىرىلگەن. ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە بولسا، ئاللاھ تائالا ماڭا نازىل قىلغان ۋەھيى بولدى. شۇڭا مەن قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىمەن. [ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

بەشىنچى: ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن بەرگەن بىشارەتلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئالغان پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى (كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك (دېدى). ئاللاھ: (بۇ ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ دېدى. ئۇلار: ئېتىراپ قىلدۇق دېدى. ئاللاھ: ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن دېدى}. ئال ئىمران سۈرىسى 81- ئايەت.

ئالتىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كامالىتىگە، پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئەخلاق ۋە خوسۇسىيەتلىرىىدۇر. چۈنكى بۇنداق سۈپەت ۋە كامالەتلەر پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5146.html