رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

شەدا ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندىللىرىمدىن بىر موئمىن بەندىنى كىسەل ۋە باشقا بالار بىلەن سىنىسام،بەندەم ماڭا ھەمدۇ ئىيتپ،مىنىڭ سىناقلىرىمغا سەۋىر قىلسا،ھەقىقەتەن ئۇ كىسەل ئورنىدىن خۇددى ئانىسى تۇققان كۈندىكىدەك خاتالىقلاردىن ،گۇناھلىرىدىن پاك -پاكىز بۇلۇپ قوپۇدۇ،ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ،ئى كىرامەن كاتىبىنلەر!مۇھاىزەتچى پەرىشتلەر،ھەقىقەتەن مەن بۇ بەندەمنى ئۆزۈم كىشەنلەپ،ئەمەللىرىدىن تۇسۇپ قۇيغان،سىلەر ئۇنىڭغا،ئۇ ساق سالامەت ۋاقتىدا بىرلىدىغان ئەجىر ،ساۋابلارنى بىرۋىتىڭلار،ئۇ ساق چاغدىكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى يىزىڭلار!ئەھمەدتەبرانى،ئەبۇ يەئلا،ئەبۇ نۇئەيىم توپلىغان سەھى ھەدىس

ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن موئمىن بەندەمنى كىسەل قىلىش بىلەن سىنىسام،ئۇ مەن تۇغۇرلۇق يوقلاپ كىرگەنلەرگە شىكايەت قىلمىسا،ئەرىز قىلىپ،نارازلىق بىلدۈرمىسە،مەن ئۇنى ئەسىر قىلىشىمدىن ئازاد قىلىپ،قويۋىتىمەن،يەنى كىسىلىدىن ساقايتىۋىتىمەن،ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇ بەندىنىڭ گۆشىدىن ياخشىراق گۆشنى ،قىنىدىن ياخشىراق قاننى ئالماشتۇرۇپ بىرىمەن،ئاندىن ئۇ ئەمەللىرىنى يىڭىباشتىن يىڭلاپ قىلىدۇ. ھاكىم،بەيھەقى توپلىغان سەھى ھەدىس.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:مەن بەندەمنى ئۇنىڭ ئۇ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئىككى كۆزىنى ئىلۋىلىپ،قارىغۇ قىىلپ قۇيۇش بىلەن سىنىسام،ئاندىن ئۇ سەۋىر قىلسا،مەن ئۇنىڭغا ئىككى كۆزىنىڭ ئورنىغا جەننەتنى بىرىمەن. ئەھمەد،بۇخارى توپلىغان سەھى ھەدىس