رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھاجىلار ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ھەج پەرزىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1.ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۇكۇللىرىنى سالدۇرۇش.

2.قىزىتمىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئاغرىق پەسەيتىدىغان مەخسۇس دورىلارنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

3.زۇكام، باش ئاغرىق، قورساق ئاغرىق دارىلىرىدىن سەپەر بويىچە يېنىدا ئېلىۋېلىش.

4.ئىسسىقنىڭ كۆيدۈرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەلھەملەرنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

5.ئاشقازاننى بوشىتىدىغان ۋە ئاشقازان ئاغرىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان دورىلارنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

6.ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئېلىۋېلىش.

7.يارىلارنى، جاراھەتلەرنى تازىلايدىغان، مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدىغان سۇيۇقلۇقلارنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

8.ھەج جەريانىدا ئىسسىقنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئېلىۋېلىش.

9.قەنت كېسىلى، قان بېسىمى ۋە ھەر قانداق بىر كېسىلى بار كىشىلەر ئۆزلىرىگە يېتەرلىك دورىلىرىنى تولۇق ئېلىۋېلىشى ۋە ۋاقتى -سائىتىدە ئىستېمال قىلىشى.

10.سەپەر ئۈستىدە تاماقنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىش. مەسىلەن: تاماقنىڭ ھالال-ھاراملىقىا، پاكىزە ياكى ئەمەسلىكىگە، تەن ساقلىقىغا زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەب قىلىنىدۇ.

11.سەپەر ئۈستىدە گۆشلۈك تاماقنى كۆپ يېمەستىن، ئوتياش ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.

12.ھەج پائالىيەتلىرىدىن قايسىبىر پائالىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىمكانىيەتلا بولسا ئازراق يېتىپ دەم ئېلىش. چۈنكى مۇنداق قىلىشتا بەدەن ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى قايتۇرىۋالغان ۋە پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرغان بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھاجى ھەج پائالىيىتىنى كۆڭۈللۈك ۋە راھەت ئىچىدە ئادا قىلالايدۇ. بەدەننىڭ دەم ئېلىشتىن ئىبارەت ھەققىنى بەرمەسلىك كۆپىنچە ۋاقىتتا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى تەن ئۆزىنى راھەت ھېس قىلمىسا ئادەمنىڭ روھىياتىدىمۇ راھەتسىزلىك پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە ئىبادەتلەرنى تەلەبكە لايىق ھالدا ئورۇندىيالمايدۇ.

13.تازىلىققا رىئايە قىلىش. تازىلىق ھەر قانداق ۋاقىتتا شۇنچىلىك زۆرۈر بولغان بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن. ھاجىلارنىڭ ھەج جەريانىدا تازىلىققا رىئايە قىلىپ، پاكىزە يۇيۇنۇپ ۋە پاكىزە كىيىنىپ يۈرۈشى ئالاھىدە تەلەب قىلىنىدۇ. چۈنكى يۇقۇمنىلىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تازىلىققا رىئايە قىلمىغانلىقتىن، يېمەك-ئىچمەكنى ئىلغىماسلىقتىن ۋە پاكىزىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن بولىدۇ. ھەر قېتىم قولنى سوۋۇنلاپ يۇيۇپ تۇرۇش، قىستىلاڭغۇ جايلاردا بۇرنىغا ماسكا تاقىۋېلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

14.سۇ، سۈت، مېۋە شەربەتلىرى قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىچىش، قىيىن ھەزىم بولىدىغان ئېغىر تاماقلارنى ئازراق يېيىش.

15.كۈننىڭ ئىسسىقىدىن ساقلىنىش ۋە كۈندۈزى چۈش ۋاقىتلىرىدا ئىمكان قەدەر سىرتقا چىقماسلىق، سىرتتا بولغان تەقدىردە ھەمىشە كۈنلۈك ئىشلىتىش ۋە ئۈستى ئوچۇق جايلاردا كۆپ تۇرماسلىق، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئىھتىيات قىلىش.

16.تەييار يېمەكلىكلەردىن ئۈستى ئوچۇق يېمەكلىكلەرنى ئالماسلىق ۋە يېمەكلىكنىڭ پاكىزىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش. تەييار يېمەكلىكلەرنى سېتىپ ئالغاندا ئۇنىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغا دىققەت قىلىش.ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىپ ئالماسلىق لازىم. چۈنكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى ئۈستى ئوچۇق يېمەكلىكلەر ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، ھەتتا  بەزى ئەھۋاللاردا ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ.

17.پۈتۈن سەپەر جەريانىدا ۋە ھەج پائالىيىتى ئەسناسىدا قول ئېيتىدىغان مەخسۇس قەغەزلەرنى يېنىدا ساقلاش ۋە ئىشلىتىپ بولغاندا مەخسۇس ئەخلەت قۇتىسىغا تاشلاش.

18.مەلۇم كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ شۇ كېسىلىنى كۆرسەتكەن مەخسۇس كىنىشكىسىنى يېنىدا ساقلىشى زۆرۈر بولۇپ، بىرەر ئەھۋال يۈز بەرگەندە دوختۇرلارنىڭ كېسلنى تەكشۈرۈش ۋە تىز قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئوڭايلىقتۇر.

19.تەن ساقلىق تەرەپتىن بىرەر غەيرى نورمال ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش ۋە بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىق لازىم. چۈنكى كۆپلىگەن كېسەللەر ۋاقتىدا دورىسىنى قىلىش بىلەن تىزلا ساقىيىپ كەتكىنىدەك، ۋاقتىدا دوختۇرغا بارمىغانلىقتىن بەزى كېسەللەر ئىلگىرلەپ كېتىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

20.سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان بىر مەملىكەت بولغانلىقتىن، ئىھرام باغلاشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ھاجىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسسىقتىن ساقلايدىغان، يېلىڭرەك كىيىملەرنى كىيىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ۋە قىستىلاڭغۇلۇق كېلىپ چىقاان ئىسسىقلىق ھەممىسى بىر بولۇپ قېلىن كىيىملەرنى كىيىۋالغان كىشىلەرگە بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئىسسىقتىن ۋە ھارارەتتىن ساقلىغۇدەك يېلىڭراق كىيىملەرنى كىيىش ياخشىدۇر.