رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئەبۇ سەلىمەنىڭ قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ ؛ جەھىشنىڭ قىزى زەينەپنىڭ قېرىندىىشى ئۇلۇپ كەتكەن چاغدا ،ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەنىدىم ،زەينەپ خۇش پۇراقنى ئەكەلدۇرۇپ ئىشلەتتى ،ئاندىن مۇنداق دېدى ؛ ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ،مېنىڭ خۇشپۇراققا ھاجىتىم يۇق ئىدى ،لېكىن رەسۇلۇللانىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ ،ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېيىتقان ئايالنىڭ ئۇچ كېچە كۇندۇزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس ،ئەمما ئېرىل ئۇلگەن بولسا ،ئۇنىڭغا 4ئاي 10 كۇن ھازا تۇتسا بۇلىدۇ ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم . ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان )

ئەبۇ مۇسا قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ھۇشىدىن كېتىپ قالدى ،ئۇنىڭ بېشى ئايالىنىڭ قۇچىقىدا ئىدى .بۇ چاغدا ئەبۇ مۇسا ( ئايالىنىڭ ۋارقىرىشىغا قارىتا ) بىرەر نەرسە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشقا قادىر بۇلالمىدى ،ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ؛ رەسۇلۇللا بىزار بۇلغان نەرسىدىن مەنمۇ بىزار ،رەسۇلۇللا بولسا ئۇز سېلىپ يىغلىغان ئايالدىن ،ھازا تۇتۇش يۇزىسىدىن چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن ئايالدىن ۋە كىيىملىرىنى يىرىتقان ئايالدىن بىزار بولغانىدى ،دېدى . ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان )

ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن :« ئۇلگەن ئادەم قەبرىدە ئۇنىڭغا باشقىلار ئۇز سىېلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبلىك ئازاب چېكىدۇ .» ( مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )