رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

8/102 - ئەبۇئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە بەقەرەنى باشلىدى. مەن 100 ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇ قىلامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملاشتۇرۇپ ئوقىۋەردى. مەن سۈرە بەقەرەنىڭ ھەممىسىنى بىر رەكئەتتىلا ئوقۇيدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ سۈرە بەقەرە تۈگىگەندە رۇكۇ قىلماستىن، سۈرە نىسانى باشلىدى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرە ئال ئىمراننى باشلىدى. ئۇ ئايەتلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇدى. تەسبىھ ئايەتلىرى ئۆتكەن چاغدا تەسبىھ ئوقۇدى، دۇئا ئايەتلىرى ئۆتسە، دۇئا قىلدى ۋە پاناھ تىلەيدىغان ئايەتلەر ئۆتسە، پاناھ تىلىدى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: «سۇبھانە رەببئەل ئەزىيم» دېدى. ئۇ رۇكۇدا قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردى. ئاندىن «سەمىئاللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەل ھەمد» دېدى. ئاندىن قىيامدا رۇكۇغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: «سۇبھانە رەببىئەل ئەئلا» دېدى. ئۇنىڭ سەجدىسىمۇ قىيامغا ئوخشاش ئۇزۇن بولدى. [مۇسلىمدىن]