رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m49

پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىلگىرىكىلەرنى ۋە كېيىنكىلەرنى ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز قالدۇرغان ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرگە ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگۈدەك مۆجىزە بېرىلدى، ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە بولسا ئاللاھ تائالا ماڭا نازىل قىلغان قۇرئان بولدى، شۇڭا مەن قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ: ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە بولسا ئاللاھ تائالا ماڭا نازىل قىلغان قۇرئان بولدى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختىلىپ: مېنىڭ دۇئېل ئېلان قىلغان مۆجىزەم بولسا ئاللاھ تائالا ماڭا نازىل قىلغان قۇرئان بولدى، قۇرئان بولسا مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، دېگەن.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىدە توختىلىپ: ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن تۈگىگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىم بولسا ئاجائىباتلىرى تۆگەپ كەتمەيدىغان، تەكرار ئوقۇش بىلەن كونىراپ قالمايدىغان، ئالىملار ئوقۇپ قانمايدىغان، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىدىغان، ئۇنى يوغانلىق قىلىپ تەرك ئەتكەن كىشىنى ئاللاھ خار قىلىدىغان، ئۇنىڭ غەيرىدىن ھىدايەت ئىزدىگەن كىشىنى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھۆججەتتۇر، دېگەن.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، ھازىر نازىل بولغاندەك ئۆز پېتى ساقلانغان، ھەر قانداق زامانغا ۋە ھەرقانداق ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان، ھەر قانداق بىر ۋەقە ئۇنىڭدا خەۋەر بېرىلگەن بويىچە روياپقا چىقىدىغان، مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمدۇر، دېگەن.

ئاللاھ تائالا بۇ كاتتا مۆجىزە بىلەن ئىلگىركىلەرگە ۋە كېيىنكىلەرگە دۇئېل ئېلان قىلغان ۋە مۇشرىكلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس بەلكى ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توقۇغان دەپ داۋا قىلىشقان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ بېقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:

{ياكى ئۇلار: (مۇھەممەد) قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار}. تۇر سۈرىسى 33-، 34- ئايەتلەر.

ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىلگىرىكىسىدىن يېنىكرەك دۇئېل ئېلان قىلىپ، پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى ئىجاد قىلىپ بېقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:

{ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھدىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار}. ھۇد سۈرىسى 13- ئايەت.

ئۇلار ئون سۈرىنىمۇ كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يەنە يېنىكرەك دۇئېل ئېلان قىلىپ، بىر سۈرە بولسىمۇ كەلتۈرۈپ بېقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:

{بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار}. بەقەرە سۈرىسى 23- ئايەت.

ئاللاھ تائالا بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش ئاجىزلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: {ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر..} دېگەن سۆزى قۇرئان كەرىم خەۋەر بەرگەن غەيبىي ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

مۇسەيلىمە ۋە قۇرەيشلەرنىڭ سۆزمىنى ھېسابلىنىدىغان نەزرى ئىبنى ھارىس قاتارلىقلار ئەينى زاماندا قۇرئان كەرىمگە تەئەررۇز قىلىشقا ئورۇنۇپ، ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى جۈملىلەرنى تۈزۈپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆز قەۋمىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان.

مەشھۇر ئەدىب ئىبنى ئەلمۇقەففە قۇرئان كەرىمگە تەئەررۇز قىلىشقا ئورۇنۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن: بۇ تەئەررۇز قىلىنىدىغان ئىنساننىڭ سۆزلىرى ئەمەسلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.

شۇنىڭدەك، مەشھۇر ئەدىب، تالانتلىق ئىستىلىستىكا ئالىمى ياھيا ئەلغەززالمۇ قۇرئان كەرىمگە تەئەررۇز قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنىڭ تەئەررۇز قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان، بالاغەت ۋە پاساھەت جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە كىتاب ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ, ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ}. ئىسرا سۈرىسى 88- ئايەت.

ئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھ: تۇپراقتىن يارىتىلغان بىر مەخلۇقنىڭ سۆزى قانداقمۇ ئەربابلار رەببىنىڭ سۆزىگە ئوخشىسون؟! سۆزلەرنىڭ تۈرلىرىنى تۇنۇشتا ئەڭ تۆۋەن بىر ئىقتىدارغا ئىگە ئىنسان ئۈچۈنمۇ قۇرئان كەرىمنى باشقا ئىستىلىستىكا ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە چوڭ بىر پەرق نامايان بولىدۇ، دېگەن.

قۇرئان كەرىمنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كاتتا كىتاپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن باش ئەگكەن، جۈملىدىن قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن تەسىرلىك، مۇڭلۇق، مەزمۇنلۇق ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان:

{ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرىبالارغ سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ}. نەھل سۈرىسى 90- ئايەت.

فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ ئەۋۋەلقى ئايەتلىرىنى ئوقۇۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ئۇتبە ئىبنى رەبىئە قۇرەيشلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھاياتىمدا ئاڭلاپ باقمىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ شىئىرمۇ ئەمەس، سېھرىگەر ياكى رەمباللارنىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، ئى قۇرەيش جامائەىسى! ماڭا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، سىلەرنىڭ بۇ ئادەمنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئاڭلىغان بۇ سۆزلەر ئۈچۈن چوقۇم كاتتا بىر ئىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېگەن.

يېڭى ئەسىردە شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ ئىنساپلىقلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزى گۇۋاھلىق ۋە تەسىراتلىرى خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

شەرقشۇناس فون ھامىر ئەپەندى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە: قۇرئان كەرىم پەقەت ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى بولۇپلا قالماستىن، ھەقىقەتەن ئۇ ئەرەبچە باياننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر، ئۇنىڭ گۈزەل ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھيى ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز سەلتەنىتىنى خىتاب مۆجىزىسى ئارقىلىق تارقاتقانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيىتى بولىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!، دېگەن.

شەرقشۇناس فىلىپ ئەپەندى ئىسلام ھايات پروگىراممىسىدۇر دېگەن كىتابىدا: قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبى باشقا كىتابلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان ۋە باشقا ئۇسلۇبلارغا سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇب بولۇپ، ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ... شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى بارلىق مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان، دېگەن.

جورج ھەننا ئىنسان قىسسىسى دېگەن كىتابىدا: مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن خاتالىق ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر دىن بىر توغرا كىتاپ دەپ قارىغان بولسا خىرىستىئانلارمۇ ھەم ئۇنىڭ نازىل قىلىنغان ياكى تۈزۈلگەن كىتاپ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ بىردىن بىر توغرا كىتاپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۇ كىتابنىڭ تىلىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىل قىلىدۇ، دېگەن.

فرانسىيىلىك پەيلاسۇپ ھنرى سېرويا ئىسلام پىكرى پەلسەپىسى دېگەن كىتابىدا: قۇرئان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يۈكسەك، ئالى ئۇسلۇب بىلەن نازىل بولغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئۇسلۇبى يېقىنلىشالمايدۇ، دېگەن.

قۇرئان كەرىمگە تىل تەككۇزۈشكە كۆپ ئورۇنغان، لېكىن ئاخىرى ھەقىقەت ئالدىدا مەغلۇپ بولغان شەرقشۇناس بلاشېر قۇرئان كەرىم دېگەن كىتابىدا: قۇرئان پەقەت مەزمۇن ۋە تەلىم-تەربىيە جەھەتتىنلا مۆجىزە بولماستىن بەلكى ھەرقانداق بىر شەيئىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بارلىق ئىنسانىيەت سوغات ۋە تۆھپىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان گۈزەل ئەدەبىيات سوۋغىتى بولغانلىقى جەھەتتىنمۇ ئەڭ كاتتا مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

يەنە نۇرغۇن شەرقشۇناسلار: قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەس، ئەگەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەنىسى بىز مۇھەممەدنى ئىلاھ دەپ قارىغان بولىمىز، دېگەن.

بەزى شەرقشۇناسلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىدا پەيدا قىلغان كاتتا ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبلەرنى ۋە باشقا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەرنى مەدەنىيەت ۋە ھازارەت جەھەتلەردە دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتلەردىن يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن. فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ئالىم مارسېل ئىسلام ئىنسانپەرۋەرلىكى دېگەن كىتابىدا: قۇرئان كەرىم جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئەخلاقلىرىنى ئىسلاھ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قەدىرلەنمىگەن. قۇرئان كەرىم ھەقىقەتەن ھەر قانداق بىر زاماندا ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تۇلۇق قامدىيالايدىغان، مۇكەممەل، مەڭگۈلۈك بىر قانۇن دەستۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىرلەنگەن كىتابتۇر، دېگەن.

يورانت ھازارەت قىسسىسى دېگەن كىتابىدا قۇرئان كەرىم ھەققىدە توختىلىپ: مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە قۇرئان كەرىم ئاساسلىق رول ئوينىغان، ئۇ كىتاب ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي تۈزۈم قائىدىلىرىنى ۋە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئاساسلىرىنى ئورنىتىپ بەرگەن، ئۇلارنى توغرا قائىدىلەرگە ئەگىشىشكە ئۈندىگەن، خار كىشىلەردە ئىززەت ۋە ئۇلۇغلۇقنى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۆتىدىللىق ۋە شەھۋانىيلىقتىن يىراق بولۇشنى پەيدا قىلغان.. دېگەن.

ئىتالىيىلىك شەرقشۇناس لورافىشىيا فاغلېرى ئىسلامدىن مۇداپىئە دېگەن كىتابىدا: ئىسلامنىڭ تىز تارقىلىشى كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن بولغان ئەمەس، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىدىن ئىكلىنىپ قالغۇچىلارغا مۇھەمەدنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى تەقدىم قىلغانلىقىدۇر.. دېگەن.

يېقىندا ئىلىم-پەننىڭ پەزلى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرى نامايان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملارنى ھەيران قالدۇرماقتا ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىم ھەققىدىكى ئىنساپلىق گۇۋاھلىقلىرى خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

سۆزنى توكيو ھاۋارايى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور يوشيودى كوزان ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن باشلايلى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان كائىناتنى مەۋجۇداتتىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن سۈپەتلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە نەرسە ئۇچۇق ئېچىپ تاشلانغان، بۇ قۇرئاننى سۆزلىگەن ئاللاھ بۇ كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر شەيئى مەخپى ئەمەس.

گىرمانىلىيىلىك پروفېسسور شرويدر جىددە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان دېڭىز - ئوكيان ئالىملىرى يىغىنىدا: قۇرئاندا بىر قانچە ئەسىرلەردىن بىرى سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى ئالىملار بۈگۈن بايقاشقا باشلىدى، مەن بۇنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرىغا يەتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن، دېگەن.

پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېڭىز گېئولوگىيە ئىلىمى ئۇستازى پروفېسسور درجا بر ساد راۋ قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنغان دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقلار ۋە ئىچكى دولقۇنلار ئۈستىدە توختىلىپ: بۇنى تەپسىلى سۈپەتلەش قىيىن بىر ئىش، شۇڭا ئۇنىڭ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىنسانىيەت ئىلمى ئەمەسلىكى ئېنىق، ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى بۇ قەدەر تەپسىلى شەرھىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا تەبىئەت قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى بىر كۈچ ھەققىدە تەپەككۈر قىلدىمكى، ھەقىقەتەن بۇ تەبىئەت قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى بىر مەنبەدىن كەلگەن، دېگەن.

قۇرئان كەرىم ئىلمىي مۆجىزىلىرى ھەققىدە 1986- يىلى قاھىرەدە ئېچىلغان يىغىندا ئامېرىكىلىق پروفېسسور بالمار بىر پارچە ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەھۋال بىز پەرەز قىلغاندەك بولىدىغان بولسا يەنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي سەۋىيسى بۇنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە تۆۋەن بولغان بولسا شەكسىزكى، بىز قۇرئاندا ھازىر ئوقۇۋاتقان ئىلىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىنغان ئىلاھىي ئىلىمدىن بىر نۇردۇر، دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىسى ھەققىدىكى سۆزىمىزنى قۇرئان كەرىمنىڭ تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بايانلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى توماس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دانىيال ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئاناتومىيە بۆلۈمىنىڭ رەئىسى پروفېسسور مارشال جونسوننىڭ گۇۋاھلىقىنى نەقىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئۇ: مەن بىر تۆرەلمە ئىلىملىرى ئالىمى بولۇش ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تۆرەلمە ئىلىملىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى تەتقىق قىلىش سۈپىتىم بىلەن تەكىتلەيمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چوقۇمكى، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىلاھىي بىر مەنبەدىن ئالغان، دېگەن.

خەلقئارا تىببىي فاكۇلتېتلاردا ئاساسلىق مەنبە بولۇپ كەلگەن ئىنساننىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرى دېگەن مەشھۇر كىتابنىڭ ئاپتورى پروفېسسور كېس ل مور تۈرەلمىلەر بىلىمى توغرىسىدىكى قۇرئان كەرىم مۆجىزىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ماڭا ئايدىڭ بولدىكى، بۇ دەلىللەر چوقۇم مۇھەممەدكە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن. چۈنكى بۇ مەلۇماتلار بىر قانچە ئەسىرلەردىن كېيىن، يەنى يېقىندا بايقالغان، بۇ ماڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، دېگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغاباشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ}. سەبە سۈرىسى 6- ئايەت.

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.