رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار ! راسچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار .  سۈرە تەۋبە 119-ئايەت

ئاللاھ يەنە تائالا مۇنداق دەيدۇ : راسچىل ئەرلەر ۋە راسچىل ئاياللارغا ... ئاللاھ تائالا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى .  سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ،ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى . سۈرە مۇھەممەد   21- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

1-ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ھەقىقەتەن راسچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ ،ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ .بىر ئادەم ھەقىقى راسچىل بولسا ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راسچىل دەپ پۈتۈلىدۇ ، يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ ، جەزمەن بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋىرىپ،ھەتتاكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ .     بۇخاري ۋە مۇسلىم