رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىر نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرماي ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۋېتىشى توغرا بولمايدۇ» -بۇخارى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيتتى:« كەچقۇرۇنلىقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن،ئەتىگەنلىكى كەچقۇرۇنلىقىڭنى كۈتمىگىن.ساق ۋاقتىڭنى غەنىمەت بىلىپ، كېسەل ۋاقتىڭدا قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال، ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال.» -بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۆرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:«دۇنيادا خۇددى مۇساپىر ياكى يولۇچىدەك بولغىن.» دېگەنىدى.