رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن ھىشام ئىبنى ھەكىمنىڭ سۇرە فۇرقاننى قىرائەت قىلىۋاتقان چاغدا ،ئۇنىڭ ئوقۇغىنى ئوزۇمنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقىنى سېزىپ ،ئۇنى توختاتماقچى بولدۇم ،لېكىن مەن يەنىلا ئوزەمنى تۇتىۋالدىم ،ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغاندا ئۇنىڭ كىيىمىدىن تۇتىۋېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ قېشىغا تارتىپ ئاپىرىپ جەريانىنى چۈشەندۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا ئۇنى قويۇپ بەر دىدى؛ئۇنىڭغا  سەن ئوقىغىن مەن ئاڭلاپ باقاي دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايا مەن ئاڭلىغان ئۇسۇل بىلەن بىر قېتىم ئوقىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھسالام ؛ مۇشۇنداق نازىل بولغان دەپ يەنە مېنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلۇم بىلەن بىر قېتىم ئوقىغاندىن كېيىن مۇشۇنداق نازىل بولغان ،قۇرئان بولسا يەتتە خىل  ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە نازىل بولغان ،قايسى قولايلىق بولسا شۇنداق ئوقۇڭلار دىگەن .- ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان .  

ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام [ جىبرىىل ماڭا بىر خىل ئوقۇشنى ئۈگەتكەنىدى .مەن ئاشۇرۇپ بېرىشنى قايتا -قايتا تەلەپ قىلىپ ،ئەڭ ئاخىردا يەتتە خىلغا ئاۋۇتۇپ بەردى ] دىگەن.-ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان.