رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m018.jpg

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىر سۈپىتىدە ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار پەيغەمبەر خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىقتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە: ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام تاپقانلىرىمىزنى ھارام، دەپ بىلىمىز دەيدىغانلىقى يەقىندۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىستە قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپ كە ئىنكار قىلىدىغان، ھەقىقەتتىن ئازغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، مانا بۇ ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەندەك، ئۆزلىرىنى قۇرئانچىلار، دەپ ئاتىۋالغان بىر تۈركۈم يالغانچىلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىرىڭلارغا مېنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىم يىتىپ كەلسە: بىز بۇنى بىلمەيمىز، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز، دېگەنلىكىنى تاپمىغايمەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئۇستاز ئابادىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئىش روياپقا چىقىپ، مۆجىزە نامايان بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۆزىنى قۇرئان ئەھلىگە مەنسۇپ قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاھالەنكى، ئۇلار بىلەن قۇرئان ئەھلىنىڭ پەرقى ناھايىتىمۇ چوڭ بەلكى ئۇلار شەيتان ئازدۇرغان مۇرتەد، دىنسىزلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. [ئەۋنۇل مەئبود شەرھى ئابۇ داۋۇد].

ھەدىس شەرىپ كە ئىنكار قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تۈرلۈك شەك - شۈبھىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئاندىن ئۆزلىرى پەيدا قىلغان شەك - شۈبھىلەرنى ھەدىس شەرىپ نى تەرك ئېتىشنىڭ ۋە ئۇنى ئىسلام قانۇنچىلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىماسلىقنىڭ كەسكىن دەلىلى، دەپ دەۋا قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ غايە-نىشانى ئىسلام ئۇممىتىنى پارچىلاپ ئىسلامنى يوقىتىشتۇر. ئۇلار پائالىيەتلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇرئانغا مەنسۇپ قىلىپ، ئەھلى قۇرئان ۋە قۇرئانچىلار دېگەن پەردىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنىۋېلىشقا ئورۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىن ئېچىپ تاشلاپ، باتىل شەك-شۈبھىلىرىگە ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاگاھ بولۇڭلاركى، ماڭا قۇرئان كەرىم بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسلەر ئارقىلىق ھەدىس شەرىپ نىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھيسى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى ھېسابلىنىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر قائىدىنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇممەت ئىچىدە قۇرئان كەرىم لا كۇپايە، دەپ داۋا قىلىپ، ھەدىس شەرىپ كە ئىنكار قىلىدىغان، دىنىي ئىلىملەردىن خەۋەرسىز بىر تۈركۈم نادان مۇتەكەببىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.