رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

‏‏ئەرەپچىدىن مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستانەسرى شەكىلدە ئۆزلەشتۈرۈلدى.

‏ئەسلى ئەرەپچە ئىسمى: ( من ھو محمد )

‏‏سىنى ئەسلەيمز، يا رەسۇلىللاھ.

‏ئاللاھ ئىنسانىيەتنى شەرەپلىك قىلىشىدىكى سەۋەپكار زاتسەن. يا رەسۇلىللاھ !

‏سىنىڭ شەرپىڭ ،ھۆرمىتىڭ تۈپەيلى ئادىمىزات ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. گەرچە سەن بۇرۇن كەلگەن پەيغەمبەر ئارىسىدىكى بىر پەيغەمبەر بولساڭمۇ، ئاللاھ سەن ئارقىلىق پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ئاشۇ ھۆرمەت ،ئىززەتنى سىنىڭ سەۋەبىڭدىن بۇلۇشنى ئىختىيار قىلغان.

‏يا رەسۇلىللاھ!

‏ئادالەت بىر ماددى نەرسە دىيىلسە ،ئۇ سەن ئىدىڭ.

‏پاكلىق،ساپلىقى سۈرەتلىگىلى بولسا ئىدى ،ئۇسەن ئىدىڭ.

‏سەن شۇنىڭغا باقماي بىر ئىنسان ئىدىڭ كى،مەندەك، ئۇنىڭىدەك ،يەنە تالايلىغان مەندەك.

‏سەن ئۈچۈن ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن.يارەسۇلىلاھ!

‏سەن باشقا ئىنسانلاردەك تاماق يەيتىڭ ، كوچىلارغا چىقاتتىڭ،سەن قارىماققا ئاددى بىر ئىنسان ئىدىڭ، ئەمما پەيغەمبەرلىكنىڭ ئىلاھى نۇرى سەن بىلەن بىللە ئىدى . سەن ماڭغان كوچىلارغا ھىدايەت نۇرى تارقايتى.

‏بىشىڭدا پاكلىقنىڭ تاجى ،سۆزلىرىڭدە ھەقىقەت.

‏يوللۇرۇڭ تۈپتۈز ، ئىشلىرىڭدا كارامەت.

‏ئۆزۈڭ بىر ئەخلاق ئىگىسى،

‏يارەسۇلىللاھ!ئۆزۈڭ ئىدىڭ ھەققۇ، ئادالەت.

‏سەن ئىدىڭ ھەم مېھىر ۋە شەپقەت.

‏سەن بارچە سېخىيلىقنىڭ ئىگىسى ،ئالقىشلارنىڭ ھەقدارى ئىدىڭ.

‏تۇرساڭ ھەم ،ماڭساڭ ھەم، ھەممە سەن بىلەن بىرگە ئىدى.

‏ئاسانلىق سەن بىلەن، سەن ئاسانلىق بىلەن، چۈنكى سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ ئاسان ئىدى. دىنىڭ،كىتابىڭ،سۈننەتلىرىڭ،بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىڭ ھەممىسى ئاسان ،ھەممىگە ئاسان ئىدى.

سەن ئاسانلىقنىڭ ئىگىسى بولدۇڭ، ئاسانلىق ھەم سەن بىلەن ئىپتىخارلاندى.

‏كىملەردۇر كى كاتتىلار ئاتالغان،ئەمما كاتتىلىقنىڭ نىمىلىكىنى ساڭغا قاراپ بىلگەن.

‏كىملەردۇر كى ئۆزلىرنى ئىسلىھاتچى دەۋالغان،ئەمما سنىڭ ئالدىڭدا يەرگە قارىغان.

‏يەنە كىملەردۇر كى بىر كىملەرنى ئۆزلىرگە ھەۋەس قىلدۇرغان،لىكىن سىنى بىلگىنىدە ھەۋەستەيۇ،ھەسەتتە ھەسرەت چىكىشكەن.

‏ئاجايىپ ئىنسانسەن يارەسۇلىللاھ!دۈمەنلىرىڭ،دوسلىىڭدىن بۇرۇن. ئۇزاقتىكىلەرقىشىڭدىكىدىن بۇرۇن، تەرپىڭنى قىلغان.

‏ئەبۇ بەكرىدەك، بىلال دەك،سالمان ، سۇھەييىپلەردەك

‏يىگىتلەرنىڭ،يگىتلىرى. ئەرلەرنىڭ ،ئەركەكلىرى ساڭا بۇيسۇنۇشتا بەسلەشكەن ئىدى.

‏يارەسۇلىللاھ!

‏ھەرقىتىم نامىڭنى تۈرۈكلەرگە ئاڭلاتقاندا،ئۇلارنىڭ كۆزلىردە كەلكۈن، ياق خۇددى تۇفان كەبى ياشلار قۇيۇلىدۇ.

‏سۈننەتلىرىڭ كۇرتلارغا زىكىر قىلىپ بىرلگىنىدە ئۇلارنىڭ قەلبى ساڭغا تەلپۈنۈشتىن دۇلقۇن ياساپ ئۆركەشلەيدۇ.

‏سىنىڭ جەڭنامىلىرىڭ پارىسلارغا سۆزلەنگىنىدە

‏ئۇلارنىڭ ھىسسى دۇنياسى،ساڭغا بولغان مۇھاببەتتىن سەن تامان سەفەر قىلىدۇ.

‏يارەسۇللىلاھ!

‏پۈتۈن يەر-جاھاندا سىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ، ياردەمچىلىرىڭ،دوسلىرىڭ بار.

‏سىنىڭ زىكرىڭ ئەزانلاردا،مۇنبەر،كىتاپ-دەفتەرەردە.

‏مەككە-مەدىينىدىن،سەنا-قاھىرەگچە، دەمىشىقتىن،باغدات،ھەمرا،لارغىچە،سەنەدلەردىن،جاكارتا،پارىژ،ۋاشىنگىتونلارغىچە ،ھەركۈنلىكى،شۇنداق جاراڭلىق،شۇنچىلىك ئۇچۇق،ئاجايىپ ياڭراق  شۇنداق زىكىر قىلىندۇكى(گۇۋاھىق بىرمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ھەق ئەلچىسىدۇر )

‏يارەسۇلىللاھ!

‏ئاللاھ شەنىڭنى شۇنچىلىك ئۇلۇغ قىلغانكى، ھەرقىتىم ئاللاھ نىڭ نامى تىلغا ئېلىنغىنىدا ،سەنمۇ ھەم تىلغا ئىلىنماي قالمايسەن.

‏يارەسۇلىللاھ!

‏سەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۇقۇدۇڭ. ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلدىڭ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلدىڭ. ھەم ئۇنىڭ يۇلىدا جىھاد قىلدىڭ. ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ياردەم قىلدىڭ، شەرىئەت سەن سەۋەپلىك زىمىندا ئۈستۈن بولدى. سەن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياشىدىڭ ھەم ئاللاھ تەرەپكە قايتتىڭ. ھەممە ئىشىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولدى. ھەممە ئىشلىرڭدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىڭ. سىنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىدى.پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈن.

‏يارەسۇلىللاھ! سىنىڭ دەۋىتىڭ ھەممە نەرسەڭ بىلەن ئىدى. سۆزلىرىڭدىن،ئىش-ھەركىتىڭ كۆپ ئىدى. نۇتۇقلىرىڭدىن،ئەخلاقىىڭ مۇكەممەل ئىدى.

‏قاتتىقلىق سەندە يوق. مۇلايىملىق،يۇمشاقلىق سىنىڭ ئىدى. پۇتۇن دۇنيانى قەسىر-سارايلىرىباغۇ-بوستانلىرى، مال-دۇنىيالىرى بىلەن ئۈممىتىڭ ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن ئىدىڭ. ئەمما ئۆزۈڭ ئوتتۇز سا ئارپىغا ساۋۇتۇڭنى يەھۇدىغا گۆرۆگە قۇيغان ئىدىڭ. ئاللاھ تەرەپكە شۇنداق قۇرۇق قۇل كەتتىڭ.

‏بىزلەرگە ھەم پۈتۈن دۇنيادىن ئەزىز ،قۇرئان بىلەن سۈننەتلىرىڭ دىن ئىبارەت بۇ ئىككى گۆھەرنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.

‏يا رەسۇلىللاھ! سەن مىھىر-مۇھاببىتى بىلەن قەلىپلەرنى ئەسىر قلغان ئىدىڭ. لۇتفى-مەرھەمىتى بىلەن بىر ئۈممەت قىلغان ئىدىڭ. ھىكىمىتىڭ بىلەن دىنداش،قېرىنداش قىلغان قىلغان ئىدىڭ.

‏سەن ئىلم-ھىكمىتىڭ بىلەن جاھالەتنى يۇقىتىپ، ئاسانلىقىڭ بىلەن بىچارىلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۋەتكەن ئىدىڭ.

‏يارەسۇلىللاھ! مۇقەددەس دىن، پاك سۈننەت، ساپ تەبىئىيەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئىنسان ئۆزۈڭ.

‏سەن دىن بىلەن دۆلەتنىڭ، قەلەم بىلەن ئەلەمنىڭ، مىھراپ بىلەن مۇنبەرنىڭ ۋە ئەر بىلەن ئايالنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ئۈچۈن كەلگەنسەن.

‏سىنىڭ ھە بىر ساھابىلىرىڭ سىنى شۇنچىلك ياخشى كۆردىغانلىقنى رىۋايەت قىلىشتى. سىنىڭ بىلەن ياشاپ باققانلار سىنىڭ تۆككەن يېشىڭغا گۇۋالىق بىرىشتى. سىنىڭ يېنىڭدا ياكى قارشىڭدا ئىش قىلغانلار بولسۇن سىنىڭ ئۇلۇغلىقىڭنى ئىتراپ قىلىشتى.

‏سىنىڭ شەخسىيىتىڭ دىن نەبىر خاتالىق، نە بىريالغانچىلىق، نەبىر ئوڭۇشسۇزلۇق، نەبىر ئۇقۇشماسلىق بولسۇن.

‏سەن ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانسەن.

‏قلبىڭنى ، يۈرۈكىڭنى، كۆز-قۇلاقلىرىڭن. ئاللاھ روھىڭنى پاكلاپ،يوللۇرۇڭنى ماختىغان، ئەخلاقىڭنى مەدىيلەپ، ئىماملىقىڭنى ئالقىشلىغان.

‏سەن پۈتۈن ئادەمىزاتقا ئۈلگە، ئىسانىيەتكە مۇئەللىم سەن.

‏يارەسۇلىللاھ! شۇنداق ئۈممەتلىرىڭ باركى سنى بىر كۆرۈشكە بالا-چاقا، مال-دۇنياسىدىن زىيان تارتىشنى خالايدىغان.

‏سەن ئارقىلىق سىنىڭ ساھابىلىرىڭ ھەم تارىخ ياراتتى. ئۇلاردىن راشىد خەلىپىلەر، ئادىل ئىماملار، راببانى ئالىملار،مۇفەسسىر،مۇپتىلار،ناتىق خاتىپلار،ۋە جەسسۇر قۇماندان، تەقۋادار زاھىتلار، چىقتى .تارىخنىڭ كاتتىلىرغا، دەۋرىنىڭ يۇلتۇز لىرغا ئايلانغان بۇلار يەنلا ساڭغا تۇتاشقاندۇر.

‏ئۇلار سېنىڭ دېڭىز كەبى ئىلمىڭدىن ئوچۇملاپ ئىچكەنلەر، يامغۇر كەبى ھىكمىتىڭدىن بىر يۈتۈم ئالغانلار . سىنىڭ ئىلمىڭ گۇيا تۈگمەس بىر دېڭىز.

‏سىنىڭ تەرىپىڭنى ئاڭلىغان، تارىخىڭنى ئۇقۇغان ھەركىم باشقا ھۇكما، كاتتىلار نىڭ تارىخىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

‏سەن پادىشاھتىن قۇلغىچە ، ئەرەپلەردىن ئەجەملەرگىچە، ئەرلەردىن ئاياللارغىچە ھەممنى كەمتەرلىكىڭ،خۇشخۇي،مەرتلىكىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قايىل قىلغان ئىىڭ.

‏سەن قۇي باقتىڭ ئارقىدىن ئۈممەتكە چوپان بولدۇڭ. تۇرمۇشىڭدا، نامراتلىق،بايباياشاتلىق،ساقلىق-كىسەللىك،غەلبە-نۇسرەت، ھەسرەت-نادامەت، ھىجران-ۋىسال ھەممە بارئىدى.

‏سەن بىر ئنسانسەنكى ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنمىغان. ئاللاھتىن باشقىغا باش ئۇرمىغان. ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بۇلمىغان.

‏ئاللاھ ئىززەت-ھۆرمىتىڭى ئاجايىپ ئۈستۈن قىلغان .ئللاھنىڭ كلامى بۇنىڭغا دەلىلدۇر.   ئاللاھ سەن توغۇرلۇق شۇنداق دەيدۇكى(( بىز سىنى پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق)) سۈرە ئەنبىيا (( سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن)) سۈرە قەلەم.

‏  يارەسۇلىللاھ سىنى سىغىدۇق. سىنى ئەسلەيمىز.

‏......

‏2014-8-8 قاھىرە