رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

6/100- ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ياخشىدۇر. ئاللاھ ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا كۈچلۈك مۆمىننى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ياخشىلىق باردۇر. سەن ئۆزەڭگە پايدىلىق نەرسىلەرگە قىزىققىن. ئاللاھ دىن ياردەم تىلىگىن، ئەمەلدە سۇسلۇق قىلمىغىن. ئەگەر ساڭا بىرەر كېلىشمەسلىك يېتىپ قالسا، ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، دېمىگىن، ئاللاھ پۈتىۋەتكەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ خالىغىننى قىلىدۇ، دېگىن (ئاللاھ ساڭا پۈتكەننى تەن ئالغىن، ئاندىن ئاللاھ غا بولغان تولۇق ئىشەنچىڭ بىلەن ئاللاھ غا تەۋەككۈل قىلغىن). «ئەگەر، كاشكى“ دېگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ (كېلىشمەسلىك ۋە ھەسرەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)». [مۇسلىمدىن]

7/101 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ھاۋايى - ھەۋەس بىلەن پەردىلەنگەن، جەننەت كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان نەرسە بىلەن پەردىلەنگەن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]