رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

2/304- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن«. [مۇسلىمدىن]

يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: »ئەگەر شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن، ئاندىن قوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قارا، ئۇلارغىمۇ ئۇ شورپىدىن يەتكۈزگىن« دېيىلگەن.