رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ئاللاھ غا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبا لىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن- يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشلىق قىلىڭلار).

1/303- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »جىبرىئىل ماڭا قوشنىلارنىمۇ مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن، دېگەن گۇمانغا كېلىپ قالغىدەك دەرىجىدە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]