رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m040.jpg

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر . بىز ئۇ ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم، ھىدايەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. ۋە نەپسىمىزنىڭ يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا ئۇ توغرا يول تاپقان بولىدۇ، ئاللاھ  ئازدۇرغانلارنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچىسى بولمايدۇ. بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكسىز ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بەندىلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرگە ئۇلارنى يەر - يۈزىگە ۋارىس ۋە ھۈكۈمران قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر». [1]

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ياردەمگە لايىق بولىدىغان كىشىلەرنىڭ قەيەردە ۋە قاچان مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىمىگەن. ئەكسىچە، ھەر زامان ۋە  ھەر ماكاندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۇ ئەۋلادلارنىڭ شەرتلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر». [2]

مۇسۇلمانلار قانچىلىك تىرىشسا تىرشسۇن، ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ھەرىكەت قىلسا قىلسۇن، ئىسلامنىڭ بۇرۇنقى ئىززەت ۋە شەرىپىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام بۇرۇنقى شەرىپىگە ياكى ئىززىتىگە، مۇسۇلمانلار غەلبىگە ئېرىشىپ يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدىغان ئەۋلادلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، داۋۇدقا نازىل قىلىنغان زەبۇردا زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق». [3]

دېمەك: ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى ئۇلاردا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەر تولۇق ۋە مۇكەممەل تېپىلىدىغان كىشىلەرنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۈگەتتىكى،  بۇرۇنقى نەسىللەردىن پەقەت بىرلا نەسىل، يەنى ساھابە نەسل ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئېشىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرنى ئۆزىدە تولۇقلىغان.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مۇكاپاتاتىنى ناھايىتى تىز بەرگەن ۋە ئۇلارنى يەر يۈزىگە ۋارىس قىلىپ،  قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە زېمىننىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىگە ھاكىم قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق  دەيدۇ: « ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟». [4]

ئۈممىتىمىز تارىختا ياشىغان ئىنچىكە باسقۇچلارنى بىزنىڭمۇ ياشىشىمىز لازىم. چۈنكى ئىسلام ئۈممىتىنى زۇلمەت قاپلاپ كەتكەن، دەھشەت ۋە قورقۇنچ تۈنەلى ئىچىدە يۈرۈۋاتقان، بەدەنلىرىدىن قانلار تارام - تارام ئېقىۋاتقان بىر پەيتتە ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ كېلىشى چۇقۇمدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، غەلىبىگە ئېرىشىپ، يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدىغانلىقى ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان ئاشۇ نەسىلنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۈلەيلى ياكى  قانچىلىك قۇربان بېرەيلى،  ھەممە بىردەك قەدەم بېسىشىمىز ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، ساھابە نەسىلنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسىگە قانداق ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە باش قاتۇرۇشىمىز، ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن يولنى بىزنىڭمۇ بېسىپ ئۆتىشىمىز، ئۇلار كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى بىزمۇ كۆرسىتىشىمىز لازىم.

نېمە ئۈچۈن غەلىبە ۋە يەر يۈزىگە ھاكىم بولۇش ۋەدە قىلىنغان نەسىل ھەققىدە توختىلىمىز؟

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن خارلىق، پۈتۈن بەدىنىنى جاراھەت قاپلاپ كەتكەنلىكتىن ئاجىزلىشىش ۋە ھالسىزلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىر خەلىپە ۋە بىر بايراق ئاستىغا يېپىشماستىن، بەلكى خىلمۇ - خىل كۆز قاراش ۋە پىرقىلەرگە بۈلۈنگەنىلك سەۋەبىدىن دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تالان - تاراچ قىلىشىغا ئۇچرىماقتا ياكى تالان- تارانچ قىلىنماقتا.   ھەتتا، بىز مۇسۇلمانلار يەر - يۈزىنىڭ ئەڭ بىچارە ۋە خار،  ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىنسانلىرى بولۇپ قالدۇق. مايمۇن ۋە چوچقىلارنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىزنى ئاياقلىرى بىلەن دەسسەپ چېنىدى ۋە ئەڭ قاتتىق ئازاپلارنى تېتىتتى. بالا - چاقىلىرىمىزنى ئۆلتۈردى، ئۆي - ماكانلىرىمىزنى يېقىپ ۋەيران قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. سان - ساناقسىز ياشلىرىمىزنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئۈممىتى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ئاچچىق ھەقىقەتتۇر. خوش بۇ خارلىق قاچانغا قەدەر داۋام قىلار؟؟؟               داۋامى بار..............................

 

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

 

--------------------------------------------------------------------------------

[1]  سۈرە ئەئراپ 128-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 [2]  [سۈرە نۇر 55-ئايەت]

[3]  (سۈرى ئەنبىيا 105- ئايەت]

[4]  [سۈرە تەۋبە 111- ئايەت]