رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

16/110- ئىبنى ئەمر ئەنسارى بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق. بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر ئۇنى رىياخور دېيىشتى. يەنە بىر كىشى كېلىپ، بىر سا نەرسە سەدىقە قىلدى. كىشلەر: اللھ ئۇنىڭ بىر سا نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر، دېيىشتى. شۇ ۋاقىتتا، ((مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى تاقىتىنىڭ يېتىشچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقىدىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ. ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ(([1]) دېگەن ئايەت نازىل بولدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]