رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m032.jpg

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ تىكىستلىرى ئىلگىركىلەرنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن بىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك (دېدى). ئاللاھ: (بۇ ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ دېدى. ئۇلار: ئېتىراپ قىلدۇق دېدى. ئاللاھ: ئۆزەڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن دېدى. سۈرە ئال ئىمران 81- ئايەت.

ھەدىس شەرىپتە تارىختا ئۆتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئۇممىتىگە زامان ئاخىرىدا كېلىدىغان پەيغەمبەر توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇ پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققاندا چۇقۇم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تالا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ھەر قانداق بىر پەيغەمبەردىن ئۇلار ھايات ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلسە چۇقۇم ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش، ياردەم بېرىش ۋە ئەگىشىش توغرىسىدا ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئالغان. [تەبەرى رىۋايىتى].

كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەپ بەرگەنلىكتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيتتى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز كىتاب بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ. سۈرە ئەنئام 20 - ئايەت.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ھەققىدە بېشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ئەلچىگە - ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلگىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق, كويزا- كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان ) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. سۈرە ئەئراف 157- ئايەت.

يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرى كۆپ ئۆزگەرتىلىشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ كىتابلارنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە بېشارەت بېرىدىغان شاھىدلار غايىب ئەمەس.

جۈملىدىن بۈگۈنكى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارمۇ ئىمان كەلتۈرىدىغان تەۋرات پارچىلىرىدا، ھەزرىتى ئىشئىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە رىئايە قىلمىغان ئىسرائىل ئەۋلادلىرىگە زامان ئاخىرىدا كېلىدىغان، ئوقۇشنى بىلمەيدىغان بىر پەيغەمبەر بىلەن بېشارەت بەرگەنلىكى سۆزلەنگەن. ئۇ كىتابنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى قىسمىدا ھەزرىتى ئىشئىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيدىغان بىر كىشىگە كىتاب بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: بۇنى ئوقۇغىن، دېيىلىدۇ، ئۇ: مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن، دەيدۇ (ئىشئىيا 29/ 10- 13).

بۇ تىكىست پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولغانلىقىغا شاھىد بولىدىغان ئۇلۇغ بىر مېنوتلارنى ئەسلىتىدۇ. سەھىھۇلبۇخارىدا مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ھىرا ئوڭكىرىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ھەقىقەت كەلگەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ بۇ جەرياننى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: يېنىمغا بىر پەرىشتە كېلىپ: ئوقىغىن دېدى، مەن: ئوقۇشنى بىلمەيمەن دېدىم، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە مېنى تۇتۇپ، چىڭ سىقتى، مەن ناھايىتى قىينالدىم، ئاندىن مېنى قويۇپ بېرىپ: ئوقۇغىن: دېدى، مەن: ئوقۇشنى بىلمەيمەن دېدىم، پەرىشتە مېنى تۇتۇپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە چىڭ سىقتى، مەن ناھايىتى قىينالدىم، ئاندىن مېنى قويۇپ بېرىپ: ئوقۇغىن: دېدى، مەن: ئوقۇشنى بىلمەيمەن دېدىم، پەرىشتە مېنى تۇتۇپ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە چىڭ سىقتى، ئاندىن مېنى قويۇپ بېرىپ: ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، دېگەنلەرنى ئوقۇغىن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى].

دېمەك، كىتاب بېرىلگەندە: ئوقۇشنى بىلمەيمەن، دېگەن پەيغەمبەر بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدىن ئەندىشە ئىچىدە چۈشۈپ، ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ - ئۇ ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىدى - پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ئۇنىڭغا ھىرا غارىدا بولغان ئىشلارنى خەۋەر قىلىدۇ، ۋەرەقە ئىشئىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى كۆپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ: بۇ ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتەدۇر، تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئەزىيەت قىلىنغان، سەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا مەن ھايات بولسام چۇقۇم ساڭا ياردەم بېرىمەن، دەيدۇ.

ۋەرەقە قۇرەيشلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنى مەككىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەزرىتى ئىشئىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىدىن بىلگەنىدى. چۈنكى، بۇ كىتابنىڭ يىگىرمە بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق كەلگەن: ئەرەب شەھەرلىرىدىكى مېڭىش قىيىن بولغان بىر رايوندىن ۋەھيى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئى دەدان كارۋانلىرى! ئۇسسىزلارغا ئۇچرىشىش ئۈچۈن سۇ ئېلىۋېلىڭلار، ئى تېيما زېمىنىنىڭ ئەھلى نانلىرىنى كۆتۈرۈپ قىلىچلاردىن قاچقانلارنى كۆتۈۋېلىڭلار (ئىشئىيا 21/ 13- 24).

تاۋراتتىكى بۇ تېكىست تېيما زېمىنلىرىدىكى دەدان قەبىلىلىرىگە، قىلىچتىن قاچقان ھالدا ساھابىلىرى بىلەن چىققان پەيغەمبەرنى كۆتىۋېلىش ھەققىدە خىتاپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ توغۇلغان ۋە پەيغەمبەرلىك كەلگەن ماكانى مەككە مۇكەررەمەگە ئىشارەت قىلغان.

ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن بولغان ۋەرەقەنىڭ گۇۋاھلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئۇچۇق دەلىلىدۇر، ئۇنىڭ بۇ گۇۋاھلىقى ئەھلى كىتابلارنىڭ كىتابلىرىدىكى كۈچلۈك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن دەيدۇ, ئېيتقىنكى, راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر. (سۈرە رەئد 43- ئايەت).

ئېفۇفىيە پادىشاھى نەجاشىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھلى كىتابلارنىڭ جۇملىسىدىندۇر. چۈنكى ئۇ جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى، دەۋىتىنىڭ خارەكتېرىنى تەپسىلى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىمان ئېيتقان. جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: ئاللاھ ئارىمىزغا پەيغەمبىرىنى ئەۋەتتى، ئۇ مەريەمنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئېيسا ئەلەيھىسسالام: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن دەپ، بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەردۇر. ئۇ بىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرك كەلتۈرمەسلىككە، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، بىزنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ دېگەن.

نەجاشى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ساھىبىڭىز ئىبنى مەريەم ھەققىدە نېمە دەيدۇ، دېگەندە، ئۇ: ساھىبىم بۇ ھەقتە ئاللاھ دېگەننى دەيدۇ، ئىسا ئاللاھنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ كەلىمىسى بولۇپ، ئۇنى ئىنسان يېقىنلاشمىغان پاك قىزدىن چىقارغان، دەيدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.

نەجاشى يەردىكى ھاسسىنى ئېلىپ: ئى پوپلار ۋە راھىبلار جامائەسى! ئۇلار ئىبنى مەريەم ھەققىدە سىلەرنىڭ سۆزىڭلاردىن كەم - زىيادە قىلمايدىكەن. (ئى مۇھاجىرلار!) سىلەرنى ۋە ساھىبىڭلارنى قارشى ئالىمەن ۋە ئۇنىڭ مەريەمنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىسا بېشارەت بەرگەن ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەگەر مەن پادىشاھلىق خىزمىتىدە بولمىغان بولسام، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىغا بارغان، ھەتتا كەشىنى كۆتەرگەن بولاتتىم، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

نەجاشى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ۋە ئۇ كىتابلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان كۆپلىگەن دەلىللەرنى كۆرگەنلىكتىن مۇسۇلمان بولغانىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ساھابىلىرىغا: بۈگۈن ياخشى بىر كىشى ئالەمدىن ئۆتتى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، قېرىندىشىڭلار ئەسھەمەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈڭلار، دەپ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن غائىب جىنازە نامىزى ئوقۇغان. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ قەبرسىدىن داۋاملىق نۇر كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق، دېگەن.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5045.html