رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ:« ئى ئىنسانلار! اللە نى كۆپ ياد ئېتىڭلار! بىرىنچى سۈر چېلىنىدىغان ۋاقت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۈر ئەگىشىدۇ،ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ.» دەيتتى. مەن :«ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! مەن ساڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ » دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى. مەن:« تۆتتىن بىرى بولارمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى . مەن "«يېرىمنى قىلايمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :« خالىغىنىڭچە » دېدى.مەن :«ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:« خالىغىنىڭچە قىلغىن ،ئەگەر كۆپەيتسەڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى » دېدى . مەن :« بارلىق دۇئالىرىمنى ساڭا دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«ئۇ چاغدا غەم- قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغفىرەت قىلىنىدۇ» دېدى. -تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان.