رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى يىغىلىپ،ئاللانىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان بىر كىشىدىن شاپائەت تەلەپ قىلساق دىيىشىپ ئادەم ئەلەيھىسسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ:سەن بولساڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى،ئاللا سىنى ئۆز قۇلى بىلەن ياراتقان،پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان،ساڭا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرگەن،رەببىڭنىڭ ئالدىدا بىزنى شاپائەت قىلىپ،بىزنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرساڭ،دەيدۇ.ئادەم ئەلەيھىسسالام:من سىلەرنى شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن،دەپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى(1)ئەسلە خىجىل بۇلۇپ،نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار،ئۇ ئاللا زىمىن ئەھلىگە ئەۋەتكەن دەسلەپكى(2)پەيغەبەردۇر،دەيدۇ.ئۇلار نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ،نوھ ئەلەيھىسسالام:من سىلەرنى شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن(3)دەيدۇ ۋەئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە ئاللاغا تەلەپ قويغانلىغىنى (4)ئەسلەپ خىجىل بۇلۇپ،ئاللانىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار،دەيدۇ.ۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام :مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن،ئاللا بىۋاستە سۆزلەشكەن ۋەتەۋرات نازىل قىقىنغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار،دەيدۇ.ۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.ئۇ :مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن،دەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇقۇشماستىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ(1) قويغانلىقىنى ئەسلەپ پەرۋەردىگارىدىن خىجىل بۇلۇپ :ئاللانىڭ بەندىسى ،ئاللانىڭ پەيغەمبىرى،ئاللانىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللا تەرىپىدىن سادىر بولغان روھ ئىسانىڭ ئالدىغا بېرىڭلار،دەيدۇ.ىسا:مەن بۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن،ئىلگىركى(2) ۋە كىيىنكى(3) گۇناھلىرىنى ئاللا  كەچۈرگەن بەندە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار ،دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىنىڭ ئالدىمغا كىلىدۇ.مەن بېرىپ رەببىمدىن ئىجازەت سورايمەن.ماڭا ئىجازەت بىرىلىدۇ،رەببىمنى كۆرگەن چاغدا،ئۇنىڭغا سەجدە قىلىمەن،سەجدىدە ئاللا خالىغان چاققىچە تۇرىمەن،ئاندىن ئاللا:بېشىڭنى كۈتەرگىن سورىغىنىڭنى بىرىمەن،گىپىڭگە قۇلاق سالىمەن،شاپائىتىڭنى قۇبۇل قىلىمەن،دەيدۇ،بېشىمنى سەجدىدىن كۈتىرىمەن،ئاللا ماڭا بىلدۈرىدىغان ھەمدى بۇيىچەئاللاغا ھەمدى ئېيتىمەن،ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن.شاپائت قىلىنىدىغان كىشىلەرنى ئاللا كۆرسىتىپ بىرىدۇ(4).ئۇلارنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن،ئاندىن ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمەن،رەببىمنى كۆرگەن چاغدا يۇقارقىدەك قىلىمەن،ئاندىن شاپائەت قىلىشقا باشلايمەن.شاپائت قىلىنىدىغان كىشىلەرنى ئاللا كۆرسىتىپ بىرىدۇ(5)،ئۇلارن جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن،ئاندىن كىيىن مۇشۇ يۇسۇندا 3-،4-قېتىم ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بېرىپ شاپائەت قىلىپ بۇلۇپ:دەۋزەختە پەقەت ئاللاتائالا قۇرئاندا مەڭگۈ قالىدۇ دىگەن كۇپپاردىن باشقائادەم قالمىدى دەيمەن.

--------------------------------------------------------------------------------

ئىزاھاتلار:

(1) جەننەتتە ئاللا مەنئى قىلغان دەرەختىن يىگەنلىك گۇناھى.

(2)ئۆز خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ھالاك قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن دەسلەپكى پەيغەمبەر ھىساپلايدىغان.چنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىگى ئۆزىنىڭ باللىرىنى تەربىلەش ۋە ئۇلارنى يىتەكلەش ئۈچۈن ئىدى.

(3)كەمتەرلىگىدىن مىنىڭ مەرتىۋەم تۈۋەن ياكى بۇ دەرىجە ماڭا ئەمەس،باشقىلارغا مەنسۇپ دىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.  

(4)"رەببىم،ئوغلۇم مىنىڭ ئائىلەمنىڭ كىشىسى ئىدى،ئائىلەمدىكىلەرنى ئامان قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەدەڭ ھەقتۇر"دىگەن سۆز بىلەن ئوغلىنى غەرىق بۇلۇپ كىتىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنى سورىغان ئىدى.

--------------------------------------------------------------------------------

(1)بۇ ئىش سەۋەن سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە داغ تەككۈزمەيدۇ.مۇس ئەلەيھىسسالام بۇ سەۋەنلىكنى شەيتاننىڭ ئىشى،ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق دەپ ئېيىتقان ئىدى.پەيغەمبەرلرنىڭ ئۆزلىرىدىن سادىر بولغان كىچىك سەۋەنلىكلەرنىمۇ چوڭ سانايدىغان ئادىتى بۇيىچە،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيىتقان ئىدى.

(2) سەۋەن سادىر بولغان خاتالىقلار ۋە چۈشەندۈرۈلگەندىن كىيىن خاتا ھىساپلانمايدىغان جاتالىقلار.   

(3) ئۇنىڭدىن گۇنا سادىر بولغان تەقدىردىمۇ،گۇنادىن مەسۇملىغى بىلەن ياكى مەغپىرەت قىلىنىشى بىلەن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ.  

(4)مەسىلەن،نامازىرىنى تۇلۇق ئادا قىلمىغانلار توغرىسىدىكى شاپائىتىڭنى قۇبۇل قىلدىم، دەيدۇ.مەسىلەن،زنا قىلغانلار ياكى ھاراق ئىچكەنلەر توغرىسىدىكى شاپائىتىڭنى قۇبۇل قىلدىم، دەيدۇ.

    ئى ئاللا ھەممىمىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسالام)پەيغەبىرىمىزنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشتۈرگەيسىز،ئامىن!!!

       پايدىلدنغان كىتاب:-سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستالانى شەرھى

مەنبە:.ئانا تۇپراق مۇنبىرى